جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-8 19:37جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ
جۇڭگودا پاتىرىئارخاللىق تۈزۈم ئىدىيىسى ئۇزۇندىن تارتىپ ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەچكە، نەچچە مىڭ يىللىق تارىخ جەريانىدا دۆلەتنىڭ ئالىي ھۆكۈمرانى بولغان پادىشاھ (خان) لىق تەختىدە ئومۇمەن ئەرلەر ئولتۇرۇپ كەلگەن. لېكىن مۇئەييەن تارىخىي سەۋەبلەر نەتىجىسىدە بۇ «تەخت» كە ئاياللارمۇ چىققان. بۇ ئېلىمىز تارىخىدىكى بىر ئالاھىدە ئىش. بۇ «تەخت» كە چىققۇچى ئايال پادىشاھ دەل شىمالىي ۋېي سۇلالىسى پادىشاھى لى مىڭدېنىڭ قىزى- يۈەن مەلىكىدۇر.
يۈەن مەلىكىنىڭ پادىشاھ بولۇشى- ئۇنىڭ ئانىسى خۇ خانىشنىڭ بىر مەيدان «قىزىقارلىق كومىدىيە» ئوينىشى ئارقىلىق بولغان. خۇ خانىش ئەسلىدە بۇددا كالامىغا ناھايىتى پۇختا بىلىملىك ئايال ئىدى. شىمالىي ۋېي تۈزۈمىدە ئانا جامائەت ھوقۇق ئىمتىيازىنى چەكلەش ئۈچۈن شاھزادە توغۇلۇپ بولۇشى ھامان خانىش ئۆلتۈرۈۋېتىلەتتى. شۇڭا خانىشلار پەرزەنتلىرىنىڭ «شاھزادە» بولۇپ قالماسلىقىنى تىلەيتى. ئەمما خۇ خانىش دائىم «نېمە قورقاتتۇق، پەرزەنتىمىز پادىشاھ بولسا ياخشى ئەمەسمۇ؟ مەن پەرزەنتىمىزنىڭ ئوغۇل توغۇلۇپ، شاھزادە بولۇشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن، ئەگەر شۇنداق بولۇپ مەن ئۆلتۈرۈلسەممۇ ئارمىنىم يوق» دەيتتى. كېيىن خۇ خانىش بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئىسمىنى يۈ ئەنشۇ قويدى. دەل بۇ ۋاقىتتا پادىشاھ شۈەن ۋۇدى ئېغىر كېسەل بولغاچقا خۇ خانىش ئۆلتۈرۈلمىدى. شۈەن ۋۇدى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ 4 ياشلىق ئوغلى يۇ ئەنشۇ پادىشاھ بولدى. ئۇ لى مىڭدې دەپ ئاتالدى. شۇنىڭ بىلەن خۇ خانىش «خان ئانا» دېگەن ھۆرمەت نام بىلەن دۆلەتنى ۋاكالىتەن باشقۇردى. لېكىن ئۇنىڭ دۆلەت باشقۇرۇشى ۋەزىر- ئەمەلدارلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. كېيىنچە ھەتتا ئوغلى لى مىڭدېنىڭمۇ نارازىلىقى قوزغىلىپ، ئانا- بالا ئوتتۇرىسىدا بىر مەيدان ھوقۇق تالىشىش كۆرۈشى يۈز بەردى. شۇڭا لى مىڭدې ئاپىسىدىن ھوقۇق تارتىپ ئېلىش ئۈچۈن مەخپىي ھالدا دوڭ چۈەندە تۇرۇشلۇق زوراۋان جۇرۇڭنى «لوياڭغا ئەسكەر باشلاپ كېلىپ ياردەم بېرىشكە» چاقىرىدۇ. بۇنى بىلگەن خۇ خانىش دەرھال لى مىڭدېنى زەھەر بېرىپ ئۆلتۈرگۈزۋېتىپ، قىز نەۋرىسىنى «ئوغۇل» دەپ جاكارلاپ، پادىشاھ قىلىپ تەيىنلەيدۇ.
مانا بۇ جۇڭگو تارىخىدا تەختكە چىققان تۇنجى ئايال پادىشاھتۇر (بۇ دەل مىلادى 528- يىلى ئىدى) بىرقانچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن خۇ خانىش بۇ ئايال «پادىشاھ» نىڭ ئورنىغا ئوغۇل نەۋرىسى يۈ ئەنجاۋنى ئالماشتۇرىدۇ.
دېمەك، يۈەن مەلىكە گەرچە تەختتە تۇرغان ۋاقتى ئاز بولسىمۇ، ئۇ ھامان جۇڭگو تارىخىدىكى پادىشاھلىق تەختىگە چىققان تۇنجى ئايال پادىشاھ. بەزى كىشىلەر بۇ «تارىخىي كومىدىيە» نى بىلمىگەچكە تاڭ دەۋرىدىكى ئايال پادىشاھ ۋۇ زىتيەننى «جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ» دەپ خاتا قارىماقتا. يوقۇرقى تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا يۈەن مەلىكە دەل جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھتۇر.
ئۆمەرجان ئىسمايىل رەتلىگەن.
مەنبە: «شىنجاڭ ئاياللىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1986- يىللىق 4- سانى
جام ئەپەندىمنىڭ يېڭى بىر تارىخىي بىلىمدىن خەۋەردار قىلغانلىقىغا كۆپ رەھمەت. جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھنى بىلىۋالدىم ، جام ئەپەندىمنىڭ ئەجرىگە رەھمەت . رەھمەت مەنمۇ تىخى ۋۇزىتىيەن مىكىن دەپ ئويلايىتىم ھازىرغىچە//mobcent//app/data/phiz/default/39.png
بىلىۋالغۇلۇق ... تەشەككۈر قېرىندىشىم ... تەشەككۈر قېرىندىشىم ... تەشەككۈر قېرىندىشىم ...
بەت:
[1]