جام يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 16:12:08

«1- ئاپرېل ئالداش بايرىمى» نىڭ كېلىپ چىقىشى

«1- ئاپرېل ئالداش بايرىمى» نىڭ كېلىپ چىقىشى

ئاپرېلنىڭ 1- كۈنى چۈشتىن ئىلگىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئالدىنىپ قالغان ھەرقانداق كىشى خاپا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلغان ئالداش بايرىمى. ئەمما بۇ بايرامنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدە ھازىرغىچە ھەرخىل گەپلەر تارقىلىپ يۈرمەكتە. بەزىلەر 20- يىللارنىڭ مەلۇم بىر «1- ئاپرېل» كۈنى لېنىن سوۋېت يازغۇچىسى گوركىنى يىراق بىر شەھەردىن ناھايىتى مۇھىم بىر ئىش بار دەپ مۇسكۋاغا چاقىرىپتۇ، گوركى يېتىپ كېلىپلا لېنىننىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ قېلىپ چاندۇرماي ئۆزى كەلگەن شەھەردە چوڭ بىر ئەرباپنىڭ ئۇنى ساقلاپ قالغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن لېنىنمۇ ئالدىنىپ شۇ يەرگە سەپەر قىلىپتۇ، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن «1- ئاپرېل» كۈنى ئالداش بايرىمىغا ئايلانغان، دېيىشسە، يەنە بەزىلىرى باشقىچە ئېيتىشىدۇ، بۇ گەپلەرنىڭ ئاساسى يوق.
ئەسلىدە بۇ بايرام 1545- يىلىدىكى بىر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن باشلانغان. ئەينى ۋاقىتتا نورېگىيىلىك لوف. لىرپا دېگەن بىر ئالىم لوندوندا ئۇچۇشنىڭ سىرىنى ئېچىش تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللانغان. ئاخىرى ئۇنىڭ سىنىقى مۇۋەپىقىيەت قازانغان، غۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھ مېنىرى ⅢⅤ كە بىر پارچە مەكتۇپ يېزىپ، پادىشاھنى «1- ئاپرېل» كۈنى ئۆزىنىڭ سىياسىيئونلىرى ۋە ۋەزىرلىرىنى باشلاپ ۋىسمونىست ئىبادەتخانىسىنىڭ سىرتىدا لىرپا ئەپەندىنىڭ كۆكتىن ئۇچۇپ ئۆتۈشىنى كۈتۈپ تۇرغان. لېكىن لىرپا ئەپەندى ئۇچۇپ ئۆتمىگەن. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ بىر ئادەتكە ئايلىنىپ «1- ئاپرېل» ئالداش بايرىمى شەكىللەنگەن.
بىراق يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن قارىغاندا لوف. لىرپا ئەينى ۋاقىتتا چاقچاق قىلمىغان. ئۇنىڭ پادىشاھنىڭ ئالدىدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمىگەنلىكىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئۇچۇش ئەسۋابى ۋىسمونىستقا يېتىپ كەلمەي تۇرۇپلا بىر دەرەخكە ئۈسۈۋېلىپ پاچاقلىنىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ شۇ يەردىلا ھالاك بولغان.
بۇ ئىلىم- پەن تارىخىدىكى بىر تراگېدىيە. نۇرغۇن كىشىلەر تۇنجى ئايروپىلان 1903- يىلى ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن دەپ قارىشىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇچۇش سىنىقى 1903- يىلىدىن 358 يىل ئىلگىرىلا مۇۋەپىقىيەت قازانغان. ئەگەر لوف. لىرپا شۇ قېتىم ھايات قالغان بولسا بىزنىڭ ئىلىم- پەن ئىشلىرىمىز تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان بولاتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى بۇ ئالىم ھىچقانداق خاتىرە قالدۇرمىغان، ئۇ بۇ سىرنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كەتكەن. گەرچە ئەنگلىيىدە ئالداش بايرىمى كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن كىشىلەر لوف. لىرپانى بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇ نورۋېگىيىدە زور ئابرويغا ئىگە. «1- ئاپرېل» كۈنى نۇرۋېگىيىدە مەملىكەت بويىچە بايرام بولىدۇ. كىشىلەر ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن چاڭغا بىلەن سەكرەش مۇسابىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈشىدۇ.
قىزىقى شۇكى، ئەگەر سىز ئۇنىڭ ئىسىمىنىڭ ئىنگلىزچە يېزىلىشى Loof.Lirpa (لوف. لىرپا) نى تەتۈرسىگە ئوقۇسىڭىز يەنە ئىنگلىزچە Afril fool دېگەن گەپ كېلىپ چىقىدۇ. بۇ گەپنىڭ مەنىسى «ئاپرېلدا ئالداش» دېگەن بولىدۇ... .

مەنبە: «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1985- يىللىق 2- سانى

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 23:06:41

«1- ئاپرېل ئالداش بايرىمى» نىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا ئۇچۇر بىلەن تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەھمەت.

ئ‍ويغاق يوللانغان ۋاقتى 2015-3-10 15:23:15

رەھمەت مەنمۇ بىلىۋالدىم

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 23:41:08

بۇ ھەقتە مەنمۇ ئىزدىنىپ يۈرەتتىم جام ئەپەندىنىڭ بۇ تېمىسى بۇ ئىزدىنىشىمنى ھەل قىلىدى رەھمەت سىزگە

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-3-12 00:11:31

نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى2015-3-11 23:41
بۇ ھەقتە مەنمۇ ئىزدىنىپ يۈرەتتىم جام ئەپەندىنىڭ بۇ تېم ...

تېمامنى ياقتۇرغان دوستلارغا تەشەككۈر!
مەنمۇ ئىمكانىيىتىم بويىچە كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن بىر قىسىم ئىشلارنى كۆڭلۈمگە پۈككەن بولساممۇ بىراق، نۇرغۇن ئويلىغانلىرىمنىڭ مىڭدىن بىرىنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالماي تۇرۇپتىمەن. بىر قىسىم يوللاۋاتقان ماتېرىياللار ئۆزۈمدە ساقلىنىۋاتقان ماتېرىياللار بولسا بىر قىسىم ماتېرىياللار تۈرلۈك يوللار بىلەن توپلىغان ھەم توپلاۋاتقان ماتېرىياللار ئاساسىدا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ھەرقايسىڭلار دېگەندەك ئۇنچىلىكمۇ ئەمەستۇر. كۆپچىلىكتىن ئۆزۈرخاھلىق ئېيتىمەن :loveliness:
بەت: [1]
: «1- ئاپرېل ئالداش بايرىمى» نىڭ كېلىپ چىقىشى