alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 14:36:11

پىروگراممېر بولماقچى بولغانلارغا دېمەكچى بولغانلىرىم

http://alpbeg.cn/wp-content/uploads/2015/03/671A9EF0-F27C-FC54-30C0-0011078B46EC.jpg

مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى پىروگرامما تىلى ساھەسىدىن چېكىنگەنلىكىم ئۈچۈن ئەسلىدە بۇ تېمىدا مۇنازىرە قىلمىسام بولاتتى. لېكىن بەزى يېڭىياچىلار، پىروگرامما تىلى ئۆگىنىشنى قەيەردىن، قايسى تىلدىن باشلاپ، قانداق يۆنىلىشتە ئۆگنىشنى بىلەلمەيۋاتقانلار بىلوگۇم، ئۈندىدار، ئېلخەت، چ چ ۋە بىر قىسىم مۇنبەرلەردە سورىغان بولدى. بەزەنلىرىگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگىنىم، بەزەنلىرىگە جاۋاب بەرمەي، كېيىنچە جاۋاب بېرىدىغىنىمنى دەپ ئۆزۈمنى قاچۇرۇپ يۈرگەنمۇ بولدۇم.
 كىرىش
بەرھەق! ھازىر دۇنيادىكى باشلامچىلار دەل مۇشۇ IT ساھەسىدىن چىقىۋاتىدۇ. بۇ ساھەدە ئىلگىرى-كېيىنلىك ئۇقۇمى يوق. سىزدە پەقەت لايىقىدا ئىقتىدار، ئىقتىساد، تەتقىقات قوشۇنى ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان ئىدىيە بولسا بۇ ساھەدە تېزلا كۆتۈرۈلەلەيسىز. بۇنىڭ تىپىك ۋەكىلى "فەيسبۇك"نىڭ قۇرغۇچىسى [مارك زاكېر بېرگ]دۇر.
يېڭىلىق يارىتىشچانلىق...
يۇقىرىدا تىلغا ئالغان "يېڭىلىق يارىتىشچان ئىدىيە" نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ زاغرا تىل بىلەن چۈشەندۈرگەندە: {ئۇلار نېمىگە ئەڭ ئېھتىياجلىق؟} دېگەندىن ئىبارەتتتۇر. گەرچە بۇ تۆرت خەتتىن تەركىب تاپقان ئاددىي سۆزلۈكلەر تىزمىسىدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، بۇ دەل يېڭىلىق يارىتىشنىڭ بىرىنچى قەدەم باسقۇچىدىكى بىز ئۆزىمىزدىن چوقۇم سوراشقا تېگىشلىك بولغان سۆزدۇر.   IT  ساھەسىدە سىز باشقىلارنى دورايمەن دەپ ۋاقىت ۋە ئىقتىسادنى ئىسراپ قىلماڭ! زېھنىڭىزنى {مەن نېمە قىلالايمەن؟ نېمە قىلىشىم كېرەك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن نېمە ئۆگىنىشىم كېرەك؟} دېگەنلەرگە قارىتىڭ.
قايسى پىروگرامما تىلى نوچى؟
ھەممە پىروگرامما تىلى شۇنداق قالتىس! پەقەت سىز ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىچىگە كىرىپ ئۆگىنەلىگىنىڭىزگە باغلىق. مەن بۇ يەردە پىروگرامما تىلىنى تاللاپ ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. نېمىشقا؟ چۈنكى ھەر بىر پىروگرامما تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىنىدىغان ساھەسى بار. دېمەك سىز پىروگرامما تىلى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ئاۋۋال مۇقىم بىر ساھەنى ئۆزىڭىزنىڭ ئوتتۇرا مۇددەتلىك ۋە ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان قىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. نىشان ئېنىق بولدىمۇ؟ مەن سىزگە بىر مىسال ئېلىپ سۆزلەي، ياردىمى تېگىپ قالار.
نەزەر
ھەممە پىروگرامما تىلى شۇنداق قالتىس! پەقەت سىز ئۇنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىچىگە كىرىپ ئۆگىنەلىگىنىڭىزگە باغلىق. مەن بۇ يەردە پىروگرامما تىلىنى تاللاپ ئۆگىنىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. نېمىشقا؟ چۈنكى ھەر بىر پىروگرامما تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم قوللىنىدىغان ساھەسى بار. دېمەك سىز پىروگرامما تىلى ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ئاۋۋال مۇقىم بىر ساھەنى ئۆزىڭىزنىڭ ئوتتۇرا مۇددەتلىك ۋە ياكى ئۇزاق مۇددەتلىك نىشان قىلىۋېلىشىڭىز كېرەك. نىشان ئېنىق بولدىمۇ؟ مەن سىزگە بىر مىسال ئېلىپ سۆزلەي، ياردىمى تېگىپ قالار.
