دېتال چەكلەش دېتالى RunBlock قا ئۇيغۇرچە قوشۇلۇپتۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، يېقىندا بىر دېتالنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ، تىل ھۆججىتىنى ئىگە تەرەپكە يوللاپ بەرگەن. ئەتىسى خەت ساندۇقىمغا خەت كەپتىكەن دېتالغا ئۇيغۇر تىلىنى قوشتۇق دەپ. ئىگە تەرەپ بېتىگە قارىسام ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشكە ۋە دېتالغا ئۇيغۇرتىلى قوشۇلۇپتۇ. بۇنى خەۋەر قىلىش بۈگۈن نىسىپ بولغان چېغى.دېتال ئىسمى: دېتالنىڭ ئىجرا بولۇشىنى چەكلەيدىغان دېتال Simple Run Blocker
چۈشەندۈرۈش: بەزى چاغلار بىرەرسى كومپيۇتېرىڭىزنى ئىشلىتىپ چ چ ئېچىۋالاي، تورغا چىقىۋالاي دېگەندەك ئىشلاردىن بىزار بولامسىز؟ سىز يوق چاغدا بىرەرسىنىڭ كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەلۇم دېتالنى ئىشلىتىۋېلىشىدىن بىزار بولدىڭىزمۇ؟ ئۇ دېتاللارنى يۇيۇۋېتەي دېسىڭىز تېخى. قانداق قىلغۇلۇق؟ مانا بۇ دېتال ئارقىلىق ئاشۇ دېتاللارنىڭ ئىجرا بولۇشىنى چەكلەپ قويسىڭىزلا ئىش تامام. ئۆزىڭىز ئىشلىتىدىغان چاغدا چەكلەشنى بىكار قىلىپ قويسىڭىزلا بولدى.
تىلى: كۆپ تىللىق، ئۇيغۇر تىلىمۇ بار.
نەشرى: 1.2
ئىجرا مۇھىتى: winXP/Vista/win7/win8/win8.1 مەن win8 دا سىنىدىم.
ئىجرا ھالىتى: 32 ۋە 64 بىت، مەن 32 بىتتا سىنىدىم.
ئىقتىدارى: مەلۇم دېتالنىڭ ئىجرا بولۇشىنى چەكلەش، يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش، دىسكا قۇلۇپلاش ۋە باشقىلار.
ئىگە تەرەپ بېتى: http://www.sordum.org/8486/simple-run-blocker-v1-2/
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە كەسمە يۈزى: يىشىل دېتال، پىرىستىن يىشىپلا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. دېتالنى ئاچقاندا دەسلەپتە ئىنگلىزچە كۆرۈنىدۇ. تاللانمىلار تىزىملىكىدىن تىل تاللاشنى بېسىپ، ئاستىغىراق قارىساق ئۇيغۇر تىلى بار. شۇنى تاللاپ قويساق بولىدۇ.
ئۇيغۇرچە قىلىپ بولغاندىن كېيىن ھەر قايسى بەلگە ۋە تىزىملىككە مائوس ئىستىرىلكىسىنى توغرىلاپ بىردەم تۇرساق چۈشەندۈرۈشى چىقىدۇ.
ئەمدى ئاساسىي مەشغۇلاتنى چۈشەندۈرۈپ قوياي. ئاۋۋال ئىجرا بولۇشىنى چەكلەيدىغان دېتالنى تىزىملىككە قوشىمىز. ئاۋۇ ئۈستىدىكى قوشۇش بەلگىسى ئارقىلىق دېتالنىڭ قىسقا يول بەلگىسىنى تاللاپ قويساقمۇ ياكى ئەسلىي مۇندەرىجىگە كىرىپ exe ئىجرا ھۆججىتىنى تاللاپ قوشساقمۇ بولىدۇ. ۋە ياكى ئېكراندىكى قىسقا يول بەلگىسىنى ئاۋۇ تىزىملىك رايونىغا سۆرەپ تاشلاپ قويساق ئۆزى ئاپتوماتىك exe ئىجرا ھۆججىتىنى تاپىدۇ.
تىزىملىككە قوشۇپ بولۇپ دىققەت قىلىڭ. دېتالنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە تاللاش تىزىملىكى بار. شۇ يەردىن قىلماقچى بولغان مەشغۇلاتنى توغرا تاللاڭ.
