مەكتەپ تېرىلغۇ يېرىنى ھۆددىگە بېرىش توختامنامىسى
يەرھۆددىگەرلىك توختامنامىسىھۆددىگە بەرگۈچى: قايلور يېزا بېدىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ (قسقارتىلىپ A تەرەپ دىيىلدۇ)
تۇرۇشلۇق ئادىرسى؛قايلور يېزا بېدىلىك كەنت
ھۆددىگە ئالغۇچى؛ئوسمان تۇراپ (قىسقارتىلىپB تەرەپ دىيىلدۇ)
تۇرۇشلۇق ئادىرسى؛قايلور يېزا دۈشەنبەبازار كەنت ئەزاسى
A تەرەپ ۋەB تەرەپنىڭ قانۇنلۇق ھۇقۇق مەنپەتىنى قوغداش ئۈچۈن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ۋە دۆلەتنىڭ يېزا يەرلىرنى ھۆددىگە بىرىش قانۇنى» ھەم «جۇڭخۇا خەلىق جۇمھۇريىتىنىڭ توختام قانۇنى» نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىرىمىگە ئاساسەن ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق كېڭىشى ئارقلىق باراۋەر، ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە بىر-بىرىگە مەنپەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا تۆۋەندىكىدەك توختام تۈزۈلدى، ھەر ئىككى تەرەپ ئورتاق رىئايە قىلىشى لازىم. كونكىرىت ئىشلار تۆۋەندىكىچە :
A تەرەپ ئۆزىنىڭ ئېگىدارچىلىغىدىكى شايار ناھىيە قايلور يېزا دۈشەنبەبازار كەنت تەۋەلىكىدىكى 15مو يەرنىB تەرەپنىڭ تېرىش پايدىلنىش ۋە ياڭاق پەرۋىشى قىلىشئۈچۈن ھۆددىگە بىرىلدى .
مەزكۇر يەرنى B تەرەپ ھۆددىگە ئالغان مەزگىلدە، يەرنىڭ بارلىق ھوقۇقى A تەرەپكە تەۋە بولىدۇ،B تەرەپ پەقەت ئىشلىتىش،پەرۋىش قىلىش .مىۋە كىرگۈزۇشھۇقۇقىغائىگە بولىدۇ.
1. 15 مو يەرنىڭ 2015-يىللىق بارلىق چىقىملىرىنى كەنت كومتىتىغا B تەرەپ تۆلەيدۇ ۋە ياڭاقنى پەرۋىش قىلىدۇ.15مويەرگە قارتا مەكتەپكە پۇل تۆلىمەيدۇ.
2.ھۇكۇمەتىن15مويەردىكىياڭاققا بەرگەن تولۇقلىمىنى A تەرەپ ئالىدۇ.
3. مەزكۇر تېرىلغۇ يەر ئۈچ ئېتىز بولۇپ،ئەتراپىدا ئۈچ دانە نورمال قۇدۇق بار شۇنىڭدىن پايدىلىنىدۇ. A تەرەپنىڭ رۇخسىتىسىز ،ئېتىزلارنى ئۆزگەرتىشكە ،قۇدۇق كولىتىشقا،يەرگەۋە ئەتىراپىغا ھەرقانداق كۆچەت تىكىشكە بولمايدۇ.
4. كەنت ئورۇنلاشتۇرغان ھەرقانداق ئىشنى ۋاقتىدا قىلىدۇ.ئەگەر قىلماي جەرىمانە كەلسە B تەرەپ تۆلەيدۇ.
A .5 تەرەپ 15مويەردىكى ياڭاقنى2015-يىلى5-ئايدا ساناپ،ياڭاق كوچىتىنىڭ سانىنى بىكىتىدۇ.تۇتمىغانلىرىنىڭ ئىزىغاكوچەت ئېلىپ بېرىدۇ. B تەرەپ 100%تۇتقۇزۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، A تەرەپ B تەرەپ ئەمگەك ھەققى بەرمەيدۇ.ھەرقانداق ئەمگەكنى B تەرەپ قىلدۇ.
