heqqani يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 01:10:14

ئوخشاش ۋاقىتتىكى ئىككى تەسىرات

ئوخشاش ۋاقىتتىكى ئىككى تەسىرات

8. مارت خانىم - قىزلار بايرىمى كۈنى \ چۈشتىن بۇرۇن \ سائەت10 :10 مىنۇت ئۆتكەندە ...

تاڭ قۇياشى زىمىنغا ئىللىق نۇرىنى تاشلىغان ، ئەتراپنى سۈزۈك تۇيغۇلار قاپلىغان ئىدى ، بۈگۈن مەن ئۈچۈن يەنىلا ئادەتتىكىدەك بىر كۈن . ئەتراپنى 3.8 لىق تەبرىكلەر قاپلىغا بولسىمۇ يەنىلا رەببىم پۈتكەن رىزىق ئۈچۈن دۇكىنىمنى ئېچىۋالدىم دە ، ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاچ دۇكان ئالدىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرۋاتاتتىم ، تۇيغۇلىرىم ئۈرۈك ۋە شاپتۇل چېچەكلىگەن باغدا مەسخۇشلۇق پەيزىنى سۈرگەن قىياپەتتە .
مۇشۇلارنى ئەسلەپ تۇرغان پەيتتە بىر جۈپ قىز - يىگىت نەلەردىندۇر پەيدا بولدى .
يىگىت : يۈرىڭە ! كىرىپ قاراپ باقايلى .
قىز: بولدى ئالدى تەرەپكە بارايلى . دېدى ماڭا قارىغاچ .
يىگىتنىڭ كۆزىدىن بىر مۇدھىش مەنا كېلىۋاتاتتى ، ئۇلارنىڭ دىيىشىۋاتقىنى يان تەرەپتىكى ياتاق ئىدىبىردىنلا كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ كەتتى .
ئې ئاللاھ ! ئىففەتلەرگە ئۆزۈڭ ئىگە بولغىن ! ئىففەت نوقۇل قىزنىڭ قىزلىقى بولماستىن بەلكى غورورى ، ۋىجدانى ،كىشىلىك ھۆرمىتى ۋە كەلگۈسى بۇرچى ئىدى . كۆزلۈرۈم ياشقا تولدى ، قاتتىق پەرىشان بولدۇم .

《بىر خاپىلىققا ئىككى خوشاللىق ھەمراھ . 》
دېگەندەك شۇ پەيىتتە بىر چاقلىق ئورۇندۇقتا نەچچە پارچە تورت تىزىۋالغان ، كۆزلىرىدىن مەردلىكى ، پاك قەلبى ، گۈزەل ھايات نىشانى پارلاپ تۇرىدىغان بىر يىگىت نامايەن بولدى ، ئالدىدىكى كىچچىككىنە توسالغۇ ئۇنىڭ يولىنى توسۇپ قويدى ، قوللىرى بىلەن كۈچىگەن بولسىمۇ ئامالسىز ئىدى، بۇ توسالغۇدىن ئۆتكۈدەك ماددى كۈچى بولمىسمۇ قەلبىدىكى ساغلام ھايات قارىشى ئۇنى توختىماي تىرىشىشقا ، ئالغا ئىلگىرلەشكەئۈندىمەكتە ئىدى ...
مەن تەمشىلىپ بولغۇچە بىريىگىت كېلىپ ھارۋىنى ئالدىغا تارتىپ چىقاردى ،
: رەھمەت
: ۋاي ھېچقىسى يوق ، مەن بىر پارچە تورت ئالاي ئاداش .
: بولىدۇ ، مانا ، سۇلياۋ خالتىغا سېلىۋېلىڭلار .
قىسقىغىنە دىئالوگ ، ئېسىل بىر پارچە كىتاپ ئوقۇساممۇ ئېرىشەلمەيدىغان بۇ قېرىنداشلىق مىھرىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈۋاتاتتىم ، مۇزلاپ كەتكەن قەلبىم بىردىنلا مۇھەببەت ھارارىتى بىلەن ئېرىشكە باشلىدى ، ئالەمچە سۆيۈندۈم .
بۇ بىرخاپلىقتىن كېيىنكى بىر خوشاللىق ئىدى ،
دېگەنتىمغۇ 《 بىرخاپىلىققا ئىككى خوشاللىق ھەمراھ 》
ئىككىنچى خوشاللىقمۇ نامايەن بولدى ، شۇ ئەسنادا بىر چوڭ ئاپاش ئۆتكەچ ئەھۋالنى كۆردى دە
؛ يارايسەن ئوغلۇم ! ھەقىقىي ئەركەك ئىكەنسەن ، ئۆز كۈچۈڭگە تايىنىپ جېنىڭنى جان ئېتىپسەن .
باشقىلارغا يېلىنمىدىڭ ، خاتا يولدا ماڭمىدىڭ . ھەقىقي ئوغۇل بالا ! ھەقىقىي ئەركەك !
بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغان يىگىت تېخىمۇ مەردانە ئاۋازدا :
تورت ئېلىۋېلىڭلار ! تورت ئېلىۋېلىڭلار ! دەپ توۋلىغىنىچە كېتىپ قالدى .
مانا بۇ ئىككى خوشاللىقدۇر .
بۇنداق دەبدەبىلىك سۆزلەر كىتاپلاردا كۆپ تىلغا ئېلىنسىمۇ رىئاللىقدا ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش كۆپ ئادەملەرگە نىسىپ بولمايدىغان بىر نىئمەت ئىكەن .

بىزئۈچۈن گۇناھسىز ئۆتكەن ھەر بىر كۈن بايرامدۇر .
گۈزەللىكلەرنىڭ ئەتراپىمىزدىن ۋە بىزدىن غايىپ بولماسلىقىنى تىلەيمەن

2015\3\8ھەققاني

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 20:29:13

ھەققانىي ئاپاندىمنىڭ بۇ ئىككى پارچە تەسىراتى ھەقىقەتەنمۇ تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى زور سېلىشتۇرۇش بولۇپتۇ. تەپەككۇرىڭىز ھارمىغاي.

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-9 23:01:15

تەسىراتىڭىز مەنا قاتلىمى چوڭقۇر ، ئۆزگىچە چىقىپتۇ ، ئىلھامىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن !

ئەلتۈرگ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 14:23:12

ئۆزگىچە چىقىپتۇ ، ئىلھامىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن !

ئەلتۈرگ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-11 14:23:43

ئۆزگىچە چىقىپتۇ ، ئىلھامىڭىزغا بەرىكەت تىلەيمەن !
بەت: [1]
: ئوخشاش ۋاقىتتىكى ئىككى تەسىرات