ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 21:29:37

بەيدۇ توردىسكىسىدىكى 404 خاتالىقنى ھەل قىلىش دەرىسلىكى

ھەممەيلەنگە مەلۇم بۇ بىر يىل بولۇپ قالاي دېدى رايونىمىزدا بەيدۇ تور دىسكىسى نورمال ئېچىلمايدىغان يەنى 404خاتالىق ئۇچۇرى چىقىدىغان بولۇپ قالغان ۋە ئاز-تولا تور بىلەن ئېتىشىدىغان تورداشلار بولسا بىر ئامال قىلىپ نورمال ئېچىپ ئىشلەتكەن بولسىمۇ يەنە نۇرغۇن تورداشلار نېمە قىلارىنى بىلمەي قاتقان باشنى قاشلاپ ئولتۇردۇق، ئەمدى باشنى قاشلا ۋەرسە چاچ تۇرمايدۇ دەپ ئاڭلاپ باشنى قاشلىمايدىغان ئۇسۇلدىن بىرنى ئېلىپ كەلدىم.مەن ئالدىن قېتىم بەيدۇ تور دىسكىسىغا ماتېرىيال ھەم بەھرىلەش دەرسلىكى دەپ بىر تېما يوللىغان ئىدىم ھەمدە ئۇ يازمىدا yun بىلەن باشلانغان ئۇزۇن بەھرىلىنىش ئادرېسنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن بولدۇق ئەمدى بۈگۈن pan بىلەن باشلانغان يەنى قىسقا بەھرىلىنىش ئادرېسىنىنورمال ئېچىش ۋە 404 خاتالىقنى ھەل قىلىشنىسۆزلەپ ئۆتمەكچى ماڭا ئەگىشىڭ ئەمىسە …!
1 – ئالدى بىلەن كومپىيۇتېرىمىزغا (Chrome) تور كۆرگۈچى قاچىلىۋالىمىز، بۇ تور كۆرگۈچنى تېخىچە قاچىلىمىغان بولسىڭىز چۈشۈرۈش مەنزىلى: Chrome تور كۆرگۈچىنى چۈشۈرۈش
قاچىلاش ناھايىتى ئاددىي بولغانلىقى ئۈچۈن قاچىلاش باسقۇچىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتتىم

ئۆرنەك ئادرېس: http://pan.baidu.com/s/1c0cYNYCئارىمىزدا كۆپلىگەن تورداشلار خەنزۇچە تور بېكەتلەرنى ئارىلاپ بېكەت سىستېمىلىرى ياكى يانفون سىستېمىلىرى ۋە ياكى باشقا پايدىلىق ماتېرىياللارنى چۈشۈرمەكچى بولىدۇ، لېكىن قارايدىغان بولساق رايونىمىزدا ئېچىلمايدىغان شەكىلدە يەنى pan بىلەن باشلان ئادرېستابەھرىلەنگەن ئەمدى بىز قانداق قىلىمىز …؟ ماڭا قاراڭ! مۇنداق قىلىمىز ئالدى بىلەن بىز شۇ بەھرىلىنىش ئادرېسىنى كۆچۈرۈۋالىمىز ۋە Chrome يېڭى بىر كۆزنەك ئاچىمىز ۋە ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تىزىملىكنى بېسىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىن تېخىمۇ كۆپ قوراللار (更多工具) ئاچقۇچىلار قورالى (开发者工具) دېگەننى باسىمىز. ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چېكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )




ۋە تۆۋەندىكىدەك يېڭى بىر كۆزنەك ئېچىلىدۇ، ۋە ئېچىلغان ئۇشبۇ كۆزنەكتە ئىسترېلكا كۆرسەتكەن باسقۇچلار بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ! ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چېكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )



