مېۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىنى ئەي قىلىشتىكى مۇھىم نۇقتىلار
نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا مېۋىلىك باغ كۆلىمى تېز سۈرئەتتە كېڭەيتىلىۋاتىدۇ. تىكىلگەن كۆچەتنىڭ ئەي بولۇش - بولماسلىقى باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ كۆلەم ۋە ئۈنۈمىگە، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدىغان مەسىلە. ئۇنداقتا، مېۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە قايسى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك مۇخبىرىمىز بۇ مەسىلە توغرىسىدا ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتى تېخنىكا كېڭەيتىش باش پونكىتىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى يۈسۈپ تاھىرنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى. يۈسۈپ تاھىرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلسا، مېۋىلىك دەرەخ كۆچەتلىرىنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن:1 .كۆچەتنى مۇنتىزىم كۆچەتخانىدىن كىرگۈزۈش كېرەك. ئادەتتە، كۆچەتلەرنىڭ يەرلىك ئۆلچىمى بولىدۇ. يەنى، ئېگىزلىكى، غولىنىڭ دىئامېتىرى، ئاساسىي يىلتىزى، ئوق يىلتىزى، چاچما يىلتىزلىرىنىڭ سانى قاتارلىقلارنى ئاساس قىلىپ 4 دەرىجىگە بۆلۈنىدۇ. 1 -، 2 - دەرىجىلىكلىرىنى كىرگۈزۈپ تىكسە، تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى بولىدۇ. بولۇپمۇ كۈزدە تىككەندە بۇنىڭغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا چوقۇم كارانتىن قىلىنغان كۆچەتلەرنى سېتىۋېلىش كېرەك.
2 .كۆچەتنى قومۇرۇشتىن بۇرۇن سۇغىرىش، قومۇرۇش، يۆتكەش جەريانىدا چاچما يىلتىزلارنى زەخىملەندۈرۈپ قويماسلىق كېرەك. كۆچەت يىلتىزىنى 150 ھەسسىلىك مېتىل توپسىنغا چىلاپ تىكسە، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. كۆچەتنى قومۇرغان كۈنى تىكسە ئەڭ ياخشى. ئەگەر شۇ كۈنى تىكىشكە مۇمكىن بولمىسا، كۆچەت يىلتىزىنى نەم توپا بىلەن كۆمۈپ قويۇش كېرەك.
3 .ئورەكنى چوڭراق كولاش كېرەك. چۈنكى كۆچەت يىلتىزى يۇمران بولغاچقا، قاتتىق يەردە ئۆسەلمەيدۇ. ئادەتتە، ئورەكنىڭ دىئامېتىرى 80cm، چوڭقۇرلۇقى 60cm بولسا مۇۋاپىق. ئورەك تېگىدىن ئېلىنغان 30cm قېلىنلىقتىكى توپىغا 50% ئەتراپىدا يوپۇرماق، شاخ - شۇمبا، ئوت - چۆپ، پاخال قاتارلىقلارنى ئۇۋاقلاپ ئارىلاشتۇرۇپ، ئورەكنىڭ تېگىگە تۆكۈپ، ئاندىن كۆچەتنى تىكىپ، ئۈستىنكى قىسمىدىن ئېلىنغان توپىغا 30% ئەتراپىدا تولۇق چىرىگەن مەھەللىۋى ئوغۇت ئارىلاشتۇرۇپ كۆمسە، كۆچەت ئاسان ئەي بولىدۇ ھەم تېمەن ئۆسىدۇ.
4 .كۆچەتنى تىكىپ بولۇپلا سۇغىرىش كېرەك. بولمىسا، تۇتۇش نىسبىتىگە تەسىر يېتىدۇ. كۆچەتنى تىكىپ 1 ئايغىچە ھەپتىدە بىر قېتىم، ئۇنىڭدىن كېيىن 10 ~ 15 كۈندە بىر قېتىم سۇغارسا بولىدۇ. 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سۇغىرىشنى توختىتىپ، كۆچەتنىڭ ياغاچلىشىپ قىشتىن ئۆتۈشىگە شارائىت ھازىرلاش كېرەك.
