abdimijit يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 01:42:33

مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۇلانغاندىن كېيىنكى پەرۋىشى1

مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاش باغۋانچىلىكتىكى مۇھىم تېخنىكىلىق تەدبىرلەرنىڭ بىرى . مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاشتا ئالدى بىلەن ئۇلاق تۈۋىنى تاللاشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك . ئۇلاق تۈۋى قىلىشقا ئۇلاقلىق بىلەن ماسلىشىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىغا تاقابىلچان ، مەھسۇلاتى يۇقىرى ، سۈپىتى ياخشى ، تېمەن ئۆسكەن تۈپلەرنى تاللاش كېرەك . ئۇلاق ئۈستى تاللاشتا تېمەن ئۆسكەن ، مەھسۇلاتى يۇقىرى ، كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقىغا ئۇچرىمىغان تۈپ ۋە سورتلارنى تاللاش كېرەك .
1. ئۇلاشتىن بۇرۇنقى تەييارلىق . سورتى ئۆزگەرتىلىدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئۇلاق ئۈستىنىڭ ياخشى ئەي بولۇشىغا شارائىتى ھازىرلاش كېرەك . مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاشتىن 15 كۈن ئىلگىرى سورتى يېڭىلىنىدىغان مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئاستىنى ئاغدۇرۇپ ئوت - چۆپلەرنى يوقىتىش ھەم بىر قېتىم قاندۇرۇپ سۇغىرىش كېرەك . تۈپى چوڭ دەرەخلەرنىڭ ھەر موسىنى 20kg ، تۈپى كىچىك دەرەخلەرنىڭ ھەر موسىنى 10kg ئورىيە بىلەن قوشۇمچە ئوغۇتلاش لازىم . ئەگەر سورتى يېڭىلىنىدىغان دەرەخلەردە كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيانداشلىقى ئېغىر بولسا ، ئۇلاشتىن ئىلگىرى دورا چېچىپ ، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ يوقىتىپ ئاندىن ئۇلاش لازىم .
2. مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۇلىنىپ بولغاندىن كېيىنكى پەرۋىشى .
1) ئۇلاق ئۈستىنىڭ ئەي بولۇشىنى تەكشۈرۈش . مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاپ ، 10 - 15 كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلاق ئۈستىنىڭ تۇتقان - تۇتمىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ . ئەگەر تۇتقان بولسا يوپۇرماق ساپىقى ھۆل تۇرىدۇ ، سەل سارغايغان بولىدۇ ، قولنى يېنىك تەگكۈزگەن ھامان چۈشۈپ كېتىدۇ . ئەگەر تۇتمىغان بولسا يوپۇرماق ساپىقى قارىداپ قۇرۇپ قالىدۇ . قولنى يېنىك تەگكۈزگەندە چۈشۈپ كەتمەيدۇ ، بۇنداقلارنى قايتىدىن ئۇلاش لازىم .

ئۆمۇرۇم يوللانغان ۋاقتى 2015-3-5 23:32:04

رەھمەت سىزگە بۇ جەھەتتە بىلىمىم كەمچىل ئىدى
بەت: [1]
: مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ ئۇلانغاندىن كېيىنكى پەرۋىشى1