ئېغىزىم(كۈسەنى)
ئېغىزىمياخشى تاماق تاپساملا كۈزۈم قاراپ قالسىمۇ،ئالە،قېنى،تويە دەپ،ئىش باشلايمەن ئېغىزىم.كۈزۈم كۈلسە نۇرلۇنۇپ كۆرەلمەستىن ھەۋەستە،سەنمۇ شۇ چاغ ئېچىلىپ گەپ باشلايسەن ئېغىزىم.
قۇلاق ئاڭلاپ قالسا گەر بىراۋلارنىڭ سىرىنى،ئۇيالماستىن ئۆيمۇ-ئۆي گەپ تۇشۇيسەن ئېغىزىم.قۇلۇم تۇتسا گەر،كەپسىزلىكتىن تىكەننى،قان چىققۇچە ۋايجانلاپ سەن توۋلايسەن ئېغىزىم.
پۇراپ قالسا بۇرنۇم گەر ياخشى تاماق ھېدىنى،شۆلگۈيۈڭنى شۇ زامان ئېقىتىسەن ئېغىزىم.گۈزەل جانان كورگەندە مىدىراپ قالسا قاشلىرىم،مەخپىيەتلىك سىرىمنى سېسىتىسەن ئېغىزىم.
خاتا يولغا ماڭغاندا جۇپ پۇتلۇرۇم ئالمىشىپ،لەۋلىرىڭنى چىڭ يۇمۇپ ھىچ توسمايسەن ئېغىزىم.چاچلار چۇشسە تاپانغا زىلۋالىقى جىلۋېلنىپ،شەيتان بىلەن بىرلىشىپ‹كېسە›دەيسەن ئېغىزىم.
شۇ سەۋەپتىن ئۇزۇن چاچ قالمىدىغۇ قىزلاردا،قاچانلاردا‹ماكاش›بۇپ جىم تۇرىسەن ئېغىزىم.ئۇزۇن كېيىم قالمىدى،مەدەنىيەتمۇ ئۆزگەردى،شۇڭا كۈندە قاقاھلاپ يۇمۇلمايسەن ئېغىزىم.
قۇرۇق گەپنى تولا قىپ مازغاپ ئاقار سېنىڭدىن،ھەق گەپ قىلىش كەلگەندە ئېچىلمايسەن ئېغىزىم.ياخشى تاماق يىگەندە بىسمىللادىن ئىش باشلاپ،بىردەمدىلا ھەممىنى ئۇنتۇلىسەن ئېغزىم.
ئىسىل تائام سەن بىلەن قۇرۇپ تۇگەر جوزىدا،شۇنداق تۇرۇپ ئەلگە نەپ يا بەرمەيسەن ئېغىزىم.مەن بىلمىدىم دۇنيادا سەندىن باشقا يەنە بىر،ئۈتۈپ كەتكەن يالاقچى يەنە بارمۇ ئېغىزىم.
دوسلۇرۇڭنىڭ گېپىنى يەتكۈزىسەن دۇشمەنگە،چىشلىرىڭنى بولدى بەس چېقىۋېتەي ئېغىزىم.قورساقلىرىم كۇكىراپ ئۈچ كۈن بولدى ئاش قالدى،قۇرۇق ناننى بىر قېتىم يا يىمەيسەن ئېغىزىم.
پۇتلىرىممۇ بىزار بۇپ تېنەپ يۈرەر نەلەردە ،سىنى ئالار بازار بولسا سېتىۋېتەي ئېغىزىم.كۆزلىرىممۇ ئاچچىقتىن نەچچە چىقتى چاناقتىن،كىرپىگىمنى يېڭنە قىپ تىكىۋېتەي ئېغىزىم.
ئىسىل تاماقنى سەن يەيسەن چىقارغىنىڭ ئوخشىماس،يىلىم تاپسام ئاجرىماس يەملىۋېتەي ئېغىزىم.ھەممىمىزدە بار ئېغىز،بىر-بىرىدىن پەرىقلىق،قاچانلاردا لەۋزىڭدە تۇرالايسەن ئېغىزىم.
ئېيتىڭ دوستۇم قېنى بىر گۇناھ كىمدە؟مەندىمۇ؟رەنجىگەچكە مىنىڭدىن سۈيۈلمەيسەن ئېغىزىم.يەنە بارمۇ دۇنيادا مېنىڭدىكى شۇ ئېغىز،كۈسەنىنى ئاخىرى سۆزلەتتىڭغۇ ئېغىزىم.
شېئىرلىرىڭىزنى ئوقۇپ بەكلا زوقلاندىم، راستىنلا ئىبرەتلىك ھەم ھەقىقەتنى يېزىپسىز. ئاللاھ قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن! قەلىمىڭىز مەڭگۈ توختىمىغاي، ئىجادىيەتلىرىڭىزنى يەتكۈزۈپ تۇرۇڭ!
ئەسسالام كۈسەنى تىمىنى ، پىكىرنى ياخشى تاللاپسىز . ئازراق تەكلىپىم مىسرالارنىڭ بۇغۇم سانىغا ئەھمىيەت بىرىڭ. بەزى پىكىرلەر بەك تەكرار ئوقۇماققا قايت-قايتا دىيىلگەندەك ، شۇڭا كوپلىت سانى كۆپ بولمىسىمۇ پىكىرنىڭ ئىخچام بولۇشىغا ئوقۇغۇچىغا ئويلىنىش پۇرسىتى بىرىشكە يەنىمۇ ئەھمىيەت بەرسىڭىز ، قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي، ئەمدى بۇ ئېغىزىڭىزغا نىم بولغاندۇ ،،،،بىردەم كۆزلىرىڭىزنى باشقۇرالمىسىڭىز ،ئەمدى نۆۋەت ئېغىزىڭىزغا كەلدىمۇ ،،،،،;Pھاھاھاھا ،،،چاقچاق ھە،،،، بۇلىدۇ ،مەن چۇقۇم يۇقىرىدىكى قەۋەتتىكى دوسلىرىم دىگەن تەرەپلەرنى تۈزۈتۈشكە تىرىشىمەن،رەخمەت سىلەرگە؟ كۈسەنى ئەپەندىمنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئەسەرلىرىدە شېئىرنىڭ تىلىغا يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. جانلىق تىل ئىشلىتىش ۋە دەل جايىغا تەككۈزۈش ...........ماھارىتىڭىز ھەر بىر يازمىڭىزدا نامايەن ئاغىنەم. قەلىمىڭىز تېخىمۇ بەركەتلىك بولسۇن. ‹‹باش نەدىن كېتىدۇ؟—ئېغىزدىن››ئېغىز شۇنداق تويماستۇر،تېتىپ قالسا قويماستۇر.شائىر-كۇسەنى ،شۇنداق دەل كەلتۈرۈپ يېزىپسىز.يەنە تىرىشىڭ!
بەت:
[1]