6. Aتەرەپ تولۇقلاپ بىر نۆۋەت ياڭاق كۆچىتىئېلىپ بەرگەندىن كېيىن قايتا ئېلىپ بەرمەيدۇ.تۇتمىغان قىسىمىنى B تەرەپ تولۇقلاپ قۇيۇپ تۇتقۇزىدۇ.
ياڭاق يېرىنىڭ گۇۋاھنامىسى چوقۇمA تەرەپ نامىدا بولىدۇ،ياڭاق تولۇقلىما كېنىشكىسىمۇ A
تەرەپ نامىدا بولىدۇ.
.7بۇ 15 مويەرنى B تەرەپكە ئۈچ يىل ئىجارىگە بېرىمىز،ئەمما توختمنامە ھەريىلدا يېڭىلىنىدۇ.
ئۈچ يىل توشقاندا باشقا ئادەمگە بېرىشكە بولىدۇ.بۇ ئۈچ يىل جەريانىدا B تەرەپ ياڭاق پەرۋىشىنى چوقۇم ياخشى قىلىپ مېۋىگە كىرگۈزۈش مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.مۇدەت توشقاندا ياڭاق ساناپ تۇلۇقمىۋگە كىرگەن كىرمىگەنلىكىنى تەكشۇرۇپ ئانىڭدىن كىين قايتۇرۋالسا بولدۇ .ئەگەر تۇلۇق مىۋگە كىرگۈزۈلمىسە Bتەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى ئېغىر سۇرۇشتۇرۇلدۇ..
.8 يەرنى B تەرەپ سوغۇرتىغا قاتناشتۇرىدۇ، ھۆددىگەرلىك مەزگىلىدە ئەگەر مۆلدۈر ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ياكى سۇ ئاپىتى يۈز بىرىپ، B تەرەپ ھۆددىگە ئالغان يەر ئۈستىدىكى دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى زىيانغا ئۇچىرسا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار تەرپىدىن بېرىلگەن تۆلەم ۋە تۇلۇقلىمىدىن Bتەرەپ بەھرىمان بولىدۇ.A تەرەپB تەرەپنىڭ تۇلۇقلىما ياردىمىنى ئېلىش رەسمىيەت ئىشلىرىنى بېجىرىشقا يېقىندىن ماسلىشىدۇ
،.9ھۆكۈمەت تەرەپتىن بەرگەن ياڭاق تولۇقلىمىسىدىن باشقاھەرقانداق تولۇقلىمىلارنى B تەرەپ ئالىدۇ.
.10يەر تېرىش جەريانىدا كۆرۈلگەن ھەرقانداق خەتەرلىك ئەھۋاللارغا B تەرەپ مەسئۇل بولىدۇ.
B.11. تەرەپ يېزلىق ھۇكۇمەت ۋە دادۇينىڭ ئۇرۇنلاشتۇرغان ھەرقانداق بۇيرىغىغا بويسۇنىدۇ چۇقۇم قلىڭ دىگەننى ۋاختىدا قىلدۇ..ئەگەر قىلمەي مەسلە چىقسا بارلىق ئاقىۋەتكە B تەرەپ مەسئۇل بولدۇ.
12. A تەرەپ B تەرەپنىڭ ھۆددىگەرلىك مەزگىلىدە نورمال تېرىقچىلىق قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .
.13تەرەپ ھۆدە ئالغان يەرنىڭ چىگىرسى سەۋەبى ۋە باشقا يەر ماجراسى سەۋەبىدىن 3- تەرەپ بىلەن ماجىرا يۈز بەرسە، A تەرەپنىڭ ماسلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش مەجبۇريىتى بولىدۇ.
