روھلاندا تەڭگە تاپماق شۇنچە تەسمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇممۇشۇ يېڭى ئوقۇش مەۋسۈمى باشلىنىش بىلەنلا نۇرغۇلىغان ئوقۇتقۇچىلار ماڭا ئار-ئارقىدىن تېلىفۇن قىلىپ، روھلاندىكى دەرس تەييارلىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى چۈشۈرەلمىگەنلىكى، تەڭگىسى يېتىشمىگەنلىكى، بۇرۇن ئەزا بولمىغانلىقىنى باھانە قىلىپ كۆرسىتىپ، ئەۋەتىپ بېرىشىمنى، سېتىپ بېرىشىمنى ئېيتتى، مېنىڭ بۇلارغا بەرگەن جاۋابىم ئوخشاشلا روھلانغا سىزمۇ ئۆزىڭىزدە بارىنى يوللاپ قۇيۇڭ، سىزدىمۇ تورداشلار پايدىلانغۇدەك ماتىرىيال بار، ھېچ بولمىغاندا بىرەر خىزمەتنىڭ پىلان-لايىھەسى، قائىدە-تۈزۈملىرى، دەرس تەييارلىقى ياكى دەرسلىك دېتالى چوقۇم بار ، شۇنداق قىلسىڭىزلا سىزمۇ ھەقسىز تەڭگىگە ئېرىشىپ، چۈشۈرەلەيسىز دېگەندىن ئىبارەت بولدى.
ئەمما بىر قانچەيلەن ئۆزىنىڭ ناھايىتى ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، پەقەت ئاشۇ دەرس تەييارلىقىنى ئىزدەپلا روھلانغا كىرىپ قالغانلىقىنى، بۇرۇن بۇنداق تور بېكەتنىڭ بارلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنىمۇ ئوتتۇرىغا قۇيۇشتى، بىلمەسلىك ھېچكىمنىڭ گۇناھى ئەمەس، بۇنىڭدىن كېيىن بىلسىڭىزمۇ كېچىكمەيسىز ئەمەسمۇ.
شۇڭا بۇ ھەقتە بۇرۇنمۇ بىر نەچچە رەت يوللانغان بۇ تەڭگىگە ئائىت تېمىنى تولۇقلاپ قايتا يوللاپ قۇيۇشنى لايىق تاپتىم.
تەڭگىگە ئېرىشىشنىڭ يوللىرى:
1. سىز ئۆزىڭىزدە بار تۈرلۈك دەرسلىك ماتىرىيال، ئۆگىنىش ماتىرىيالى، خام ماتىرىيال، قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال،.... قاتارلىق باشقىلارغا پايدىسى تېگىدىغانلىكى ماتىرىيالنى يوللىسىڭىز مۇۋاپىق تەڭگىگە ئېرىشەلەيسىز.
2. روھلان بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ تىزىملاتقاندىن كېيىن ھەر كۈنى كىرىپ قويسىڭىزلاتەڭگىگە ئېرىشەلەيسىز .
3. بىلىم تېمىلىرىنى يوللىسىڭىز ياكى باشقىلارنىڭ ياردەم تېمىسىغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرسىڭىز،... نۇرغۇن تەڭگىلەرگە ئېرىشەلەيسىز .
4. توردا ھەقلىق تارقىتىلىۋاتقان، توردىن ئاسان تاپقىلى بولمايدىغان ياكى ئۆزىڭىز ناھايىتى كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن ماتىرىياللىرىڭىز، تېمىڭىز بولسا (چوقۇم نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى ۋە ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزمەيدىغان بولۇشى كېرەك) باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلىشى ئاستىدا تېمىڭىزنىمۇ باشقىلارغا تەڭگىگە ساتالايسىز، باشقىلار تېمىڭىزنى كۆرۈش ئۈچۈن سىزگە تەڭگە تاپشۇرۇپ ئاندىن كۆرەلەيدۇ، بۇنىڭدىمۇ ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشەلەيسىز .
5. تۈرلۈك ھېيت-بايرام، مۇھىم كۈنلەردە يەنە روھلاندا ئىنكاس يازسىلا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدىغان تېمىلار ئۈزۈلمەي يوللىنىپ تۇرىدۇ، شۇڭا روھلانغا كۈندە كىرىپ تۇرغاننىڭ پايدىسى بولسا باركىن زىيىنى يوق، كۈندە كىرىپ يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرالايسىز.
6. مۇنبەر سول تەرەپتىكى تىزىملىك دېگەنگە مائۇسنى ئاپارسىڭىز ئېچىلغان كۆزنەكتىن ۋەزىپە دېگەننى تاللاپ كىرىپ، ئىلتىماس قىلىش كۇنۇپكىسىنى بېسىپ قيسىڭزلا ھەر كۈنى 3 روھلان تەڭگىسى ھېساباتىڭىزغا كىرىپ ماڭىدۇ. كۈندە يوقلىمىدىن ئۆتكەندەكلا بىر ئىش.
