TURAN01 يوللانغان ۋاقتى 2015-3-2 23:43:26

رەسسام رىۋايتى

رەسسام رىۋايىتى

-زىمىن رەسسامغا كۆلۈپ قارارمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام زىمىننى موتېر قىلغانمىش.
(خۇددى ئادەملەر رەسىمگە چۈشسە كۈلگەندەك)

-موبى رەسسامغا ئۆچلىك قىلارمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام موبىنى پۇتىدا تۇتقانمىش.

-دەۋىر رەسسامنى قىيناپ ئۆتەرمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام دەۋىرنى كىيىن قويغانمىش.

-ھاۋا رەسسامغا نازلىق باقارمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام ھاۋانى تىزىپ قويغانمىش.

-سۇ رەسسامغا ئەركىلەپ كىتەرمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام سۇنى قىچىقلاپ قۇيارمىش.

-دەرەخ رەسسامغا پىچىرلاپ سۆزلەرمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام دەرەخكە تەلەپ قويغانمىش.

-گۈل رەسسامنى كۆرسە يىغلارمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام گۈلنى كۈلرەڭ سىزغانمىش.

-ھۆرلەر رەسسامنى بەكلا كۈنلەرمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام ھۆرلەرنى سىزىپ قانغانمىش.

- تاغ بىلەن رەسسام ئاداش دىيىشەرمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام تاغ بىلەن قول بىرىشكەنىمىش.

-قۇشلار رەسسام بىلەنتۇققان ئىمىش،
-نىمىشقا دەمسىز؟
-رەسسام قۇشلاردەك پەرۋاز قىلارمىش.

-ئاسمانمۇ،زىمىنمۇ،تاغلارمۇ،سۇلارمۇ،دەرەخلەرمۇ،ھايۋانلامۇئىشقىلىپ بارلىق مەۋجۇدات ھەتتا كۆرگىلى، تۇتقىلى بولمايدىغان نەرسىلەرمۇ رەسسامغا دەرت تۇكەرمىش......رەسسام قانداق قىلغاندۇ؟



                     تۇران

         2015- يىل 2 -مارىت

ئەلتۈرگ يوللانغان ۋاقتى 2015-3-3 14:26:20

ئۆزگىچە چىققان شىئر بوپتۇ! بارىكاللا، مەزمۇنمۇ ھەققەتەن قايىل قىلارلققكەن. قەلمڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !
بەت: [1]
: رەسسام رىۋايتى