روھلاندا كۈندىلىك خاتېرە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-12 22:37روھلاندا كۈندىلىك خاتېرە
تېما تەۋېسيە قىلغۇچى : ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى (ئاسۇق)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان ئەھلى. ھەممىڭلارغا كەمىنە ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلىدىن ئوتلۇق سالام ۋە ئالىي ئېھتىرام بولسۇن. ئائىلەڭلار شادلىققا تولسۇن ئەزىز تېنىڭلار سالامەت بولسۇن.مەن بۇ مونبەرگە كىرگىلىمۇ 3 يىلدىن ئېشىپتۇ. روھلانغا كىرىپ بۈگۈنگىچە بولغان بۇ كۈنلەردە روھلان مىنىڭ (تور شارائىتىم يار بەرسىلا) ئەڭ يېقىن سىردىشىمغا ئايلاندى. يىغىپ ئېيىتقاندا روھلانغا بەرگىنىمدىن ئالغىنىم كۆپ بولدى. ئەڭ مۇھىمى مەن روھلان ئارقىلىق نەچچە مىڭ ئوقۇرمەنلەرگە، روھلان ئارقىلىق نۇرغۇن دوسقا ۋە ئەڭ سەمىمىي قوللاشقا ئېرىشتىم.روھلان ئارقىلىق قەلەمكەش ئاتالدىم......شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن بىر شىئېر ياكى بىرەر ماقالە يازسام روھلانغا يوللاشقا ئالدىرايدىغان، تور بار يەرگە كەلسەملا ئىختىيارسىز روھلان مونبىرىنى ئېچىپ يېڭى يوللانغان تېمىلارنى ئارلايدىغان قىسقىسى روھلان بىلەن مۇڭدۇشۇشنى خالايدىغان بىر خىل ئادەت ماڭا ئىزچىل ھەمرا بولۇپ كەلدى. مىنىڭچە ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن بۇ ھېس ھاياجان يالغۇز مەندىلا ئەمەس.45مىڭدىن ئارتۇق ئەزاسى بار بىر مونبەرنىڭ دائىملىق ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەر قايسىڭىزلارغا مۇنداق بىر تەكلىپنى سۇنماقچىمەن. ئۇ بولسىمۇ روھلاندا بىر ‹‹كۈندىلىك خاتېرە›› يېزىشنى دائىملاشتۇرساق. بۇنىڭ بىلەن روھلاندىكى ئەزالارنىڭ بىر بىرىنى چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ھەم ئۆز ئارا تېخخمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا پىكىرلىشىش سورۇنى ھازىرلىغىلىبولارمىكىن دىگەن ئۈمۈددىمەن.بۇنىڭدا كىم قانداق ۋاقىتتا قانداق ئىشقا دۇچ كىلىپ ياردەم لازىم بولسا ، بىرەر مەسلىھەتكە موھتاج بولسا ، ياكى شۇ بىر كۈنلۈك پائالىيتىدىن ئالغان بىرەر ھېس ھاياجىننى ، قىسقا تېتىملىق ئەقلىيە سۆزلەر، ياختۇردىغان ھېكمەتلەرنى، جەمئىيەت ،نىكاھ، مۇھەببەت، تۇرمۇش توغرىسىكى كۆز قاراشلىرىنى ، قىينچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياكى تەسەللىگە موھتاج بولغانلارغا ئەڭ سەمىمىي تىلەكلەرنى قالدۇرسىمۇ ، ئەڭ گۈزەل ئەسلىمىلەرنى، يېقىن دوسلىرىغا دىمەكچى بولغان ( ئومۇمەن دۆلەتنىڭ بىرلكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا خىلاپ ياكى دۆلەت قانۇن نىزاملىرىغا زىت بولمىغان ) كۈڭۈل سۆزلىرىنىقالدۇرسىمۇبولدۇ. ئەمما قالدۇرغان خاتېرمىز چۇقۇم قىسقا ھەم تېتىملىق بولىشى كېرەك. مۇنداق بولغاندا باشقا تورداشلارمۇ قىسقا ۋاقىتتا ئوقۇپ بەھىر ئالالايدۇ ھەم يازغىنىڭىزنى تېخخمۇ كۆپ تورداشلار ئوقۇيدۇ.
ئەمسە قېنى مەرھەمەت روھلان ئەھلى ...............
تۇنجى قەدەمنى ئۆزۈم باشلىدىم ئەمسە:P
يىللار ئاجايىپ تېز. مانا بۇ يىل قىرىق ياشنى قارشى ئېلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. شۇ تاپتىكى ھېسياتىمنى ئىپادىلەپمۇ بېرەلمەيمەن. قىرىق ياشلىق بىر ئەر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بىھۇدە ئۈتۈپ كەتكەن ئاشۇ ھاياتىم ھەققىدە قىسقا خولاسە قىلىدىغان ۋاختىم كەلدى دەپ ئويلايمەن. قىرىق ياشتا ھايات ھەققىدە ئويلىنىشنى ئاساس، ئويغۇنۇشنى نىشان قىلالمىساڭ ئۆزۈڭگە لەنەت ئوقۇ دىگۈم بار ئۆزۈمگە.
