abdimijit يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 01:46:50

مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىگىز ئورۇندىن ئۇلاپ سورت يەڭگۈشلەش

مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىگىز ئورۇندىن ئۇلاپ سورت يەڭگۈشلەش
مېۋە مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن . مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىگىز ئورۇندىن ئۇلاپ سورت يەڭگۈشلىگەندە ۋاقىت، ئۇرۇق تېجىلىدۇ، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدۇ. ئۇلاشتىن ئىلگىرى ئەلا سۈپەتلىك ئۇلاقلىقنى ياخشى تاللاش كېرەك، ئەلا سۈپەتلىك يېتىلگەن دەرەخلەردىكى مېۋىگە كىرگەن شاخلارنىڭ سۈپەتلىك نوتىلىرىنى ئۇلاقلىق قىلىش كېرەك، ئۇلاق تۈۋى قىلىنغان دەرەخنىڭ شاخ - نوتىلىرىنى ئۇلاقلىق قىلىشقا بولمايدۇ؛ ئۇلانغان كىيىنكى پەرۋىشنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئىگىز ئورۇندىن ئۇلاش ئورنى ئادەتتە يەر يۈزىدىن 0.5 - 1 مېتىر ئىگىز بولۇشى كېرەك.
ئىگىز ئورۇندىن ئۇلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى - 3 - ئايدىن 4 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە. ئۇلاق تۈۋى قىلىندىغان دەرەختىكى باشمالتاقتىن تومىراق تېمەن شاخنى تاللاپ، ئۇلاق پىچىقى بىلەن سىلىق، بوغۇم يوق جايدىن يۇقىىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ كېسىش كېرەك، كەسمە يۈزى 1.5 سانتىمېتىرچە بولسا بولىدۇ.
ئۇلاقلىقنى ئۇلاقلىق بىخ ئاستىدىن كەسمە يۈزى 1.2 - 1.5 سانتىمېتىرلىق قىلىپ كېسىش كېرەك، كەسمە يۈزىنىڭ سىلىق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇلاقلىقنىڭ ئاستى تەرىپىدىكى بوغۇم ئارىلىقى ئۇزۇن بولسا يەككە بىخلىق ئۇلاقلىق ئېلىنسا، بوغۇم ئارىلىقى قىسقا بولسا 2 - 3 بىخلىق ئۇلاقلىق ئېلىنسا بولىدۇ.
ئۇلاشتا تەييارلانغان ئۇلاقلىق ئۇلاق تۈۋىنىڭ ئوتتۇرىسىغىراق كىرگۈزۈلىدۇ. ئاندىن ئۇلاقلىقنىڭ ئۇچى بىلەن ئۇلاق تۈۋىنىڭ كېسىلگەن يۈزى سۇلياۋ ئارقىلىق چىڭ باغلىنىپ پەقەت بىخ تۆشۈكىلا قالدۇرىلىدۇ.
بىخ ئۇلاقتا تېمەن كونا شاختىكى ئەتىيازدا، ياكى باش يازدا چىققان نوتىلار ئۇلاقلىق قىلىنىپ، ئۇلاق تۈۋىدىكى شۇ يىلى چىققان يۇمران شاخنىڭ تۈۋىگە « T » شەكىللىك قىلىنىپ ، ياكى پوستىغا كىرگۈزۈلۈپ ئۇلىنىدۇ. ئاندىن بىخ ئۇچى قالدۇرۇلۇپ باغلىنىدۇ. كونكىرىت ئۇسۇلى شاخ ئۇلاقنىكىگە ئوخشايدۇ. بىخ ئۇلاقنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتى - 5 - ئايدىن 6 - ئايغىچە. بىخ ئۇلاق قىلىپ 15 كۈندە ئۇلاق بىخنىڭ 2 سانتىمېتىر ئۈستىدىن كېسىۋېتىپ يېڭى نوتىلارنىڭ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مېۋىلىك دەرەخلەرنى بېقىن ئۇلاشتا، يېتىلگەن دەرەخنىڭ بېقىن ئۇلاق ئورنى ئۈچۈن ئاساسىي شاخنىڭ شۇ يىلى چىققان تىك ئۆسكەن، تېمەن، سىلىق، باشمالتاق توملىقىدىكى يېڭى نوتىلىرىنىڭ تۈۋى قىسمىنى تاللاش كېرەك. بېقىن ئۇلاقتىكى ئۇلاقلىق ۋە ئۇلاق تۈۋىنى كېسىش ئۇلاش ئۇسۇللىرى يارما ئۇلاق ئۇسۇلىنىڭكىگە ئوخشايدۇ.

5230 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 10:48:58

رەھمەت سىزگەئاكامغاپايدىسى بار ئىكەن

ئۆمۇرۇم يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 23:23:43

رەھمەت ناھايتى ياخشى تىما يۇللاپسىز يەنە بۇلسا يۇللاپ تۇرارسىز مەن ك
بەت: [1]
: مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىگىز ئورۇندىن ئۇلاپ سورت يەڭگۈشلەش