خىيالىڭدا بار بىرلا تۇيغۇ
خىيالىڭدا بار بىرلا تۇيغۇسۇۋۇپ كەتتى چەينەكتىكى چاي .
كۆزلىرىڭگە كەلمەمدۇ ئۇيقۇ؟.
ئۇخلاپ قالدى راسلانغان جاي .
خىيالىڭدا يەنە بىر تۇيغۇ.
خىيالىڭدا ئەمەس بەزمىلەر.
قايناق بازار ئاۋات رەستىلەر .
ئالدىڭدا كۆپ تاپشۇرۇق دەپتەر .
كۆز ئالدىڭدا ئوماق «ئەسكىلەر».
توساتتىنلا ئىش ئۈستىلىڭدە .
پەيدا بولدى خىلمۇ خىل سەيلەر .
ھەر بىر نۇمۇر ھەر بىر باھا سۆز .
كەيىپلىكتە توختىماي لەيلەر .
شۇنداق پەيزى« رەڭلىك ئولتۇرۇش» .
باردۇر بۇندا قارا ۋە قېزىل.
گاھى خوشتۇر.گاھى ئېسەدەش .
بۈگۈن سورۇن شۇنداقمۇ ئېسىل !.
چىققىنىدا خەقلەر قاۋاقتىن .
قولتىقىدا بىردىن ئېزىتقۇ .
مۇئەللىم سەن يەنە ئۈستەلدە .
خىيالىڭدا بار بىرلا تۇيغۇ.
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى (چىراناھيىسى)
شۇنداق پەيزى« رەڭلىك ئولتۇرۇش» . باردۇر بۇندا قارا ۋە قېزىل. گاھى خوشتۇر.گاھى ئېسەدەش . بۈگۈن سورۇن شۇنداقمۇ ئېسىل !. چىققىنىدا خەقلەر قاۋاقتىن .قولتىقىدا بىردىن ئېزىتقۇ . مۇئەللىم سەن يەنە ئۈستەلدە . خىيالىڭدا بار بىرلا تۇيغۇ.بۇ مىسرالارنى ياقتۇردۇم بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شىئېرىڭىزدىن مەسئۇليەتچان بىر مۇئەللىمنىڭ سىماسىنى كۆرگەندەك بولدۇم. ياخشى يېزىپسىز. لىكىن نىمىشقىدۇر شىئېرىڭىزدا دىمەكچى بولغان مەلۇم بىر ئىددىيەنى بەكلا ئىچ ئىچىگە يۇشۇرۋەتكەندەك ھەم ھېسياتتا سەل قېيىش يۈز بەرگەندەك تۇيغۇدا بوپ قالدىم. ياخشى يېزىپسىز ، شىئىرلىرىڭىز بارغانسېرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ ، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن . ياخشى يىزىپسىز تىخمۇ تىرشىڭ . مەن شېئىرىڭىزدىكى ھىسياتنى چۈشەنمىگەندەكلا تۇيغۇدا.
بەت:
[1]