بۇ دۇنيا سىنىڭ نەتىجىلىرىڭگىلا كۆز تىكىدۇ. سەن خوشال بولغاندا قارىساڭ بۇ دۇنيادىكى ھەممە نەرسىلەر سەن ئۈچۈن خۇش بولغاندەك، سەن ئۈچۈن تەنتەنە قىلۋاتقانداك ، سىنى تەبرىكلەۋاتقاندەك كۆرۈندۇ. ئەپسۇس سەن ئوڭۇشسىزلىققا ياكى بىرەر كۈڭۈلسىزلىككەئۇچراپ ھەسرەت چىكىۋاتقاندا قارىساڭ سەن ئويلىغان بۇ <رەھىمدىل>دۇنيانىڭ بىر تال مويىمۇ تەۋرەپ قويمايدۇ.قوياش يەنە ئاۋالقىدەك شەرىقتىن چىقىپ غەرىپكە پېتىۋېرىدۇ.بارلىق ئادەملەر يەنىلا ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئالدىراش ، ساڭا قاراپ قۇيۇشقا چولىسىمۇ تەگمەيدۇ.دەرەخلەر ساڭا يۇپۇرماقلىرىنىمۇ تاشلاپ بەرمەيدۇ. ھەتتا سەن ئۈلۈپ كەتسەڭمۇ بۇ<رەھىمدىل>دۇنيا ئاشۇ ئاسمانلىرىنى قارا بۇلۇت بىلەن بېزەپ ساڭا ھازا تۇتۇپمۇ قويمايدۇ.
(خاتېرەمدىن) ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئاكا-ئىنى،ھەدە-سىڭىللار مەنمۇ ئاز تولا ئۆزەمنىڭ كۆڭۈل سىرىمنى بايان ئەيلەي…
گەرچە مەن بۇ ئىلىم -بۇلىقىغا ئەزا بولۇپ كىرگىلى نەچچە ئايلا بولغان بولسىمۇ،لىكىن مىنىڭ روھلانغا بولغان ھۆرمىتىم،مىھرىم ھەر قايسىڭلاردىن قىلىشمىغۇدەك دەرىجىدە چوڭقۇرلاشتى،ئابدۇرىيېم ئاكام ئىيىتقىنىدەك بىكار بولساملا مۇنبەرنى ئارىلىغۇم كىلىدىغان ،ھەتتا خۇمار دىسەممۇ بولىدۇ، دىمەكچى;-قولۇمغا تىلفۇنۇم چىقسىلا ئىختىيارسىز قولۇم روھلانغا يۈگرەيدۇ ، يىغىنچاقلىغاندا ماڭا بولغان تەسىرى بەكمۇ چوڭ ئۆگەتكەنلىرى كۆپ بولدى ، مەن مۇشۇنچىلىك سۆزلەي قىنى قالدى گەپ سىلەرگە قالدى…
ئوبدان گەپ. بىراق نەگە يازىمىز؟ مۇشۇ تېما ئاستىغا؟ ۋەئەلەيكۇم.ئەسسەلام. سالامنى قايتۇرماپتىمەن ئوبدان گەپ. بىراق نەگە يازىمىز؟ مۇشۇ تېما ئاستىغا؟ ۋەئەلەيكۇم.ئەسسەلام. سالامنى قايتۇرماپتىمەن ھەر بىر كۈن بىز ئۈچۈن يېڭى باشلىنىش ، يېڭى سەھىپە ، يېڭى مەنزىل . ھەر بىر كۈننىڭ ھەر بىر قەدىمىنى ناھايىتى ئىنچىكە پىلانلاپ ، ئەستايىدىل ئويلىنىپ بىسىش بىزنىڭ پۈتۈن ھاياتىمىزدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ . مەغلۇبىيەت زەنجىرى بىزنىڭ ئالدىمىزنى توسقاندا بىز قەتئىي بوشاشماي قايتا - قايتا سىناپ بېقىشقا جۈرئەت قىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقىي مەۋجۇتلىقىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك ، شۇندىلا بىزگە بىرىلگەن ۋاقىتتىن ئۈنۈملۈك قىممەت ياراتقان بولىمىز .
باشقىلارنىڭ نەتىجىسىگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ ئولتۇرۇش بىزنىڭ ۋاقتىمىزنى ئۇپرىتىدۇ . بىزدىمۇ مۇ باشقىلاردىن قىلىشقۇسىز دەرىجىدە قىممەت يارىتالايدىغان ئىقتىدار بار ، گەپ بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش - قىلدۇرماسلىقىمىزدا . مېنىڭچە ھويلىمىزدە كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان يەر بولسا، شۇيەرگە يازساق ياخشى بولاتتى. كۈندىلىك خاتېرىنى مۇشۇ تېما ئاستىغا يازىمىزما ؟ خەيىرلىك سەھەر روھلان ، ساڭا يەنە بىر قەلىب سۆزۈمنىقالدۇرغۇم كەلدى .............
بىلىپ قال دىلبەر،سىنىڭ مەن تەرەپكە ئالغان قەدىمىڭنى ئاستىلاتقان ۋاختىڭ مىنىڭ ساڭا ئاتىغان يۇرۇكۇمنىڭ سۇقۇشتىن توختاپ قالغان ۋاختىغا توغرا كىلىپ قالدى . شۇڭا بۇ ھېكايدە نە خوشاللىق نە ئازاپ – ئۇقۇبەت مەۋجۇت ئەمەس .