بىزلەر يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 17:38:06

پارولنى بىخەتەر قىلىشنىڭ 6 تۈرلۈك ئۇسۇلى

ئۇزدىل تورى ئەسىرى:
   2014-يىلى چىقىپ كېتىش ئالدىدا چەتئەلنىڭ مىكروسوفت، سونىيدىن جۇڭگونىڭ 12306، ئالىيۈنگىچە خاككېرلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پارول بىخەتەرلىكى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۈگۈن تورداشلار بىلەن پارول بىخەتەرلىكى توغرىسىدا سۆھبەتلىشىپ باقايلى.
   
   ئالدى بىلەن قايسى ھېسابات نومۇرىڭىزنىڭ ئەڭ مۇھىملىقىنى بىلىۋېلىڭ. مېنىڭچە بانكا، ئېلخەت، پۇل تۆلەش سۇپىسى، ئىجتىمائىي ئالاقە توربېكەتلىرىدىكى ھېسابات نومۇرى ئەڭ مۇھىم. شۇڭا بۇ تۈردىكى ھېسابات نۇمۇرلىرىنىڭ پارولىنىڭ بىخەتەرلىكىگە چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك.
http://www.nurqut.net/ud/data/attachment/forum/201502/26/192248vn9j34o4cbn11bq5.jpg

پارولنى زىيادە ئاددىي بېكىتمەڭ. مەلۇم تور بىخەتەرلىك شىركىتىنىڭ جۇڭگولۇقلار ئەڭ كۆپ ئىشلىتىدىغان پاروللارنى ستاتىستىكىلاپ چىققان بولۇپ، ئۇلار
   
   Abc123, 123456, iloveyou, , qq123, 520، 2012
   
   قانداق، سىز ئىشلىتىدىغان پارولمۇ بارمىكەن؟ سىزنىڭ پارولىڭىزمۇ مۇشۇنداق ئاددىيمۇ؟
   
   بەزىلىرىمىز ئىسىم، تۇغۇلغان كۈن، تېلېفون نومۇرى، يانفون نومۇرى، كىملىك نومۇرى، يۇرت نامى قاتارلىقلارنى پارول قىلىپ بېكىتىمىز. لېكىن بۇ تۈردىكى ئۇچۇرلارغا ئېرىشمەك تەس ئەمەس، شۇڭا بۇ خىل پاروللارنى خاككېرلىق بىلەن ئەمەس، پەرەزگە تايىنىپلا يېشىۋىتىش مۇمكىن.
   
   يەنە بەزى «ئېسى كۈچلۈك» تورداشلار ھەممە ھېسابات نومۇرىغا ئوخشاش ياكى ئوخشاپ كېتىدىغان پارول بېكىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئەڭ خەتەرلىك ئەھۋال، چۈنكى بىر ھېساب نومۇرىڭىزنىڭ پارولى يامان نىيەتلىك كىشىلەرگە ئاشكارىلىنىپ قالدىمۇ بولدى، ھەممە ھېساب نۇمۇرىڭىزغا كۆز تەگدى دېگەن گەپ.
   
   ئەمسە قانداق قىلىش كېرەك؟
   
   1، پارولىڭىزغا ئۆزىڭىز ياكى يېقىنلىرىڭىزنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرىنى، ئالاھىدە كۈنلەرنىڭ چېسلاسىنى ئىشلەتمەڭ. زادى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىڭ، مەسىلەن، ئىسمىڭىز مۇتەللىپ بولسا پارولغا مۇتەللىۋاخۇن دەپ، ئىسمىڭىز زۇلخۇمار بولسا پارولغا دىلخۇمار دەپ، ئىسمىڭىز ئابلىمىت بولسا پارولغا ئابدۇلھەمىد دەپ، ھەسەن بولسا ھۈسەن دەپ بېكىتىڭ.
   
   2، ھەرقايسى ھېسابات نۇمۇرلىرىڭىزغا ئوخشىمايدىغان پارول بېكىتىڭ، ئەڭ ياخشىسى ھېسابات نۇمۇرلىرىڭىزنى ئوخشىمايدىغان بېكىتىڭ. ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز خاتىرە دەپتىرىڭىزگە يېزىپ ساقلىۋالسىڭىز بولىدۇ. لېكىن، ئەمدى بۇ خاتىرىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك؟ ئۆھۆ ئۆھۆ، بۇ يازمىنىڭ باش تېمىسى ئىنتېرنېت ھېسابات پارول بىخەتەرلىكى، خاتىرە دەپتىرىڭىزنى قانداق ساقلاش بۇ يازما بىلەن مۇناسىۋەتسىز.
   
   3، ئىنگلىزچە چوڭ-كىچىك ھەرپلەر، رەقەم، ئالاھىدە بەلگىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ.
   
   4، چوڭ-كىچىك ھەرپ، سان، ئالاھىدە بەلگىلەرنى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىڭ.   مەسىلەن، iloveyou دېگەن گەپنى مۇنداق ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ! L0v3y0U
   
   5، پارولدىكى سۆزلەرنىڭ بەزى ھەرپلىرىنى تاشلىۋېتىڭ، رەقەملەرنى قوشۇڭ ياكى پارچىلىۋېتىڭ. مەسىلەن love دېگەن خەتنى l-ve دەپ ئىپادىلەڭ، 2014 دېگەن رەقەمنى 2*1012 دەپ ئىپادىلەڭ.
   
   6، ئورۇن ئالماشتۇرۇڭ. يەنى پارولدىكى ھەرپ-رەقەملەرنى ئوڭغا ياكى سولغا سۈرىۋىتىڭ. مەسىلەن، پارولغا 520 دەپ بېكىتمەكچى بولسىڭىز كۇنۇپكا تاختىسىنى ئوڭغا بىركۇنۇپكا سۈرىۋىتىڭ، يەنى 63- دەپ ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ. love دېگەن خەتتىكى ھەربىر ھەرپنى ئوڭغا بىر كۇنۇپكا سۈرۈپ ;pbr دەپ ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ.
   
   بۇندىن باشقا يەنە بىخەتەرلىك سوئالى، ئىككىلەمچى پارول، يانفون نومۇرى ۋە ئېلخەتكە باغلاش قاتارلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىڭ. پاروللىرىڭىزنى پات-پات تەكشۈرۈپ، ئۆزگەرتىپ تۇرۇڭ.

ئېزچىل يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 18:27:13

بەك ئاۋارچېلىقكەن

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:22:35

ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تېما بوپتۇ!

تۇرسۇن38 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 19:28:39

كەمتۈك يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 21:09:07

مۇشۇ   پارولنىڭجىقلىقىدائ‍امالسىزلائ‍وخشاپكىتىدىغانپارولئ‍ىشلىتىشكەمەجبوربۇلىدىكەنئ‍ادەمسىز   يۇقىرىدا   دەپ   ئ‍ۆتكەن   مەسىلىلەياخشىھەل   قىلىش   ئ‍ۇسۇلى   بوپتۇ

5سائەت يوللانغان ۋاقتى 2015-4-28 10:17:47

بۇنى ياخشى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز .مەن پايدىلىنىپ باقار .

5سائەت يوللانغان ۋاقتى 2015-4-28 10:18:19

5سائەت يوللىغان ۋاقتى2015-4-28 10:17
بۇنى ياخشى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز .مەن پايدىلىنىپ باقار .

بۇنى ياخشى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز .مەن پايدىلىنىپ باقار .
بەت: [1]
: پارولنى بىخەتەر قىلىشنىڭ 6 تۈرلۈك ئۇسۇلى