مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرى
1. ئۇلاقلىقنى تاللاپ كېسىش: ياخشى ئۆسكەن، بىخلىرى تولۇق بولغان، توملۇقى 3-6 مىللىمىتېر بولغان شۇ يىللىق شاخلارنى تاللاپ، ئۇنىڭدىن بىر بىخى بار، 2-3 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بۆلەكنى ئۇلاقلىق قىلىش كېرەك، شاخنى كەسكەن جاي بىختىن 3-5 سانتىمېتىر يىراقلىقتا بولۇشى كېرەك.2. ئۇلاق تۈۋىنى كېسىش: ئۇلاق تۈۋىنىڭ ئاستى قىسمىنىڭ توملۇقى 0.5-1 مېتىر بولسا مۇۋاپىق، ئۇلىغاندا ئۇلاق تۈۋىنىڭ يەر يۈزىدىن 3-5 سانتىمېتىر جايىدىن تۈز كېسىش كېرەك.
3. ئۇلاق تۈۋىنى يونۇش: ئۇلاق تۈۋىنىڭ كېسىلگەن جايىنىڭ ئاستىدىكى 2 - 3 مىللىمېتىر جايىدىن كېسىلگەن يۆنىلىشتە يانتۇ يونۇپ، 2-3 مىللىمېتىر كەڭلىكتىكى يانتۇ يۈزنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، ئۇندىنكېيىن بۇ يانتۇ يۈزنىڭ ئاستى گىرۋىكىدىكى پوستىنى ئازراق ياغاچلىق قىسمى بىلەن قوشۇپ، يىلتىز تەرەپكە قاراپ تىك كەسكەندە، ياغاچلىق قىسمى ۋە شەكىللىنىش قاتلىمى ئېچىلىدۇ، كېسىش يۈزىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1.5-2.5 سانتىمېتىر بولسا مۇۋاپىق، تىك كەسكەن يۈزنىڭ سىلىق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىك كېسىشنى بىر قېتىمدىلا تاماملاش كېرەك.
4. ئۇلاقلىقنى يونۇش: ئالدى بىلەن ئۇلاقلىقنىڭ بىخى بار تەرەپنىڭ ئاستىدىن ئاستى تەرەپكە قاراپ يانتۇ كېسىلىدۇ، كېسىلگەن يۈزنىڭ ئۇزۇنلۇقى 0.5-1 سانتىمېتىر بولىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلاقلىقنىڭ بىخ بار تەرەپنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئاستى ئۇچىدىن 1.5-2 سانتىمېتىر يىراقلىقتىكى جايدىن ئۈستىدىن ئاستىغا قاراپ كېسىلىدۇ، ئالدى بىلەن يانتۇ كېسىلىپ ياغاچلىق قىسمىغا يەتكۈزۈلىدۇ. ئاندىن تولۇق كېسىلىدۇ، بۇ ئارقىلىق شەكىللىنىش قەۋىتى ئازراق ياغاچلىق قىسمى بىلەن بىللە ئېچىلغان تەكشى كېسىلگەن كەسمە يۈز شەكىللىنىدۇ.
5. ئۇلاقلىقنى ئۇلاق تۈۋىگە كىرگۈزۈش: ئۇلاق تۈۋىنىڭ كېسىلگەن جايى ئېچىلىپ، ئۇ جايغا ئۇلاقلىق كىرگۈزۈلىدۇ، ئۇلاقلىق بىلەن ئۇلاق تۈۋىنىڭ كەسمە يۈزلىرى ئۆز ئارا تېگىشىپ تۇرۇشى كېرەك.
6. باغلاش: ئۇلاقلىق ئۇلاق تۈۋىگە كىرگۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۈستى 3-4 سانتىمېتىر كەڭلىكتىكى سۇلياۋ يوپۇق بىلەن 1-2 قات يۆگىلىدۇ، ئاندىن سۇلياۋ يۇپۇق H ھالەتتە چىڭ تارتىلىپ، ئاستى تەرەپكە قاراپ 5-8 قات يۆگىلىدۇ، ئاندىن كېيىن ئۇلاقلىق بىلەن ئۇلاق تۈۋى تۇتاشقان جاي 1-2 قات چىڭ يۆگىلىپ ھىم باغلىنىدۇ.
7. ئۇلاقلىقتىكى كېسىلگەن جايغا قوغداش مۇمى سۈرۈش: نەچچە يىللىق ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا، ئۇلاقلىق بىلەن ئۇلاق تۈۋىنىڭ نەملىكى ياخشى، ئۇلاش تېخنىكىسى ياخشى قوللىنىلغان، سۇغۇرۇش، ئوغۇتلاش، پەرۋىش مۇۋاپىق پەيتىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەھۋالدا، بۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا، تۇتۇش نىسبىتى %95 دىن ئاشىدۇ، ئىش ئۈنۈمى باشقا ئۇلاق ئۇلاش ئۇسۇللىرىغا قارىغاندا بىر ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. تېمىڭىزغا ئاپىرىن، ئۆگەنگەن كەسپىڭىزنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بەك ياخشى قىلدىڭىز، تور دۇنياسىدا بۇ ھەقتىكى بىلىملەر يوق دېيەرلىك ئىدى، ئەمدى روھلاندا بۇ بوشلۇقمۇ تولۇقلىنىدىغان بولدى.
تېما سانىڭىز بەلگلىك دەرىجىگە يەتكەندە باغۋەنچىلىك، ئورمانچىلىق سەھىپىسى تەسىس قىلىپ بارلىق تېمىلىرىڭىزنى شۇ سەھىپىگە يۆتكەپ بېرەي، ھازىرچە مۇشۇ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق سەھىپىسىگە يوللاپ ياخشى قىلىپسىز. ئۆيدە بىر تۈپ ئۈرۈك بار ئىدى، مۇشۇ كۆرسەتمە بويىچە ئۇلاپ سىناپ باقمىسام . رەھمەت تىمىلىرىڭىزغا مەنئۇلىغانكۈرۈنىشنىبىرگەيوللاپقۇياي ! مەنپات يېقىنداياڭاق ئۇلايمەن!دادام بىلەن، 4 -5 كۈندىن كىيىن ! ئەسسالامۇئەلەيكۇم بۇلسا ياڭاقنى ئەتىيازدا ئۇلاشنى تەپسلى بىر دەرىسلىك قىلىپ يۇللىغان بۇلساڭلار، مەن مۇشۇ ياڭاقنى ئەتىيازلىق ئۇلاشقا بەكلا ئېھتىياجىلىق ئىدىم،باشقا خىلىدىكى ئۇلاقلارنى ھەممىسنى قىلىپ كۇرگەن ،لىكىن ياڭاقنى ئەتىيازلىق ئۇلاشنى كۇرۇپ باقمىغان ئىدىم، سۈرەتلىك دەرسلىك قىلىپ يوللاپ قويغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاتتى.
بەت:
[1]