5 .كۆچەتنى ئەتىيازدا تىككەندە، ئېگىزرەك كۆچەتلەرنىڭ ئۇچىنى 10cm ~ 20cm كېسىۋېتىپ، سۇلياۋ ئوراپ قويسا، ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يېڭى تىكىلگەن كۆچەتلەرنىڭ ئەتراپىغا كۆممىقوناق، ئاپتاپپەرەس قاتارلىق ئېگىز ئۆسىدىغان زىرائەتلەرنى تېرىماسلىق كېرەك.
6 .ئېقىن سۇدا سۇغارغاندا كۆچەتنىڭ تۈۋى (يىلتىز بوغۇزىنىڭ يۇقىرى قىسمى) گە يىغىلىپ قالغان لاينى ۋاقتىدا ئېلىۋەتسە، كۆچەت غولى سېسىپ قېلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ياڭاق كۆچىتىنى 10 ئاينىڭ ئاخىرى يەر توڭلاشدىن بۇرۇن سۇغۇرسا كۈمۈشكە مۇمكىن بولمايدىقان ياڭاقلارنىڭ قىشدىن ئۈشۈپ كەتمەي ئەتياز ۋاقتى بالدۇر بىخلاشقا راسلا پايدىسى بارمۇ؟ ئۇنىڭغا بىرنىمە دىمەك تەس،مىنىڭمۇ 100مۇ دىن كۈپرەك ياڭاقلىقىم باتتى،بۇلتۇر 10 ئايدا سۇقۇيۇپ قىشلىق سۇنى قۇيغىلى بىر ھەپتە بۇلدى ،يەنلا قۇرۇش ئەھۋالى ئىغىر، ............مۇمكىن بۇسا تىما ئىگىسى مۇشۇ ئىشقا بىر مەسلەھەت بەرسىڭىز سىزدىن خۇرسەن بۇلغان بۇلاتتۇق...... ئۇنىڭغا بىرنىمە دىمەك تەس،مىنىڭمۇ 100مۇ دىن كۈپرەك ياڭاقلىقىم باتتى،بۇلتۇر 10 ئايدا سۇقۇيۇپ قىشلىق سۇنى قۇيغىلى بىر ھەپتە بۇلدى ،يەنلا قۇرۇش ئەھۋالى ئىغىر، ............مۇمكىن بۇسا تىما ئىگىسى مۇشۇ ئىشقا بىر مەسلەھەت بەرسىڭىز سىزدىن خۇرسەن بۇلغان بۇلاتتۇق...... B.تەلەي يوللىغان ۋاقتى2015-3-10 22:49
ئۇنىڭغا بىرنىمە دىمەك تەس،مىنىڭمۇ 100مۇ دىن كۈپرەك ياڭا ...
بۇنىڭىدا سىز ئاساسلىقى 8-ئاينىڭ 15ـكۇندىن كىيىن سۇ قۇيۇشنى تۇختىشىڭىز كىرەك،ئەگەر يىرىڭىز نەملكى بىر قەدەر يۇقىرى يەر بۇلسا كۇزلىكى تۇڭ سۇينى قۇيمىسڭىزمۇ بۇلىدۇ،لىكىن بەكلا قۇرغاق يەر بۇلسا ئۇ ۋاقىتتا ياڭاققا تۇڭ سۇينى قۇيمىسىڭىز قەتىيلا قىشتىن ئۇتەلمەيدۇ، ئۇنىڭىدىن باشقابىر يىللىقتىن ئۇچ يىللىقىچە ياڭاق بۇلسا چۇقۇم 8ـئاينىڭ 10ـكۇندىن بۇرۇن چۇقۇم ياڭاقنىڭ ئۈسۈش ئۇچىنى ئۇزۇپ نۇتىسى پىشسا بۇنىڭىدا قىشتىن بىخەتەر ئۇتكۇزەلەيسىز،
بەت:
[1]