تىزىملىككە قوشمىغانلىرىنى چەكلەشنى تاللاپ قويسىڭىز مۇشۇ دېتال تىزىملىكىگە قوشۇلمىغان دېتاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىجرا بولۇشىنى چەكلەپ قويىدۇ. تىزىملىكتىكىنىلا چەكلەشنى تاللىسىڭىز مۇشۇ دېتال تىزىملىكىگە قوشۇلغان دېتاللارنى چەكلەيدۇ. چەكلەشنى توختىتىشنى تاللىسىڭىز توسۇشتىن توختايدۇ.
ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ھەر قانداق مەشغۇلاتتىن كېيىن تەڭشىگەننى ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ. بولمىسا قىلغان ئىشىڭىز بىكار بولىدۇ.
ساقلاپ بولۇپ دېتالدىن چېكىنىڭ ياكى كىچىكلىتىپ قويۇڭ ئوخشاشلا ئۈنۈمىنى كۆرىسىز، يەنى سىز چەكلەشكە بۇيرۇق بەرگەن دېتالنى ئىجرا قىلىمەن دەپمۇ ئىجرا قىلالمايسىز. چىرايلىق ئەسكەرتىشتىن بىرسى چىقىدۇ.
ئەمدى چەكلەشنى توختاتماقچى بولسىڭىز مۇشۇ دېتالنى قايتا ئېچىپ، ئاۋۇ ئۈستىدىكى ئېلىش بەلگىسىنى بېسىپ تىزىملىكتىن چىقىرىۋەتسىڭىزمۇ ياكى ھەممە دېتالنى چەكلەشنى بىكار قىلماقچى بولسىڭىز ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تىزىملىكتىن چەكلەشنى توختىتىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنە دەيدىغىنىم تەڭشىگەننى ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ.
ئەمدى باشقا ئىقتىدارلىرىغا كەلسەك، ئاۋۇ تاللانمىلارنى چەكسىڭىز بىر تىزىملىك چىقىدۇ.
ئىئانە، باش بەت، ئالاقە دېگەن تىزىملىكلەرنى چۈشەندۈرۈپ يۈرمىسەممۇ بولار. تورغا ئۇلاپ مەشغۇلات قىلىسىز بۇ تاللاشلاردا. ھەققىدە دېگەننى باسسىڭىز دېتال ئۇچۇرلىرى چىقىدۇ شۇ. (مۇكاپات چىقامدىكى دېگەنما ھى ھى ھى)
قوزغاتقۇچنى يوشۇرۇش ياكى قۇلۇپلاش تىزىملىكىنى باسسىڭىز يەنە بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ.
بۇ يەردىن تاللاپ تۇرۇپ كومپيۇتېرىڭىزدىكى دىسكىلارنى قۇلۇپلاپ قويغىلى، يوشۇرۇپ قويغىلى بولىدۇ. (ئۇيغۇرچە بىلگەندىكىن ئاۋۇ رەسىمگە قاراپمۇ بىلگەنسىلەر قانداق مەشغۇلات قىلىشنى ھەممىنى دەپ بەرمىسەممۇ)
بايىقى تىزىملىكتىكى يوشۇرۇن ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىشنى ئوقۇپلا بىلگەنسىلەر نىمىش قىلىدىغان ئىقتىدار ئىكەنلىكىنى. مەنبە باشقۇرغۇچنى قايتا قوزغىتىش دېگەننى دىسكا قۇلۇپلاپ ياكى يوشۇرۇپ بولۇپ ئاندىن بۇ مەشغۇلاتنى قىلسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزدىكى مەنبە باشقۇرغۇچنى قايتا قوزغىتىدۇ ۋە ئۈنۈمىنى كۆرىسىز.
ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ھەر قانداق مەشغۇلاتتىن كېيىن تەڭشىگەننى ساقلاشنى ئۇنۇتماڭ. بولمىسا قىلغان ئىشىڭىز بىكار بولىدۇ.
چۈشۈرگەندە ئىگە تەرەپتىن چۈشۈرۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن.
سىغىمى: 396 kb
قوشۇمچە: كومپيۇتېرىڭىزغا يۇنىكود خەت نۇسخىلىرى قاچىلانغان بولسۇن.
چۈشۈرۈش ئادرېسى:
ئىگە تەرەپ تەۋسىيە ئادرېس:
http://www.sordum.org/8486/simple-run-blocker-v1-2/
مۇشۇ بەتكە كىرىپ ئاستىغىراق سۈرسىڭىز ئۈستىدىكى رەسىمدە كۆرسەتكەندەك download (چۈشۈرۈش) دەپ بىر كۇنۇپكا بار. شۇنى باسسىڭىز چۈشىدۇ.
زاپاس ئادرېس:
سومكام: http://www.somkam.com/2U9
باشقا تور دىسكا: http://vdisk.weibo.com/s/t7S2hBsZ-LPwM
قەيەردىن نورمال چۈشسە شۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر دېتال پەقەت شەخىسنىڭ قىزىقىشىغا ئاساسەن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلدى ۋە ھەقسىز تارقىتىلدى، مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا تارقاتسىڭىز بولىدۇ، لېكىن ھەقلىق تارقىتىدىغان، مۇنبەر تەڭگىسىگە ساتىدىغان، ئىنكاسقا ساتىدىغان ئىشنى قىلماڭ.
رەھمەت ئېسىل تېما يوللاپسىز قۇتقۇزۇڭلا مېنىڭ كومپىيۇتېرىمدىكى ھەممە نەرسە قۇلۇپلۇنۇپ قالدى مۇشۇ تور كۆرگۈچ يەننە كوت كوت لا ساق قوزغۇلىدۇ ھەتتا قۇلۇپلاپ قۇيىدىغان دېتالمۇ قوزغالمايۋاتىدۇ بىكار قىلىۋېتەي دېسەم كوت-كوت 2338208518 ياردەم قىڭىڭلا سېستىما قاچىلىۋېتەي دېسەم ئۈستەل يۈزىدە مۇھىم نەرسىلىرىم باتتى كومپىيۇتېرنى قايتا قۇزغاتساممۇ يەننە شۇنداق مەن بۇ نەرسىنى ئوبدانراق سىناپ باقاي دەم تور كۆرگۈچتىن بىلەك ھەممە نەرسىگە قۇلۇپ سېلىۋېتىپتىمەن :L مۇڭلۇق888 يوللىغان ۋاقتى2015-3-11 21:30
كومپىيۇتېرنى قايتا قۇزغاتساممۇ يەننە شۇنداق مەن بۇ ن ...
تېمىنى تەپسىلىي ئوقۇپراق مەشغۇلات قىلسىڭىز بولمامتى، خېلى تەپسىلىي دېگەن بولمىسا ئېسىل ئىشتىن يەنە بىرنى قىلىپسىز، بارلىق رەسىم ھۆججەتلىرى روھلان بوشلۇقىغا قوشۇمچە شەكلىدە چىقىرىلىپ، تېمىنىڭ ئۇزۇن مۇددەت مۇقىم تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
جاپا چەكتىڭىز. ADiL يوللىغان ۋاقتى2015-3-11 22:43
ئېسىل ئىشتىن يەنە بىرنى قىلىپسىز، بارلىق رەسىم ھۆججەت ...
ئارقا سەھنىدە جاپا چەككەن سىزدەك باشقۇرغۇچىلارغا تەشەككۈر{:1_1:}
مۇشۇ ئىشنى بىر ئايدىڭلاشتۇرۇۋېتەي. مەن ئادەتتە تېما يازسام تولۇق يېزىۋېلىپ، تەھرىرلىۋېلىپ، ئۇلانما ئادرىسلىرىنىمۇ تەھرىرلىۋېلىپ كۆچۈرۈپ بىۋاستە چاپلايمەن. رەسىم ئادرېسلىرىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. ئادەتتە بىر قانچە مۇنبەرگە تەڭ يوللىغاچقا رەسىملەرنى روھلانغا ئايرىم يوللاپ يۈرمەيدىكەنمەن. مۇشۇ ئىشتا سىزنى ئاۋارە قىلغانلىقىمدىن ۋە ئىلگىرىكى تەكلىپىڭىزنى بىلىپ تۇرۇپ قىلمىغانلىقىمدىن ئالدىڭىزدا ئۆزرىلىكمەن. alxir يوللىغان ۋاقتى2015-3-11 23:42
ئارقا سەھنىدە جاپا چەككەن سىزدەك باشقۇرغۇچىلارغا تەش ...
روھلانغا بىۋاستە رەسىم چىقىرىش ھوقۇقىڭىز بولغاندىكىن، روھلانغا يوللىۋېلىپ، باشقا مۇنبەرلەرگە بىۋاستە روھلاندىن كۆچۈرۈپ چاپلسىڭىزمۇ بولىدۇ.
روھلاندا رەسىم كۆچۈرلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاچمىغان. ئېسىل تېما يوللاپسىز {:1_1:} كومپىيۇتېرنى قايتا قۇزغاتساممۇ يەننە شۇنداق مەن بۇ نەرسىنى ئوبدانراق سىناپ باقاي دەم تور كۆرگۈچتىن بىلەك ھەممە نەرسىگە قۇلۇپ سېلىۋېتىپتىمەن
مەنمۇ شۇئەمدى قانداق يوق قىلامەن سىستىما يازسام بۇلامۇ
بەت:
[1]
2