يانبىلوگ دېگەن نېمە؟
يانبىلوگ ئۇقۇمى ئىلقۇت تور تېخنىكىسى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇقۇم بولۇپ، بۇ ھازىرقى دەۋرگە ماسلاشقان ھەر بىر شەخسنىڭ ئۆزىنىڭ تور خاتىرىسى (بىلوگى) بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ مەقسەت قىلىپ لايىھەلىنىپ، مۇستەققىل ئېچىپ چىقىرىلغان سىستېمىدۇر.يانبىلوگ ھازىرقى دەۋرگە ماسلاشقان، يانفون ئالاھىدىلىكىنى چىقىش قىلىپ، ھازىر بار بولغان بىلوگ ۋە مىكروبىلوگلاردىن پەرقلەندۈرۈپ ئېچىپ چىقىلغان يېڭىچە شەيئىدىن ئىبارەت. تىلىمىزغا بىلوگ ئۇقۇمى 2007-يىلللىرى كىرىپ تېز سۈرئەتتە ئومۇملاشقاندىن كېيىن، 2010-يىللىرىغا كەلگەندە مىكروبىلوگدىن ئىبارەت يېڭىچە شەيئى ئوتتۇرىغا چىقىپ، كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ بىلوگ تەدرىجى ھالدا كىشىلەرنىڭ ئېسىدىن يوقىلىشقا باشلىدى. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە كۆچمە ئالاقىنىڭ شىددەت بىلەن تەرەققىي قىلىشى، ئەقلىي يانفونلارنىڭ تېزدىن ئومۇملىشىشى نەتىجىسىدە ئۈندىداردىن ئىبارەت يېڭىچە شەيئى ئوتتۇرىغا چىقتى. كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى ئۆزىنىڭ تەپەككۇر مېۋىلىرىنى ئۈندىدارنى ۋاسىتە قىلىپ باشقىلار بىلەن ھەمبەھرلىنىش ئېھتىياجى تېخىمۇ ئېشىشقا باشلىغان بۈگۈنكى كۈندە، ئۈندىدارنىڭ ئانا تىلىمىزنى ياخشى قوللىماسلىقى تۈپەيلىدىن، كىشىلەر ئۆزىنىڭ تەپەككۇر مېۋىلىرىنى ئېلان قىلىدىغان ياخشى بىر سۇپا تاپالمىدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىلقۇت تور تېخنىكىسى بىر يىلدىن ئۇزۇن ئىزدىنىش، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ھازىرقى يانبىلوگ ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى ۋە ئۇنىڭ سىستېمىسىنى ئېچىپ چىقتى.
يانبىلوگنىڭ خەنزۇچە ئاتالغۇسى 粉博 قىلىپ بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇ ئاتالغۇ ھازىر ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى ۋە ئۈندىدار لۇغىتىگە قوشۇلۇپ، بۇ ئاتالغۇنىڭ تېزدىن ئومۇملىشىشىغا ئاساس سېلىندى.
قىسقىسى يانبىلوگ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، كىشىلەر يانفون ئارقىلىق زىيارەت قىلىدىغان، ھەمبەھرلىنىدىغان بىلوگ سىستېمىسىدىن ئىبارەت بولۇپ، مەزكۇر سىستېما بىر قىسىم ئۆزتاراتقۇ ئېھتىياجى بارلارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ھازىرقى زامان ئۇچۇر دەۋرىدىن ياخشى پايدىلىنىشقا ئاساس سالغۇسى!
مەنبە:http://www.ilqut.cn
بۇمۇ بۇلىدىكەن، بىرەسىنى قۇتقۇزۋىلىشقا تۇغرا كەلسە ئۆزىگە سىزنىڭ زىيانكەشلىك قىلمىغانلىقىڭىزنى ئىقرار قىلدۇرۇپ بىلوگقا يوللىۋىتىپ ئاندىن قۇتقۇزسىڭىز تۆھمەتكە ئۇچراشتىن ساقلىنىشقا سەل-پەل پايدىسى بۇپ قالغۇدەك... رەھمەت، مەن بۇ توغرىلىقمۇ چۈشەنچىگە ئىگە بولىۋالدىم. ablimitt يوللىغان ۋاقتى2015-3-7 11:52
بۇمۇ بۇلىدىكەن، بىرەسىنى قۇتقۇزۋىلىشقا تۇغرا كەلسە ئ ...
مەقسىدىڭىزنى چۈشەنمىدىم! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-3-7 17:24
كۈندە ئەڭ يېڭى سالون تېمىلىرىنى كۆرمەكچى بولساڭلار بۇيەردىن كۆرۈڭلاركۆرۈڭلار كۈنىگە 20000ئەتراپىدا يېڭى تېما قوشىلىدۇ
بەت:
[1]