كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەرگۈلبوستان موللىمىن (سىھىر)
قىزلار ھەرگىز ئەمەستۇر ئەركەكلەرنىڭ قونچىقى،
تۇرمۇشىدا كۆپلىگەن باردۇر قايغۇھەم دەرىتلەر.
كىرىۋالما كەينىگە ئۇلارنىڭمۇ ئەركى بار،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا، ئايالى بار ئەركەكلەر.
سەنمۇ سۈرگەن بولغىيتىڭ مۇھاببەتنىڭ پەيزىنى،
تاللاپ ،سۈيۈپ ئالغانسەن گۈزەل ئاشۇ جۈپتۈڭنى.
زۇلۇم قىلما ئايالىڭ تارىتقۇزمىغىن ئەلەملەر،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.
يولدىن ئازسا ئەگەردە ئاشۇ قىزلار، سىڭىللار،
يامان كۆزدە قارىما ،قىلىپ قويغىن نەسھەتلەر.
توغرا يولدا ماڭىدۇ ئەقلى ھۇشى بولسىلا ،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.
بىلسەڭ قىزلار كەلگۈسى ئەۋلاتلارنىڭ ئانىسى،
شۇلار بىلەن گۇللەيدۇ ۋەتىنىمىز ،مىللەتلەر.
بۈگۈن قىزلار ،ئەتىلا بۇلۇر مىللەت ئانىسى ،
كۈيۈپ قالما قىزلارغا ئايالى بار ئەركەكلەر.
2015-يىل 10-مارىت ئاقسۇ شەھىرى
گۈلبوستان موللىمىن (سىھىر) ئايالى بار ، بالىسى بار ئەرلەر پىشقان، مۇقىم كىرىم مەنبەسى بار، ياكى مۈلكى بار دىگەن تەرەپلەر قىزلارنىڭ نىشانى. ئەسلى قىزلار غا ئاسان ماقۇل كەلمەڭلەر ئائىلىسى بار ئەرلەر دىسە تۇغرا بۇلاتتى... شىئىرىڭىز لىرىكىلىق ھېسسىياتقا باي ، قاپىيە شەكىللىرى ئۆلچەملىك چىقىپتۇ ، قەلىمىڭىزگە بەرىكەت يار بولغاي ! ئەزھەر36 يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 23:11
شىئىرىڭىز لىرىكىلىق ھېسسىياتقا باي ، قاپىيە شەكىللىرى ...
رەھمەت سىزگە ئەزھەر 36 ئەپەندىم،،،،بولسا كۆپرەك تەلىم بىرەرسىز،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ xunak arkaklar bar ayali barturupbaxka kizlarga koyupkaligan ablimitt يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 22:52
ئايالى بار ، بالىسى بار ئەرلەر پىشقان، مۇقىم كىرىم مەن ...
ياخشىمۇسىز ئابلىمىت ئەپەندىم،،،،شىئىرىمغا ئىنكاس يازمىسىڭىزمۇ مەيلى ئەمما شىئىرىم ئارقىلىق قىزلارنىڭ غۇرۇرىغا تەگمەڭ ،قالايمىقان ھاقارەت قىلماڭ،،،، كىرەم133 يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 23:55
xunak arkaklar bar ayali barturupbaxka kizlarga koyupkaligan
راسىت دەيسىز كىرەم ئەپەندىم،،،،،رەھمەت سالامەت بۇلۇڭ مەن ئۈچىنچى تۆتىنچى كوپلىتىنى بەكرەك ياقتۇردۇم. مېنىڭچە سىز يەنىمۇ ياخشى يازالايتىڭىز بۇ شېئىرنى. ياخشى تېما تاللاپتىكەنسىز. قەلىمىڭىز يەنىمۇ ئۆتكۈر، بەرىكەتلىك بولسۇن! قىز، ئوغۇللىرىمىزغا ئىنساپ بەرسۇن.. سىھىر يوللىغان ۋاقتى2015-3-11 00:31
ياخشىمۇسىز ئابلىمىت ئەپەندىم،،،،شىئىرىمغا ئىنك ...
نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغ ئانىلار بۇلۇش بىلەن بىرگە رىئاللىقتا شۇنداق ئىشلارمۇ بار بولغاچقا دەپ قويدۇم، قىزلارغا ھاقارەت قىلىش مەقسىدىم يوق. كۈڭلىڭىزگە ئالماڭ... ablimitt يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 22:52
ئايالى بار ، بالىسى بار ئەرلەر پىشقان، مۇقىم كىرىم مەن ...
ئەقلى ھۇشى جايىدا قىزلار مال- مۈلۈكنى قوغلاشمايدۇ، ئەمدى مال -مۈلۈكنى قوغلاشقان قىزلارنىڭ قانداق قىزلار ئىكەنلىكىنى ئەقلى ھۇشى جايىدا ئەرلەر بىلىدۇ،باشقىسىنى دىمەي...
ئاللاھ ھەمىمىزنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرگەي.