TURAN01 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-4 00:47:49

بالىلىرىم سىلەر ئويناڭلار

بالىلىرىم سىلەر ئويناڭلار

كۆكتىن يەرگە بۇلۇت تىزدىم،
موللاق ئاتسۇن دەپ.
‹چىنتۆمۈر›دىن يا ئەكەلدىم،
سىلەر ئويناڭلار.

جاھاننامە ياساپ قويدۇم،
خەۋەر تاپسۇن دەپ.
‹ئوغۇزنامە›تېپىپ كەلدىم،
سىلەر كۆرۈڭلار.

شەكىللەردىن ھەرىپ تىزدىم،
تارىخ يازسۇن دەپ.
ئالتۇن قەلەم ئېلىپ كەلدىم،
سىلەر يېزىڭلار.

‹مىڭ ئۆي›لەرگە داستان ئويدۇم،
مەنا يەشسۇن دەپ.
ئاتام بەرگەن ‹ئۆگۈت›سۇندۇم،
سىلەر ئوقۇڭلار.

يايلاقلارغا گۈل تېرىدىم،
ئۈزۈپ قىسسۇن دەپ.
تەڭرىتاققا لەيلى كۆمدۈم،
سىلەر پۇراڭلار.

‹بىھىشباغ›نى ھاسىل قىلدىم،
ھاۋالانسۇن دەپ.
پولو ،ئۈگرە ئىتىپ قويدۇم،
سىلەر تېتىڭلار.

مامۇقلاردىن ياستۇق تىزدىم،
قۇيۇپ ياتسۇن دەپ.
ئاي يۇلتۇزنى ھەمرا قىلدىم،
سىلەر ئۇخلاڭلار.

‹ئىز›لىرىمدىن سىزىق سىزدىم،
ھىچ ئازمىسۇن دەپ.
قوياشقىچە يول ياسىدىم،
سىلەر يۈگرەڭلار.

‹ياغاچ ئات›نى ياساپ قويدۇم،
مىنىپ كۆرسۇن دەپ.
بىلگەنلەرگە چەك قويمۇدۇم،
سىلەر ئۇچۇڭلار.

مارجانە، سۇ شەھرى سۇندۈم،
شۇڭغۇپ كۆرسۇن دەپ.
شۇنچە كەڭدۇر دېڭىزلىرىم،
سىلەر ئۈزۈڭلار.

تۆت پەسىللىك ھاۋا بەردىم،
نەپەس ئالسۇن دەپ.
ھەجەپ ياشنىدى زامانىم،
سىلەر ئاسراڭلار.


ئاڭلاش،كۆرۇش،تۇتۇش،پۇراش،تېتىش ھەممىگە ئورتاقتۇر،
تەپەككۇر دېڭىزىدىن جەۋھەر سۇزۇش ،ئىنسانغاخاستۇر.
نەگە بېرىپ،نەدە توختاش پىلانلىق ،ئۆزگىچە بولسۇن.
سىلەر تۈزۈڭلار.


                        تۇران
                2015-يىل 4-مارت
بەت: [1]
: بالىلىرىم سىلەر ئويناڭلار