سارسان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 22:27:06

بۇ رەڭ سىزگە قانداق كۆرۈندى؟

تۈنۈگۈن دەرس دەم ئارىلىقىدا بىر ئوقۇغۇچىم تۆۋەندىكى كۆڭلەك رەسىمنى كۆرسىتىپ مۇئەللىم بۇ كۆڭلەكتىكى رەڭ سىزگە قانداق كۆرۈندى دەپ سورىدى. مەن ئۇنۇڭغا ئاق ۋە ئالتۇن رەڭ كۆرۈندى دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ ئوقۇغۇچىم بۇ رەسىمدىكى رەڭ ماڭا كۆك ۋە قارا كۆرۈنۈۋاتىدۇ دېدى. ئۇ ماڭا يەنە ھازىر مۇشۇ رەسىمدىكى رەڭ توغرىلىق ھەرقايسى تاراتقۇلاردا مۇنازىرە بولۇۋاتىدۇ دېدى. بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرس باشلاشتىن بۇرۇن ئوقۇغۇچىلىرىمدىن بۇ رەسىمدىكى رەڭنىڭ ئۇلارغا قانداق كۆرۈلگەنلىكىنى سوراپ باقتىم. سىنىپىمدا 30 دىن كوپ ئوقۇغۇچى بار ئىدى، بۇلارنىڭ يېرىمى بۇ رەسىمدىكى رەڭ “ئاق ۋە ئالتۇن رەڭ”، يەنە يېرىمى “كۆك ۋە قارا رەڭ” دەپ جاۋاب بەردى.ئۆيگە قايتقاندا ئوغلۇمغا بۇ رەڭنى كۆرسەتسەم، ئۇ بۇ رەڭ “كۆك ۋە قارا” دەيدۇ. بۇ جاۋاپلارغا قاراپ رەڭنىڭ كاللىدا ياسىلىپ چىقىلىشى ئادەملەرگە قاراپ ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. بۈگۈن تاراتقۇلارغا قارىسام بۇ كۆڭلەك رېڭى توغرىلىق دۇنيا بويىچە مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىپتۇ.دۇنياغا داڭلىق بايقاش ژۇرنىلىمۇ بۇ ئۇچۇرنى ئېلان قىلىپ، راي سىناپ بېقىپتىكەن 75% ئادەم بۇ كۆڭلەك رېڭىنى“ئاق ۋە ئالتۇن رەڭ”، 25% ئادەم بۇ رەڭنى “ كۆك ۋە قارا رەڭ” دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. ئەمدىكى گەپ بۇ كۆڭلەك رەڭگى سىزگە قانداق رەڭدە كۆرۈنىدىكەن؟

http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201502/28/083411bxoz20vp5byn2y7c.jpg.thumb.jpg

تىلفۇندا رەسىمنى كۆرۇش ئادىرىسى

ئەسلى مەنبە ئادىرىسى

http://bbs.izdinix.com/thread-62606-1-1.html


ئەسكەرتىش   بۇ تىما ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن تۇرداشلارنىڭ كۆرۇپ بىقىشى ئۈچۈن كۈچۇرۇپ كىلىندى رەڭ سەزگۈرۇڭلارنى سىناپ بىقىشىڭلارنى ئەمماتۇرداشلارنىڭ رەڭ تالىشىشىپ تۇقۇنۇشۇپ قالماسلىغىڭلارنى ئۇمىد قىلىمەن

ئەسلى مەنبەدە ھەرخىل ئىنكاسلار ،مۇنازىرىلەر چۇشۇپتۇئۇلارنىمۇ كۆرۇپ باققايسىلەر

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 22:31:34

ماڭا دەسلىۋىدەئاق ۋە ئالتۇن رەڭبىلىندى   كىينچە سۇس كۆك ۋە قۇڭۇربىلىندىئەمما قارا رەڭنى ئەسلا تاپالمىدىم   قالغان تۇرداشلار نىمە دەيدىكىن؟

كىرەم953 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 23:30:13

ماڭىمۇ سۇس كۆك ۋە قۇڭۇر رەڭكۈرۈنۈۋاتىدۇ!    ئىككى ئادەمگە ئوخشاش كۈرۈنۈپتۇ قالغانلارمۇدەپ بېقىڭلار!

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 00:28:24

مەنمۇ رەڭگىنى ئېنىق پەرقلەندۈرەلمىدىم .

كەمتۈك يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 00:57:19

توۋادەيمۇئ‍ەمدى         

ئەزمەت00 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 01:08:16

ماڭا كۆك ۋە ئالتۇن رەڭدە كۆرۈندى

yanfun يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 03:18:16

سالونلاردا بىلەت تاشلاپ كىتىپتۇ، تىخى

يارسىز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 09:01:11

ما ئىشنى كۇرۇڭ كۇزىمىز بىزنى ئالداۋاتامدۇ يا بىز كۇزىمىزنى ئالدىدۇقمۇ

ask007 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 09:27:37

ماڭىمۇ قارا ۋە كۆك رەڭدە كۆرۈندى .

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 09:59:47

ئۈندىداردىمۇ مۇشۇ پاراڭ، بۇ يەردىمۇ مۇشۇ پاراڭ.
بەت: [1] 2 3
: بۇ رەڭ سىزگە قانداق كۆرۈندى؟