روھلاندا مۇنداقمۇ ياردەم سوراش بار
سىىمسىز تورغا چىقىش كارتىسىدىن جىددىي ياردەمئەسسالام، روھلان ئەھلى!روھلان مۇنبىرى بىلىدىغانلار بىلگىنىنى بىلمەيدىغانلارغا يەتكۈزىدىغان، بىلمەيدىغانلاربىلمەكچى بولغىنىنى بىلىدىغانلاردىن بىلىش ئۈچۈن كىرىدىغان، ئاساسەن كەسىپ ئەھلىلىرى جەم بولغان ئىلىم سورۇنى. شۇڭا مەنمۇ «قۇچقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن»، « كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ» دەپ قاراپ، مۇنداق بىر ئىشتا مۇنبەرداشلىرىمىزدىن ياردەم سورىماقچى:
مېنىڭ ئۆي، ئىشخانا، دۇكان...دېگەندەك دائىمىيلىق تۇرار جايلىرىمنىڭ ھەممىسىدە سىملىق ۋە سىمسىز تور بار. ئەمما بەزىدە خىزمەت، سەيلى-ساياھەت ۋە كەسىپ زۆرۈرىيىتى بىلەنتولاراق سىرتلارغا بېرىشىمغا توغرا كېلىدۇ. مەندەك تور ئارقىلىق جاھاندارچىلىق قىلىدىغان، يىگىرمە تۆت سائەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى توردا ئۆتىدىغان بىر تورخومارئىنسان ئۈچۈننەگە بارسام كومپىيۇتېرنى ئېلىۋېلىشىمغا توغرا كېلىدۇ، ئەلۋەتتە. تولىمۇ ئەپسۇس، كومپىيۇتېر بولغان بىلەن تور يوق! چاتاق دەل- مۇشۇ يەردە.
مەن ھازىرغىچە تېلېگىرافنىڭ سۆزلىشىش كارتىسىنى سىمسىز تور كارتىسى قىلىپ ئانچە-مۇنچەئىشلىتىپ قوياتتىم.ئەمما بۇنىڭغائېقىم مىقدارى بەكلا كۆپ كېتىدىغان بولۇپ، تېلېفون كارتىسىنى قەرزدار قىلىپ قويۇش خەۋىپى ئېغىر ئىكەن. شۇڭاتېلېگىراف، كۆچمە ۋە بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركەتلىرىنىڭ سىمسىز تورغا چىقىش كارتىسىنى سېتىۋېلىش نىيىتىم بار ئىدى. باشقىلارنىڭ سىمسىز تورغا چىقىش، توك تولۇقلىغۇچ ...قاتارلىق خېلى كۆپ قوشۇمچە ئىقتىدارى بار ئۇنىۋېرسال سىىمسىز تورغا چىقىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنىمۇ ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن ئىدىم.سىلەرچە، سىىمسىز تورغا چىقىش كارتىسىنىڭزادىقايسىسىنى، قەيەردىن سېتىۋالسام بولار؟ بەلكىم، «بىر ئادەم گۈلخان ياقسا، مىڭ ئادەم تەڭ ئىسسىنىپتۇ» دېگەندەك مېنىڭ بۇ ياردەم تېمام ماڭا ئوخشاش بۇ جەھەتتە تەمتىرەپ يۈرگەن خېلى كۆپ قېرىنداشلىرىمىزئۈچۈنمۇ ياخشى بىر مەسلىھەت ۋە ئاقىلانىلىق بىلەن خالىس يول كۆرسىتىش بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.