ئەلۋەتتە ئۈستىدە كۆرسىتىلگەن ئۆرنەك رەسىمدىكى ئىسترېلكا كۆرسەتكەن 2 ئورۇندىن ئېھتىياجىمىزغا ئاساسەن تەقلىد قىلغان ئۈسكۈنىنى تاللىساق بولىدۇ. مەسىلەن ئايفون ( iPhone 6 Plus ) دېگەندەك.
7 . ئادرېسنى توركۆرگۈ ئادرېس رايونىغا چاپلاپ ( Enter ) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز، ئەنە قاراڭ 404 خاتالىق چىقىۋالىدىغان ئادرېس ئەمدىلىكتە نورمال ئېچىلىۋاتىدۇ، ئاستىدا بېرىلگەن ئۆرنەك رەسىمگە دىققەت قىلغايسىز …! ( رەسىمنى چېكىپ چوڭ ھالەتتە كۆرۈڭ )


ئەمدى باشنى قاشلىمايسىزغۇ دەيمەن.
ئەسلى مەنبە: http://tizyol.net/?p=9369

كاپتان115 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 22:12:10

ياخشى ئامالكەن،مەن پات -پات يۇلۇقۇپ قالاتتىم 404خاتالىق ئۇچۇرىغا.....

ئۆمۇرۇم يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 22:18:17

بۇ ئامال يانغۇنلاردىمۇ ئەس قاتامۇ

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 22:57:33

ئۆمۇرۇم يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 22:18
بۇ ئامال يانغۇنلاردىمۇ ئەس قاتامۇ

يانفۇندا بۇ ئۇسۇلنى ئىشىلتىشنىڭ ئۇرنى يۇق . بۇ ئۇسۇلمۇ pcتابەيدۇ قىسقا ئادىرىسىنى تەقلىدى يانفۇن دىتال ئارقىلىق يانفۇن نۇسخىسدا ئىچىپ بىرىدۇخالاس،يەنىكومپىيۇتىردا يانفۇنتىرمىنالى شەكىلدە ئىچىش دىگەنلىكچۇنكى بەيدۇ تۇر دىسكىسى يانفۇن تىرمىنالىنى چەكلىمىگەن

مەن ئادەتتە بۇنداق قىسقا ئادىرىسلارنى   www.pctowap.comتۇر بىتى ئارقىلىق ئاسانلاچۇڭ ئادىرىسلارنى ئالالايمەن ھەمشۇ ئۇسۇلدا مۇنبەردىكى بەيدۇ ئادىرىسلىرىنى يانفۇن نۇسخىسغائۆزگەرتىپ كىلىۋاتىمەن

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 23:05:26

مەنمۇ بۇ خىل ئەھۋاللارغا ئۇچراپ تۇراتتىم ، ئەمدى ئۆگىنىۋالدىم ، ئەجرىڭىزگە رەھمەت .

аㄨιΚ⑤⒛□ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 20:01:12

مەنمۇبۇنداق ئشىلار بولۇپقالسائوپېرانىڭ   يانفۇن نۇسخۇسىنى ئىشلىتەتتىم بۇمۇ بولىدكەن

ئىلقۇت يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 00:34:36

سارسان يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 22:57
يانفۇندا بۇ ئۇسۇلنى ئىشىلتىشنىڭ ئۇرنى يۇق . بۇ ئۇسۇلم ...

ھەر ئىككىلسىبەك ياخشى ئاماللاركەن.مەنچە بولغانداسارسان قېرىندىشىمىزنىڭ ياخشىدەك قىلىدۇ!بۇنىڭدا ئايرىم تور كۆرگۈنى قاچىلاشنىڭ ھاجىتى يوقكەن!
سىلەرگە كۆپ رەھمەت!!!

ئىلقۇت يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 00:35:14

بىلىمنىڭ بىرخىللابولغىنىدىن كۆپ تەرەپلىمىلىك بولغىنى ئەۋزەل،شۇنداققۇ!!
بەت: [1]
: بەيدۇ توردىسكىسىدىكى 404 خاتالىقنى ھەل قىلىش دەرىسلىكى