2014-يىل 11-ئايدا بىز روھلاننىڭ يېڭى ئۈندىدار سالونىغا قاتنىشىپلا 200 تەڭگە مۇكاپاتقا ئېرىشىش پائالىيتىنى يولغا قويدۇق، ئەمما نۇرغۇلىغان تورداشلار بۇ پائالىيەتكىمۇ قاتناشمىدى، قاتناشقانلارغا شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا 200 تەڭگە، 100 قىزغىنلىق ۋە 50 تۆھپە مۇكاپاتى قوشۇپ بېرىلدى.
تەپسىلاتى: روھلان ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىڭ (1)
ئەمدى روھلان ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلۇپ بولغان بولسىڭىز، روھلاندا تەڭگە تېپىشنىڭ يەنە بىر يېڭى ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ قوياي.
سىز ئۈندىدارىڭىزنى ئېچىپلا، ئەزالىق نامىڭىزنى ئۈندىدارىڭىز بىلەن باغلىۋالغاندىن كېيىن، ئۈندىدار سالونىمىزدا يوقلىمىدىن ئۆتۈش ئارقىلىقلا كۈندە نەچچە تەڭگە مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيسىز.
روھلان ئۈندىدار سالونىنى قوشۇۋېلىش ئۇسۇلىلىرى:
1-خىل ئاددى ئۇسۇل:
ئۈندىدارنى ئېچىپ، 发现 تىزىملىكىدىن 扫一扫 نى تاللاپ،كامېراسىنى تۆۋەندىكى رەسىمگە توغۇرلاپ، ئېچىلغان بەتتىكى 关注 دېگەن يېشىل رەڭلىك خەتنى باسسىڭزلا قوشۇلالايسىز.
/data/attachment/portal/201410/19/195537vbeqbpydb2mjyamm.jpg
2-خىل ئۇسۇل:
ئۈندىدارنى ئېچىپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى قوشۇش + بەلگىسىنى بېسىپ، ئېچىلغان تىزىملىكتىن 添加朋友 نى بېسىڭ، ئۈستىدىكى ئىزدەش رامكىسىغا bbsrohlan دەپ كىرگۈزۈپ، ئاستىغا چىققان 搜索 يېنىدىكى bbsrohlan دېگەننى باسسڭىز روھلان ئۈندىدار سالونى ئېچىلىدۇ، شۇ يەردىن ئۈستىدىكىگە ئوخشاشلا 关注 دېگەن يېشىل رەڭلىك خەتنى باسسىڭزلا سالونىمىزغا قوشۇلالايسىز.
ئەسكەرتىش: يۇقارقى ئىككى خىل ئەھۋال ئاستىدا سىزگە يېشىل رەڭلىك 关注 دېگەن خەت كۆرۈنمەي 取消关注 دېگەن خەت (6.0 دىن تۆۋەن نەشرىدە مۇشۇنداق چىقىدۇ) كۆرۈنسە سىزنىڭ سالونىمىزنى ئاللىقاچان قوشۇۋالغانلىقىڭىزنى بىلدۈرىدۇ،取消关注 نى يەنە بىر قېتىم چەكسىڭىز بۇ سالوندىن چېكىنىپ كېتىسىز.
يەنە 进入公众号 دەپ كۆرۈنسىمۇ (6.0نەشرىدە مۇشۇنداق چىقىدۇ) سىزنىڭ سالونىمىزدا بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئۈندىدار سالونىغا قوشۇلغاندىن كېيىن 1 رەقىمىنى يوللىسىڭىز سىزگە ئاپتۇماتىك ئۇچۇر قايتىدۇ، شۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇرچە يول باشلىغۇچ ئارقىلىقلا مەشغۇلاتنى تاماملىيالايسىز.
قېنى ئەمىسە سىناپ بېقىڭ.