نوقتىئىينەزەر
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدا يان تېلېفون. ئالما، ئاندرويد، ۋىندوۋس... لار. بۇنىڭ ئىچىدە ھەممىدىن ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقىنى بولسا ئالما يان تېلېفونىدۇر. ئازراق بىر ئوي كاللىڭىزنى غىدىقلاۋاتامدۇ؟ ناۋادا غىدىقلىغىنىنى سەزمىگەن بولسىڭىز دەرھال بۇ تېمىدىن چېكىنىڭ(ئانچىمۇنچە ھەيۋىمۇ قىلىپ قويىمەن، ئۆزەمچە)!!! گەرچە بۇ سۇپىدا ئۇيغۇر ئىستېمال بازىرىغا ئەپ ياساپ سېتىپ پۇل تېپىشتىن ئۈمىد كۈتمىسەكمۇ بولىدىغاندەك تۇرسىمۇ، ئەمما پىروگرامما ساھەسى مەلۇم بىر ئۇلۇس، رايون، تىل-يېزىق ۋە ياكى دۆلەت بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ. ئەمدى بىز بۇ سۇپىغا ئەپ ئېچىشتىكى پىروگرامما تىلى بىلەن تونۇشۇپ چىقىمىز.
OBJECTIVE-C
1. OBJECTIVE-C ---›; بۇ پىروگرامما تىلى مەخسۇس IOS سۇپىسى ئۈچۈن C تىلىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ چىقىلغان ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن پىروگرامما تىلىدۇ. بۇنى ئۆگىنىش بىر قەدەر تەس، گىرامماتىكىسى قىيىن، جۈملە - فۇنكسىيەلىرى مۇرەككەپرەك بولغان تىل.
Swift
2. Swift ---›; بۇ پىروگرامما تىلىنى ئالما شىركىتى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان بولۇپ، OBJECTIVE-C نىڭ نۇرغۇنلىغان كەمچىللىكلىرىنى تۈزەتكەن ئاساستا گىرامماتېكىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئاچقۇچىلارغا ئىلھام بېغىشلاش مەقسىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان تىلدۇر.
گەپ مۇشۇ يەرگە كەلدى، ئاۋۇ ئۈستىدىكى ئىككى پىروگرامما تىلىدىن Swift تاللايدىغانلار كۆپ سالماقنى ئىگىلىدى. Swift نى تاللىغانلار ئىنكاس يېزىڭلار، تاللىغانلارنىڭ ئاز - كۆپلىكىگە قاراپ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىشىم مۇمكىن. پىروگراممېر خەق دېگەن ئاسانكەن، قىيىنكەن دېگەن مەۋقەنى لۇغىتىڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار! سىلەرنىڭ مەقسىتىڭلار ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاسانلىق، خۇشاللىق ۋە بەخت يارىتىش. تەس بولسىمۇ ئىشلەتكۈچىلەر ياقتۇرسا قىلىش كېرەكتە، ئەلۋەتتە.
ئەمدى تېمىنىڭ يامان يېرىگە كەلدۇق، قولۇڭلارنى كەينىگە قىلىپ، راۋۇرۇس ئولتۇرۇڭلار!
1. Swift پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىپ بولدۇم(بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىڭىز ئۆگەندىڭىز دەۋاتىمەن)، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى نېمىدۇ؟ ئادەتتە تۇرمۇش رېتىمىمىز تېز، خىزمەت بېسىملار بەكلا ئېغىر، شۇنداق بولغاچقا كۆڭۈل ئېچىش خارەكتېرىدىكى ئەپ ئېچىش ياخشى تاللاش بولۇپ قالىدىغىنى ئېنىق. لېكىن ئويۇن ياساپ باشقىلارنى ئويۇندىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلىۋەتكەندىن، بۇنداق ئەپنى ياسىمىغىنىم تۈزۈكمۇ قانداق؟ - دەپ ئويلاپ قالماڭ. شەيئىلەرنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز دەپ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى سىز لايىھەلىگەن ئويۇننى كېچە-كېچىلەپ ئوينىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، يولىدا كاللىسىنى ئارام ئالدۇرۇپ ئوينىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.
ئېھتىياجنى بايقاش
