abdimijit يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 00:51:29

زىرائەتلەردىكى ئوغۇت كەملىكنى پەرقلەندۈرۈش

زىرائەتلەردىكى ئوغۇت كەملىككە توغرا ھۆكۈم قىلىش ۋە مۇۋاپىق ئوغۇتلاش مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە ئىنتايىن مۇھىم.


   1. ئازوت كەملىكنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى: يېڭى چىققان شېخى ئىنچىكە، قىسقا، يوپۇرمىقى كىچىك بولىدۇ، تىك تۇرىدۇ، يوپۇرماق رەڭگى كۈلرەڭ يېشىل، يوپۇرماق ساپىقى، تومۇرى ۋە پوستى قىزىلغا ئۆزگىرىدۇ؛ چېچىكى ئاز، مېۋىسى ئۇششاق بولىدۇ، مېۋىسى بالدۇر پىشىدۇ ھەم تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ ئىنچىكە يىلتىزلىرى كۆپ، يوغان يىلتىزلىرى ئاز بولىدۇ، يېڭى چىققان يىلتىزلىرى سارغىيىدۇ، كېسەل، زىيانداش ھاشاراتقا تاقابىلچانلىقى ۋە قۇرغاقچىلىققا چىدامچانلىقى ئاجىز بولىدۇ. كانىپۇرچاق (دادۇر) نى مىسالغا ئالساق، ئۆسۈپ يېتىلىش مەزگىلىدە ئازوت كەملىك كۆرۈلسە، تۈپ تۈۋىدىكى يوپۇرماقتىن باشلاپ يوپۇرماق رەڭگى سۇسلىشىدۇ، كېيىن بارا - بارا سارغىيىپ قۇرۇپ قالىدۇ، بەزى يوپۇرماقلاردا سىزىقلىق داغ پەيدا بولىدۇ. ئېغىر بولغاندا، تۈپ ئۆسۈشتىن توختايدۇ، يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.


   2. فوسفور كەملىكنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى: 1) بۇغدايدىكى فوسفور كەملىك ئالامىتى: يۇمران مايسىنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ، ياخشى يىلتىز تارتمايدۇ، ئاز تۈپلىنىدۇ، تۈپ تۈۋى بىنەپشە رەڭلىك بولىدۇ، يوپۇرمىقى قىزغۇچ بىنەپشە ئارىلاش تۇتۇق يېشىلغا ئۆزگىرىدۇ، كىچىك باشاقلاپ، ئاز دان تۇتىدۇ، مىڭدان ئېغىرلىقى روشەن تۆۋەنلەيدۇ. 2) كۆممىقوناقتىكى فوسفور كەملىك ئالامىتى: مايسا مەزگىلىدە ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ، 5 يوپۇرماقلىق مەزگىلدە كېسەل ئالامىتى روشەن بولىدۇ، يوپۇرمىقى قىزغۇچ بىنەپشە رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، كىچىك، قىسقا، ئەگرى - بۈگرى باش تۇتىدۇ، بالدۇرلا قۇرۇق مەدەك پەيدا بولىدۇ، كۆپىنچە دېنى تويۇنمايدۇ. 3) كانىپۇرچاقتىكى فوسفور كەملىك ئالامىتى: يوپۇرماق رەڭگى قېنىقلىشىپ، تۇتۇق يېشىل ياكى قارامتۇل يېشىلغا ئۆزگىرىدۇ، يوپۇرماق ئۇششاق، ئۇچلۇق، تار، تىك ئۆسىدۇ، تۈپ پاكار ئۆسىدۇ، ئۆسۈشى ئاستىلايدۇ. ئېغىر بولغاندا پېلەك غولى قىزىرىدۇ، چېچەكلىگەندىن كېيىن فوسفور كەملىك كۆرۈلسە، يوپۇرماقتا قوڭۇر رەڭلىك داغ پەيدا بولىدۇ. 4) مېۋىلىك دەرەختىكى فوسفور كەملىك ئالامىتى: مېۋىسىنىڭ سۈپىتى ناچار، يوپۇرمىقى شالاڭ، سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ، دەسلەپكى مەزگىلدە تۆكۈلۈش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.


   3. كالىي كەملىكنىڭ ئاساسلىق ئالامىتى: ئادەتتە، زىرائەتنىڭ ئاستىنقى قىسمىدىكى يوپۇرماقنىڭ ئۇچى سارغىيىدۇ، سارغىيىش يوپۇرماق گىرۋىكىدىن باشلىنىپ، يوپۇرماق تومۇرىنىڭ ئىككى يېنى ۋە ئوتتۇرا تومۇرى يەنىلا يېشىل تۇرىدۇ. ئېغىر بولغاندا يوپۇرماقنىڭ كۆپىنچىسى سارغىيىدۇ، يوپۇرماق گىرۋىكى ئوتتا كۆيگەندەك بولۇپ قالىدۇ. بۇغداي تۈرىدىكى زىرائەتلەردە كالىي كەملىك كۆرۈلسە، تۈپلىنىشى ئاجىزلايدۇ، غولى يۇمشاق بولىدۇ، ئاسان يېتىپ كېتىدۇ. قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يوپۇرمىقى پۈرلىشىدۇ، بارا - بارا قورۇلىدۇ، بەزىلىرى كەمتۈك بولۇپ قالىدۇ، ئەمما يوپۇرماقنىڭ ئوتتۇرىسى يېشىللىقىنى ساقلايدۇ. يىلتىزى ئىستېمال قىلىنىدىغان زىرائەتلەردە كالىي كەملىك كۆرۈلسە، سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ، مېۋىسى تەكشى پىشمايدۇ، مېۋە ئېتى ئەمەنلىشىپ، تەمى ئاچچىق بولۇپ قالىدۇ.

ئەركان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 18:17:39

بەزىدە بۇغدايغا ئوت دورىسى چاچقاندا ئوت قۇيۇق چېقىپ كەتكەن يەرلەرگە دورىنى بېسىپراق چىچىپ قويساق بوغداينىڭ ئۇچى تولغۇشۇپ كېتىدىقان ئەھۋال يۈز بىرىدۇ. بۇ ئەھۋال بوغداينىڭ دان تۇتىشىغا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ ساختا ئوغۇتنىڭ ساختىلىقىنى بىلىشنىڭ ئەڭ ئاددى ئۇسۇلنى بىلسىڭىز دەپ بەرسىڭىز؟
بەت: [1]
: زىرائەتلەردىكى ئوغۇت كەملىكنى پەرقلەندۈرۈش