مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئەتىيازدا ئۇلىغاندا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
1 .ۋاقىتنى توغرا تاللاش لازىم .ئۆرۈككە ئوخشاش بالدۇر چېچەكلەيدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنى جەنۇبىي شىنجاڭدا 3- ئاينىڭ 10-كۈنىدىن ،شىمالىي شىنجاڭدا 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ئۇلىسا بولىدۇ :ئالما،نەشپۈت قاتارلىقلارنى جەنۇبىي شىنجاڭدا 3- ئاينىڭ ئاخىرىدىن ،شىمالىي شىنجاڭدا 4- ئاينىڭ بېشىدىن باشلاپ ئۇلىسا بولىدۇ .2.دەرەخ تۈپى ۋە ئۇلاقلىقنى توغرا تاللاش لازىم .دەرەخ تۈپى ۋە ئۇلاقلىق ساغلام ،كېسەل تەگمىگەن بولۇشى ،بىخلىرى تويۇنغان بولۇشى ،دەرەخ تۈپى ۋە ئۇلاقلىقنىڭ دىئامېتىرى 0.5 سانتىمېتىردىن بىر سانتىمېتىرغىچە بولۇشى لازىم .دىئامىتېرى بەك چوڭ بولۇپ كەتسە تۇتۇش نىسپىتى ،شامالغا بەرداشلىق بېرىش كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ .
3 .ئۇلاش مەشغۇلاتى توغرا بولۇش لازىم .دەرەخ تۈپى ۋە ئۇلاقلىقنىڭ چوڭ -كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇشى ،ئۇلاقلىقنىڭ چوڭ -كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇشى ،ئۇلاقلىقنىڭ سۇسىزلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تېمپۇراتۇرىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ،ئۇنى ئامال بار سۇللياۋ بىلەن مەھكەم يۆگەپ شامالداتماسلىق ،سۇلياۋ بىلەن يۆگىگەندە ئۇلاقلىقنىڭ ئۈستىگە توپا ياكى لاي تەگكۈزمەسلىك لازىم .
4 .كۆچەت ئۇلانغاندىن كېيىن ،ئۇلاقنىڭ تۇتقان - تۇتمىغانلىقىنى ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ،تۇتمىغان بولسا قايتا ئۇلاش ،ھاۋا رايىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ،ئۇلاقنىڭ ئۈستىگە يۆگەلگەن سۇلياۋنى تېشىپ شامال ئۆتكۈزۈپ ،يېڭىدىن چىققان بىخلارنى سىرتقى مۇھىتقا تەدرىجىي ماسلاشتۇرۇش ،ۋاقتىدا ئوغۇتلاش ،ۋاقتىدا سۇغىرىش ۋە يېڭىدىن چىققان ياۋا نوتىلارنى ۋاقتىدا كېسىۋىتىش لازىم .
بەت:
[1]