ADiL يوللانغان ۋاقتى 2010-9-24 01:45:16

تۆھپىكارلارغا بېلەت تاشلاڭ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار !
ھەممىمىزگە مەلۇم 2010-يىل 9-ئاينىڭ 29-كۈنى روھلان تور بېكىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىق قۇتلۇق كۈنى.
مۇناسىۋەتلىك تېما
روھلان تورى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2 يىللىق قۇتلۇق كۈنى يېتىپ كەلدى!!!
http://bilim.rohlan.biz/thread-3400-1-1.html
بىز بۇ ئىككى يىل جەريانىدا روھلان تور بېكىتىمىز ئۈچۈن ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشىۋاتقان تۆھپىكارلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن نامزات كۆرسىتىش پائالىيىتى ئويۇشتۇرغان ئىدۇق .
مۇناسىۋەتلىك تېما
تۆھپىكار ئەزالارغا نامزات كۆرسىتىش باشلاندى .
http://bilim.rohlan.biz/thread-3503-1-1.html
بىز شۇ تېمىدا كۆرسىتىلگەن تۆھپىكارلاردىن 20 نەپەرنى بۇ يەردە بېلەت تاشلاشقا چىقاردۇق ، تورداشلارنىڭ شۇ كىشىنىڭ تېمىلىرى ۋە ئىنكاسلىرىنى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىپ بېلەت تاشلاپ ھەقىقىي تۆھپىكارلارنى باھالاپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمىز .
كۆپ تاللاشقا بولىدۇ، ئەڭ كۆپ بولغاندا 10 ئادەمگە بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ .
روھلان تور بېكىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇتلۇق كۈننى تەبرىكلەش پائالىيتىنى پەخرىم شىركىتى ئالاھىدە قوللىدى .
ئىزاھات: بۇ يەردىكى ئىسىم تەرتىپىنىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىكى ھېچقانداق ئالاھىدە مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ
ھۆرمەت بىلەن روھلان تور بېكىتى
2010-يىل 9-ئاينىڭ 23-كۈنى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2010-9-25 22:06:31

روھلان تور بېكىتىنىڭ بۇ قېتىملىق قۇتلۇق كۈننى تەبرىكلەش پائالىيتىنى پەخرىم شىركىتى   ۋە ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىئالاھىدە قوللىدى .



تارقىتىلىدىغان مۇپاكات تۈرى ۋە بۇيۇملار:
1-دەرىجىلىك مۇكاپات 1دانە
مۇكاپات بۇيۇمى : قىممىتى 98 يۈەنلىك ئەقلىم ھەممىباب يۇمشاق دېتالى ، قىممىتى 60 يۈنلىك پەخرىم 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى

2-دەرىجىلىك مۇكاپات 2دانە
قىممىتى 98يۈەنلىك ئەقلىم ھەممىباب يۇمشاق دېتالى ۋە قىممىتى 60 يۈەنلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسى

3-دەرىجىلىك مۇكاپات 3 دانەقىممىتى 98يۈەنلىك ئەقلىم ھەممىباب يۇمشاق دېتالى

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى مۇكاپاتى:1 دانە
مۇكاپات بۇيۇمى: قىممىتى 60 يۈنلىك پەخرىم 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى

تۆھپىكار ئەزا مۇكاپاتى: 1 دانە
مۇكاپات بۇيۇمى: قىممىتى 60 يۈەنلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسى

بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنن ئەمەلىي ئەھۋالغا ، مۇكاپات ئالغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە قارىتا بىر قىسىم تەڭشەشلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مۇكاپات بۇيۇمىنىڭ قىممىتى ۋە سانى ئاشسا ئاشىدۇكى كېمىيىپ كەتمەيدۇ .


قىممىتى 98يۈەنلىك ئەقلىم ھەممىباب يۇمشاق دېتالى ھەققىدە تەپسىلي چۈشەنچە

قىممىتى 60 يۈنلىك پەخرىم 2010 شوپۇرلۇق ئىمتىھان سىستېمىسى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە

قىممىتى 60 يۈەنلىك كومپيۇتېر 1-دەرىجە ئىمتىھان سىستېمىسى ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە

بەت: [1]
: تۆھپىكارلارغا بېلەت تاشلاڭ