نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:05:50

3-ئاينىڭ 9-كۈندىكى شائىر

3-ئاينىڭ 9-كۈندىكى شائىر

ئابدۇرېيىم ئابدۇۋەلى(ئاسۇق)


مەن ھېجران سۈيىدىن چىقتىم يۇيۇنۇپ،
مۇھەببەت ...
                بولدى قىل!!!
                        قىلغۇم يوق ھەۋەس.
نەقەدەر سۈيۈملۈك ۋاز كىچىش دىگەن،
چۈشۈمگە كىرگىنى بەلكىم سەن ئەمەس.

مۇھەببەت بولدى قىل قىلغۇم يوق ھەۋەس،
شۇ غېرىپ قەبرەمگە بارغۇم يوق زىنھار.
مۇزلىغان ئوت بولۇپ تېرىلسەم قايتا،
تاتلىق بىر شىېئردىن مىنى سوراڭلار.......

مەن ھېجران سۈيىدىن چىقتىم يۇيۇنۇپ،
نەقەدەر سۈيۈملۈك ۋاز كىچىش دىگەن،
بىر تەلۋە شائىرنىڭ يۈرىكى بولۇپ،
ئۈلۈمنىڭ قەستىدە يۈرگنىم يۈرگەن.

چۈشۈمگە كىرگىنى بەلكىم سەن ئەمەس.
بىلمىدىم مەن كىمگە قالدىم چۈش بولۇپ.
بىلمەكچى بولساڭلار ھېجران نىمە دەپ،
ئوقۇڭلار شىئېرىمنى پۇرايدۇ گۈپ-گۈپ.
2015-يىلى 9-مارت ئاقسۇ شەھەر ساجىڭزا(قۇمقۇدۇق)تا يېزىلدى

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:23:33

شېئىرنىڭ 2-كۇبلىتى ماڭا ھەقىقەتەن يارىدى، نەۋرۇز ئەپەندىمنىڭ قەلىمىگە قۇت ياغسۇن.

аㄨιΚ⑤⒛□ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:29:04

ياخشىچىقىپتۇبۇ شېئىر

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 21:22:21

شېئىرنىڭ 1-كۇبلىتىدىكى مەزمۇنلاردا بوشلۇق كۇنۇپكىسى كۆپ قۇيۇلۇپ كەتتىمۇ ياكى يېزىلىش ئۇسلۇبى شۇنداقمىدى؟

arkzat يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 22:21:19

نەۋرۇز ھارپىسىدىكى ھېسلىرىڭىزخېلىلا ئۇرغۇلۇق نامايەن بولۇپتۇ. سىزدە شېئىرىي دىت بار ئىكەن. شېئىرلىرىڭىزنى مەتبۇئاتلارغا يۈزلەندۈرۈشكە ئالدىراڭ.

كۇسەنى يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 22:29:02

مەن ھېجران سۈيىدىن چىقتىم يۇيۇنۇپ،
نەقەدەر سۈيۈملۈك ۋاز كىچىش دىگەن،
بىر تەلۋە شائىرنىڭ يۈرىكى بولۇپ،
ئۈلۈمنىڭ قەستىدە يۈرگنىم يۈرگەن.

مۇنۇ مىسرالاردىن سۈيۈندۈم،ھەم دوستۇمنىڭ ئۈزىگە قايتىۋاتقانلىقىنى سەزدىم،تەشەككۇر دوستۇم.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 22:56:16

شىئىرىڭىزدىن ئىلھامىڭىزنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۆرگەندەك بولدۇم .
بولۇپمۇ :
مەن ھېجران سۈيىدىن چىقتىم يۇيۇنۇپ،
نەقەدەر سۈيۈملۈك ۋاز كىچىش دىگەن،
بىر تەلۋە شائىرنىڭ يۈرىكى بولۇپ،
ئۈلۈمنىڭ قەستىدە يۈرگنىم يۈرگەن.

بۇ كوپلىت ماڭا بەك يارىدى . ئىلھامىڭىزغا تېخىمۇ بەرىكەتلەر تىلەيمەن !

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 08:52:54

ADiL يوللىغان ۋاقتى2015-3-9 21:22
شېئىرنىڭ 1-كۇبلىتىدىكى مەزمۇنلاردا بوشلۇق كۇنۇپكىسى ك ...

ئاشۇنداق يازسام تېخىمۇ جانلىق چىقىدۇ دەپ ئويلىدۇم.

سىھىر يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 13:04:00

ۋاز كىچىش ئۈزىمۇ بىر بەخىت بىلسەڭ،
ئىرىشىش ھەممىسى ئەمەستۇر سۆيگۈ.
يىراقتىن مىھىرلىك بىقىشنىڭ ئۈزى،
بىر تاتلىق ھىس - تۇيغۇ ،يۈرەكتە مەڭگۈ.

قاملاشمىسىمۇ ئەگشىپ قويدۇم ،،،سالامەت بۇلۇڭ:ow

ئ‍ويغاق يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 15:15:36

شىئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ،قەلىمىڭىز بەركەتلىك بولسۇن…
بەت: [1] 2 3
: 3-ئاينىڭ 9-كۈندىكى شائىر