1. Swift پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىپ بولدۇم(بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆزىڭىز ئۆگەندىڭىز دەۋاتىمەن)، ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجى نېمىدۇ؟ ئادەتتە تۇرمۇش رېتىمىمىز تېز، خىزمەت بېسىملار بەكلا ئېغىر، شۇنداق بولغاچقا كۆڭۈل ئېچىش خارەكتېرىدىكى ئەپ ئېچىش ياخشى تاللاش بولۇپ قالىدىغىنى ئېنىق. لېكىن ئويۇن ياساپ باشقىلارنى ئويۇندىن باش كۆتۈرەلمەيدىغان قىلىۋەتكەندىن، بۇنداق ئەپنى ياسىمىغىنىم تۈزۈكمۇ قانداق؟ - دەپ ئويلاپ قالماڭ. شەيئىلەرنىڭ پايدىلىق ۋە پايدىسىز دەپ ئىككى تەرىپى بولىدۇ. ئىشلەتكۈچى سىز لايىھەلىگەن ئويۇننى كېچە-كېچىلەپ ئوينىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى، يولىدا كاللىسىنى ئارام ئالدۇرۇپ ئوينىشىمۇ ئۆزىنىڭ ئىختىيارى.
ئەمەلگە ئاشۇرۇش
2. قانداق ئويۇننى لايىھەلەش كېرەك؟ توردىن ئەنئەنىۋىي فىلەش(Filash) ئويۇنلىرىنى تېپىپ ئويناپ بېقىڭ. سىزگە ياقتىمۇ؟ بۇنى ئويناۋاتقانلارنىڭ سانى قانچىلىككەن؟ ھىم! بىر ئويۇننى، يەنى تاغ ئۆڭكۈلەردىكى توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتىدىغان ئالەم كېمىسى ئويۇنىنى نامزاتلىققا تاللىدۇق. بۇنىڭغا نەچچە ۋاقتىن بېرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىڭىز ۋە يەنە ئۆگىنىشىڭىزگە لازىملىق بىلىملەرنى ئۆگەنگەچ بۇ ئەپنى ياساپ چىقتىڭىز. ئەمدى بۇنى ئۇيغۇرچە، ئىنگلىزچە، خەنزۇچە... تىللاردا ئىشلەپ چىقاردىڭىز، ئەلۋەتتە. بۇنى ئەپ دۇكىنىغا يوللايسىز، بەلكىم نەچچە قېتىملىق تەكشۈرۈش، رەت قىلىنىشلاردىن كېيىن ئەپىڭىز ئەپ دۇكىنىغا چىقىرىلدى. ئەپ دۇكىنىغا ئەپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇلارغا يىللىقىغا 600 سوم ھەق تاپشۇرىسىز، ناۋادا بۇ ھەقنى تاپشۇرمايتتىم دېسىڭىز "كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى شىركىتى" ئۆزىنىڭ ئەپ دۇكىنىدىكى ھېساباتى بويىچە ھەقسىز چىقىرىپ بەرسىمۇ بولىدۇ. ئويۇنىڭىزنىڭ پۇل تاپالايدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز بولسا 6 سوم باھا قويۇڭ. ئويۇنىڭىز ئوينىغۇچىلارغا ياراپ قالسا بىر يىل ئىچىدە نەچچە ئونمىڭ سوم كىرىم قىلالايسىز.
ئەسكەرتىش
يۇقىرىدا مەن ئۆزۈمنىڭ كۆز قاراشلىرىمنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. بايانلىرىم چولتا ۋە قالايمىقان چىقىپ قالغىنى ئېنىق. ئەمما بۇ يازمامدىن پايدىلىنالايدىغانلار ئۈچۈن مىسقال كەبى پايدىسى بارلىقىغا ئىشەنچىم كامىلجانراق. بىلوگ يېزىشنى توختاتقان ئىدىم، ئەمما پەيتى كەلگەندە يازماي بولمىدى. شۇڭا يېڭىياچىلار، كەسپىي ئۇستاملارنىڭ بۇ ئۈزۈندىلەرگە ھەرخىل باھالارنى مۇشۇ بىلوگۇمدا ئىنكاس شەكلىدە باھا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن(ھېچ بولمىغاندا تىللاپ قويساڭلارمۇ ھېسابقۇ ئەمدى). ئۈندىدار، ، مۇنبەر ۋە چ چ لاردا باھا سوراقلاردا بولساڭلار جاۋاب بېرىپ بولالماسلىقىم ئېنىق. شۇڭا يەنىلا بىلگۇمغا دەپسسەپ ئىنكاسلاردا بولغايسىز!!!

يازما ئادرېسى: http://alpbeg.cn/?p=554

ئونسۇ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 12:50:35

ۋىندوۋىس سېستملىق يانفۇنغا قايسى سېستمدا ئ‍ەپ ئ‍اچدۇ ؟

alpbeg يوللانغان ۋاقتى 2015-3-13 10:50:25

ئونسۇ يوللىغان ۋاقتى2015-3-12 12:50
ۋىندوۋىس سېستملىق يانفۇنغا قايسى سېستمدا ئ‍ەپ ئ‍اچدۇ...

c#/vb/html5 قاتارلىقلاردا ئاچقىلى بولىدۇ

يىگانە132 يوللانغان ۋاقتى 2015-4-23 00:10:30

مۇشۇنىڭغا ئائىت ماتىريال بولسا تەمىنلەپ بەرسىڭىز بولامۇ
بەت: [1]
: پىروگراممېر بولماقچى بولغانلارغا دېمەكچى بولغانلىرىم