abdimijit يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 00:54:06

مىۋىلىك دەرەخلەر كالىينى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟

كالىي مىۋىلىك دەرەخلەرگە لازىملىق ئوزۇقلۇق ئىلمىنتلارنىڭ بىرى. ئۇ مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ فوتوسىنتىز رولىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شاخلارنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، دەرەخلەرنىڭ سوغۇققا قارشىلىق كۈچىنى، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ. مىۋىنى چوڭايتىدۇ. مىۋىنىڭ شىكەر تەركىبىنى كۆپەيتىدۇ. شۇڭا دېھقانلار ئولنى" مېۋە ئوغۇتى" دەپ ئاتايدۇ. شۇڭا دەرەخلەرگە كالى ئوغۇتى بېرىش ناھايىتى مۇھىم.


    بۇنىڭدا كالىلىق ئوغۇتلاردىن لىنسۇەنئەر چىڭجيا، ليۇسۋەنجيا قاتارلىقلار ئىشلىتىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوت-چۆپ كۈلىمۇ ئەڭ ياخشى كالى ئوغۇتى.


    كۆپ يىللىق تەجرىبىلەر خۇڭفۇشى ئالمىسىغا بېرىلىدىغان كالىلىق ئوغۇت باشقا ئوغۇتلاردىن كۆپ بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدۇ. ئازوت، فوسفۇر، كالى ئوغۇتنىڭ نىسبىتى 1.5:0.6: 1 بولغىنى ياخشى. ئالى دەرىخىگە ئازوت ئوغۇتىنى كۆپىرەك بەرگەندە %4 بولىدىكەن، شۇنداقلا چېچەكلەش، مىۋىلەش نىسبىتىنى %25تىن يۇقىرى كۆتىرىدىكەن، مىۋىسى 3-5كۈن بالدۇر پىشىدىكەن، مىۋىسى يوغان بولىدىكەن، چىرىش كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇشىنى جىق تۆۋەنلىتىدىكەن.

kirimulla يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 22:27:23

ياڭاقنى قانداق ئ‍ۇغۇتلار بىلەن ئ‍ۇغۇتلىسا ئ‍ەڭ ياخشى؟

ئۆمۇرۇم يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 07:24:02

ئازۇتلۇق ئۇغۇت شاخلارنى ئۆستۇرىدۇ .فۇسغۇرلۇق ئۇغۇت كىسەلگە قارشى تۇرۇش قتىدارىنى ئۆستۇرۇش بىلەن بىرگە چىچەك بىغلارنى تۇملاشتۇرىدۇ كالىيلىق ئۇغۇت مىۋىنى يۇغاتىدۇ شۇڭائازۇتلۇق ئۇغۇتلارنى چىچەكتىن كىيىن 5ئاينىڭ ئۇتتۇرلىرىدا بىرىمىز فۇسغۇرلۇق ئۇغۇتلارنى 5ئاينىڭ ئۇتتۇرلىرىدىن باشلاپ 7–ئايغىچە كالىيلىق ئۇغۇتلارنى 7–ئايدىن 8–ئاينىڭ ئاخىىرىغىچە بەرسەك بۇلىدۇ نەشپۇت تۇغرىسىدا يىزىلغان بىركىتاپتا شۇنداق ئۇقۇغان

ئۆمۇرۇم يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 07:38:09

ئوت –چۆپ كۇلىنى قانداق بەرسەك ب ۇلىدۇ كۇللا بۇلسا بۇلامدۇ مۇنداق سۇرىشۇمكۇرلا نەشپۇت باغۋەلىرى نەشپۇتدەرىخىنى قىشلىق چاتىغاندا نۇرغۇن شاخلارنى چاتىلىپ كىتىدۇ مۇشۇ شاخلارنى ئاساسەن كۇيدۇرۇپ بىرتەرەپ قىلىدۇ چۇ مۇشۇ شاخلارنى كۇيدۇرگەندە چىققان كۇلمۇكالىي تۇلۇقلاشقا ئىشلەتسەك بۇلامدۇ

abdimijit يوللانغان ۋاقتى 2015-3-17 01:34:14

ئەلۋەتتە بۇلىدۇ بۇنىڭدا يۇقۇرى خىمىۋى تەركىۋى بارنەرسىلە بولنىسىلا بۇلىۋىرىدۇ.
ئۇغۇتلاششەكلى ئاساسەن باشقا ئورگانىك ئۇغۇتلاربىلەن ئۇخشاش.
بەت: [1]
: مىۋىلىك دەرەخلەر كالىينى قانداق تولۇقلاش كېرەك؟