قېنى، ئەمىسە، بۇ جەھەتتە تەجرىبىسى بار مۇنبەرداش قېرىنداشلىرىمىزنىڭ جاۋابىغا ئىنتىزارمەن. مېنىڭتەكلىۋىم :سىزنىڭ سەپەر ،خىزمەت ۋاقىتلىرىڭىزناھىيە ئىچىللىرىدە بولسا سىمسىز تورنى كۈچەيتىش قورالىدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزلا كۇپايە .ئەگەر ئانچە مۇنچە يېزىلاردا تۇرۇپ قالىمەن دېسىڭىز (كەنىتلەردە ) بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىلگىراف خەۋەرلىشىنىڭ تورغا چىقىش كارتىللىرىنى بېجىرىپ ،كارتا جازىسىغا كۈچلۈك قوبۇللاش ئىقتىدارىغا ئىگە روتىرنى ئىشلىتىڭ،ئەلتۇغ روتېر 2-ئەۋلاتنى تەۋسىيە قىلىمەن . (يېزا مەركىزىگىمۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سىمسىز تورى ئاساسەن بېرىپ بولدى).قالغىنىنى ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللىۋېلىڭ . مېنىڭتەكلىۋىم :سىزنىڭ سەپەر ،خىزمەت ۋاقىتلىرىڭىزناھىيە ئىچىللىرىدە بولسا سىمسىز تورنى كۈچەيتىش قورالىدىن بىرنى سېتىۋالسىڭىزلا كۇپايە .ئەگەر ئانچە مۇنچە يېزىلاردا تۇرۇپ قالىمەن دېسىڭىز (كەنىتلەردە ) بىرلەشمە خەۋەرلىشىش تىلگىراف خەۋەرلىشىنىڭ تورغا چىقىش كارتىللىرىنى بېجىرىپ ،كارتا جازىسىغا كۈچلۈك قوبۇللاش ئىقتىدارىغا ئىگە روتىرنى ئىشلىتىڭ،ئەلتۇغ روتېر 2-ئەۋلاتنى تەۋسىيە قىلىمەن . (يېزا مەركىزىگىمۇ كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ سىمسىز تورى ئاساسەن بېرىپ بولدى).قالغىنىنى ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن تاللىۋېلىڭ . مەندە چەكسىز تور كارتىسى بار كىچە كۈندۈز تورغا چىقسىڭىزمۇ ئېقىم مىقداردىن ئەنسىرىمەيسىزپۇلىسى 1000 سومچۈشۈرۈلمەيدۇ مەندە چەكسىز تور كارتىسى بار كىچە كۈندۈز تورغا چىقسىڭىزمۇ ئېقىم مىقداردىن ئەنسىرىمەيسىزپۇلىسى 1000 سومچۈشۈرۈلمەيدۇئۈندىدار 1121838844 تىلىگىرافنىڭ تورى تىز 80يۈئەنگە 200 سائەت چىققىلى بولدىكەن
شۇنى ئىشلىتىپ باقمامسىز،
مەنمۇ سىزدەكئىشلىتۋاتىمەنئەممامىنىڭ تىلگىرافنىڭچەكسىز توركارتىسىبىلەن500مىنوتلۇقسۆزلىشىشكەسپىبىرگەۋدىلەشكەنئايلىق ئىستىمالى99سومتور تۈگەپكەتمەيدۇتىجارەت زالىغاباسىڭىز ئې 9دەمدىكى بۇ كەسىپنىڭ ئىسمىنى ئابدۇ28تەپسلىرەك چۈشەندۈرىڭە قانداق چەكسز ئايدا پۇل تۈلەمدۇ ياقمۇ شۇنى دەيمەن ھازىر مۇشۇ بىرلەشمە خەۋەرلىرىنىڭ چەكسىز تۇرغا چىقىدىغان كارتىسى ھەم ئۇسۇلىنى دەرىسلىكلىرىنى بەزەن باللار سىتىۋىتىپتۇ دەيدۇ مەنمۇ قىلىپ باقمىدىمقىپپاققنلار ياكى بۈلىدىغانلار دەپپاقساڭلار قاندا ئىشكىن مۇشۇ راس شۇندامۇياكى باشقا ئىش بامۇ ئۇقساق بۇلىتى چەكسىز تۇرغا چىقىدىغان قاندا كارتا ئۇَ بىرلەشمە زاللىرىغا ياكى ئابۇنىتلار مۇلازىمەتكە ئۇرساقمۇ ئۇندا كارتا يۇق دەيدىكەن