B.14تەرەپ شۇ يەردىكى دېھقان-چارۋىچىلارغا ئوخشاش ئۆستەڭ چېپىش زەيلىك چېپىش، كەلكۈن مۇداپىئەسى، ئورمان ئەھلىيا قىلىش ۋە تۈرلۈك سۇ قۇرلۇش تەرەپلەردىكى مەجبۇرى ئەمگەكلەرنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.
B.15. تەرەپ مۇبادا ھۆددىگە ئالغان يەردە ئۆي سېلىش ۋە قۇرلۇش قىلىشقا بولمايدۇ .
16. Bتەرەپ يەرنى ھۆددىگە ئالغاندىن كيىن، ئۈچىنچى تەرەپكە ھۆددىگە بېرىش، ئۈتۈنۈپ بېرىشكە توغىرا كەلسە، چوقۇمA تەرەپنىڭ ماقۇللىغىنى ئېلىشى لازىم. بولمىسا B تەرەپنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
.17. ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمۈت ئاممىۋى ئىشلار ئۈچۈن قۇرلۇش قىلىپ يەرلەرنى قايتۇرۋېلىشقا توغىرا كەلگەندە B تەرەپ چوقۇم شەرىتسىز قۇشۇلىشى لازىم.
.18 توختام ۋاقتى توشقاندىن كىيىن، B تەرەپ توختام مەزگىلىدە قويغان دەرەخ، ئوت-چۆپ ۋە باشقا ئىمارەتلەرنى شەرىتسىز A تەرەپكە تاپشۇرۇش لازىم.
19. توختام ۋاقتى توشقاندىن كىيىن، B تەرەپ توختام مەزگىلىدە قويغان دەرەخ، ئوت-چۆپ ۋە باشقا ئىمارەتلەرنى شەرىتسىز A تەرەپكە تاپشۇرۇش لازىم.
ھۆددىگەرلىكۋاقتى
20.يەرنىڭ ھۆددىگەرلىك ۋاقتى 3 يىل بۇلۇپ يىلمۇ-يىل توختام قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم. 2015 ـ يىلى2- ئاينىڭ 25- كۈنىدىن 2015-يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدۇ.
21.بۇ توختام A B ئىككى تەرەپ ئىمزا قويغان كۈندىن باشلاپ قانۇنىي كۈچكە ئېگە بولىدۇ، مەزكۇر توختام A تەرەپ قانۇنى ۋەكىلىنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. توختام مەزگىلىدە توختامدا بەلگىلەنگەن بەلگىلىمىلەردە مۇۋاپىق بولمىغان جايلىرى بولغان ئەھۋال ئاستىدا، A B تەرەپ ئورتاق كېڭىشىش ئارقىلىق، بەلگىلىمىلەرنى تولۇقلاشقا بولىدۇ، تۇلۇقلىما بەلگىلىمە مەزكۇر توختامغا ئوخشاش قانۇنى كۈچكە ئېگە بولىدۇ.
22.مەزكۇر توختام ئۈچ نۇسخا بولۇپ، A تەرەپ ئىككى نۇسخا، B تەرەپ بىر نۇسخا ساقلايدۇ.
ھۆددىگە بەرگۈچى تەرەپ: (تامغا) ھۆددە ئالغۇچى تەرەپ: (ئىمزا)
قايلور يېزا بېدىلىك باشلانغۇچ مەكتەپ
قانۇنى ۋەكىلى: قانۇنى ۋەكىلى:
ئالاقىلىشىش تېلفۇنى:
تۇرۇشلۇق ئادىرسى: تۇرۇشلۇق ئادىرسى:
ئالاقىلىشىش تېلفۇنى: ئالاقىلىشىش تېلفۇنى:
گۇۋاچىلار: گۇۋاچىلار:
-يىل-ئاينىڭ -كۈنى -يىل -ئاينىڭ - كۈنى
tohtamnama.rar.rar
بەت:
[1]