روھلان تەڭگىسىگە يۇقارقىدەك ئۇسۇللاردا ئېرىشكىلى بولىدۇ، پۇلغا سېتىلمايدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yanfun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-8 13:27
ۋەزىپىنى ئورونداپ بولغانئۈندىدارئىسمىم:
三Siz★困lαr ماڭا مۇكاپات بارمىدۇ؟:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-8 19:02
يائاللا، نەگىلا بارسا مۇشۇ پۇل- تەڭگە دېگەنلەرنى كۆرسەملا ئەرۋاھىم ئۇچىدۇ مېنىڭ :lol روھلانغا ئەزا بولۇش، زىيارەت قىلىشتىكى ئاساسىي مەقسەت مەلۇم بىلىمگە، رىئال تۇرمۇشتا ئېرىشەلمىگەن بەزىبىر نەرسىلەرگە ئېرىشىش، ئانچە- مۇنچە ئىچ- پۇشىقىمىزنى چىقىرىش ئۈچۈن، شۇنداقلا بىر قىسىم ياردەمگە مۇھتاج قېرىنداشلار ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولۇش ئۈچۈنغۇ. ئالدىنقى يىلى بازارلىق مەركىزى مەكتەپتە ئىشلەيدىغان خېلى بىر بىلىمگە، ئىمتىيازغا، تەسىرگە ئىگە بىر يېقىن تونۇشۇم تېلېفون ئارقىلىق ماڭا: «قاراڭ مەن ش ش دەرسلىككە مۇھتاج بولغان ئىدىم، سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ‹روھلان، دا مۇشۇ دەرسلىكنىڭ پايدىلىنىش ماتېرىيالى بارلىقىنى بىلدىم، قانچە پۇل ئالسىڭىز ئېلىڭە ئاغىينەم، ئايالىمغا مۇشۇ ماتېرىيالنى تېپىپ بەرسىڭىز» دېمەسمۇ، شۇ جاۋابقا دەسلەپتە قاقاھلاپ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاب بەرگەن ئىدىم: «ۋاي بۇرادەر، بۇنى پۇلغا ساتىدىغان ئىش يوق، ھەم مىنى ئۇنچىلىك رازى قىلىپ كېتىشىڭىزنىڭمۇ ھاجىتى يوق، پەقەت شۇ تور بەتكە ئەزا بولسىڭىز... لا ۋە ياكى زۆرۈر بولسا مەن چۈشۈرۈپ بەرسەملا ئىش پۈتىدۇ...» دەپ جاۋاب قايتۇردۇم ھەم نەتىجىدە مەن ئارقىلىق شۇ ماتېرىيالغا ئېرىشتى....
«ئادىل» ئاتامان دېگەندەك، خىزمەت ۋە ياكى بەزىبىر ئىشلار سەۋەبىدىن روھلان مۇنبىرىنىمۇ بىلمەيدىغان، ئۇنىڭدىن قانداق ئۇسۇلدا پايدىلىنىشنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغانلارنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ. ھېلىمۇ ياخشى، روھلان مۇنبىرى ھازىر بىر قىسىم نوپۇزلۇق نەشر ئەپكارلىرى ۋە تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدا تۈرلۈك شەكىللەردە تەشۋىق قىلىنىش، شۇنداقلا روھلانغا كىرىپ تۇرىدىغان ماڭا ئوخشاش پىداكارلارنىڭ قەرەلسىز تەشۋىقاتى- تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق بىلىشى كۈندىن- كۈنگە ئاشماقتا.
مۇشۇ سەۋەبلەردىن مەن شۇنداق ئىشەنچتىمەنكى- ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى، تۈرلۈك ئېھتىياج تەقەززاسى بىلەن روھلان مۇبىرى يەنىمۇ كۆپ ئالقىشقا- ماختاشقا- قوللاشقا ئېرىشكۈسى!
كۇندە مۇنبەرگە چىقىپ قۇيسىمۇتەڭگە دىگەن شۇ سىزگە دىگەنلەر، سىزدىن ئاغرىنغانلارمۇنبەرگە تۆھپە قوشمىغانلار ياكى مۇنبەر ئارلاشنى ئاۋارچىلىق كۆرىدىغانلاردىن ، ئۇنىڭ ئۈستىگە
ئۇزۇن بولدى مۇنبەرگە شۇنداق ئىسىل مەزمۇنلار يوللىنىۋاتىدۇ، ھەقلىقلىرى بار يوقنىڭ ئورنىدا، شۇنىڭغا خۇش بولسا بولىدۇ ياكى ئۆزىمۇ
بىر كىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇپ ئەجىر قىلىپ ئاندىن مىۋىسىنى يىگىنى تۈزۈك ،مىنىڭ دەيدىغىنىم، روھلاندا تەڭگە تاپماق بەك ئاسان، روھلاندا تەڭگە تاپماق بەك ئاسان ،مانا مەنمۇ3000 تىللالىق بولۇپ قالدىم، روھلاندىكى بايلارنىڭ 6-دەرىجىلىكگە چۈشۈمەنغۇ دەيمەن.
خالساڭلا بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىپ مىڭ تەڭگە مۇكاپات ئېلىشقا قاتنىشىڭ، راستىنلا ئالالايسىز..
بۇ سۇئالغا جاۋاپ بېرىپ مىڭ تەڭگە مۇكاپات ئېلىۋېلىڭ ئادىلكا ، ئىملا نەگە كەتتى:lol
مەنمۇ ۋەزىپىنى ئورۇنداپ ئەزالىق نامىمنى باغلاپ بولدۇم ئەزالىق نامىم كەۋسەر885 ئاتامان ئەپەندىمگە تەكلىپىم:باشقۇرغۇچىلار كۆپ بولغاچقىمىكىن بەرزى باشقۇرغۇچىلار ياخشى تىما بولسىمۇ تىما تەستىقلىغاندا تەڭگە بەرمەيدىغان ئەھۋاللارمۇ بارمۇ قانداق مۇشۇلارنى سۇراپ باققان بولسىڭىز ئاتامان ئەپەندىم،