خاقان617 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 14:24:02

تاۋباۋ ھەقسىز دۇكان ئۇسلۇبلىرىنى ئىشلىتىپ قويۇڭ[خاقان]

ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم روھلاندىكى قېرىنداشلار !

   تاۋباۋدىكى دۇكان بېزەشتىكى ئەپچىل تېخنىكىلار داۋاملىق ھۇزۇرىڭلاردا . نۇرغۇن دوستلار تاۋباۋتەرەپنىڭ ھەقسىز ياخشى ئۇسلۇبلىرىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئۈچۈنبۇ بىلىمنى كۆپچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلىنىش مەقسىتىدەتېما قىلىپ يوللىدىم ، تور دۇكان ئاچقانلارنىڭ ھەممىسى ھەقلىق ئۇسلۇبلارنى سېتىۋېلىپ دۇكاننى بېزىشىشەرت ئەمەس ، دۇكاننى ئاچقاندىلا ھەممەيلەننىڭ دۇكىنىنى پېچەت بېزىگىسىكېلىدۇ دە قارىغۇلارچە پۇل خەجلەپ قالىدۇ . مېنىڭچە ئۇنداق قىلىشنىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق ،بەزى دۇكانلارنى گۈزەل قىلغىنى ئېسىل لايىھەلەردىن ئىبارەت .

ئاساسىي مەقسەتكەكەلسەك ھەقسىز ئېسىل دۇكان ئۇسلۇبلىرىغا قانداق ئېرىشىمىز؟

1.ئاۋال دۇكان بېزەش ئارقا بېتىگە كىرىمىز .ئۇ يەرگە كىرىپبولغاندىن كېيىن 装修 تۈرىدىن 模板管理 نى تاللاپ كىرىمىز .
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/830075c6/

2.ئاشۇ تۈر ئىچىدىن系统模板 نى تاللايمىز .
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/7572972d/

3.كىرگەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلىدۇ ، بۇ ئۇسلۇبلارنى بولساتاۋباۋ ئورگان تەرەپ ھەقسىز تەمىنلىگەن .
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/096fa71b/
يۇقارقى ئۇسلۇبلاردىن ئۆزىڭىزگە ياققىنى بولساتاللىۋېلىپرەڭلىرىنى装修-样式管理تۈرىدىن ئۆزگەرتىپ ئۆزىڭىز ياقتۇرغان رەڭلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ .
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/914c83b8/

مانا بۇ ئۇسۇلدىن پايدىلانسىڭىز ،ئايلىق دۇكان ئۇسلۇبى سېتىۋېلىشتىن ھەم مەندىنمۇ 30سوملۇق ئۇسلۇبنى سېتىۋېلىشىڭىزمۇ بىھاجەت. لېكىن بەزى ئالاھىدە ئىقتىدارلارھەقسىز ئۇسلۇبلاردا يوق . قالغىنى ئۆزىڭىزنىڭ ئېھتىياجى . تاۋباۋ بۇنداق ئۇسلۇبلارنى يەنە كۆپەيتىشى مۇمكىن .

كەمىنە خاقاننىڭ بارچە تېمىللىرى ئۇيغۇر تور سودا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن .

خاقان تور دۇكان بېزەش مۇلازىمەت مەركىزى

ئەسكەرتىش : باشقا مۇنبەر ۋە سالونلارغا يوللانسا مەنبەسىنى ئەسكەرتىشنى تېمىنى تولۇق چىقىرىشنى ئۇنۇتماڭ .

شىرى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 16:22:56

رەخمەت ساقىۋالدىم دۇكانئاچسام لازىم بولىدۇ

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 18:46:53

خاقان ئەپەندىنىڭ ھەر تېمىلىرى تولىمۇ ياخشى، ھەر بىر تېمىدا بىر بىلىم بار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر تور سودا ئىشلىرىغا پايدىلىق تېمىلىرىڭىزنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

ئونسۇ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-25 18:48:51

رەخمەت !مەن ئ‍ۈچۈنلا يوللاۋاتسىز ،بۇ تېملارنى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 07:50:20

دۇكىنىڭىزمۇ ياخشىكەن، مىنىڭ بۇرۇنقى دۇكىنىم يۇقاپ كىتىپتۇ، 1688مۇ نىمە قىلار يۇقىتىۋىتىپ، يەنە ۋاڭۋاڭنىمۇ تۇختاتتىمۇ ئىچىدىكى دوستلېرىم يوقكەن.

خاقان617 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 12:57:20

ablimitt يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 07:50
دۇكىنىڭىزمۇ ياخشىكەن، مىنىڭ بۇرۇنقى دۇكىنىم يۇقاپ كىت ...

دۇكاننى ئۇزۇنمۇددەتئاچمايزاياقىلىۋېتىپسىزدە ، بىرەرسىگە ۋاقىتلىق ئۆتكۈزۈپبەرگەن بولسىڭىزمۇبولاتتىغۇ !
يابولمىساساتسىڭىزمۇنۇرغۇنپايدىغائېرىشەتتىڭىز !

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-26 13:16:01

خاقان617 يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 12:57
دۇكاننى ئۇزۇنمۇددەتئاچمايزاياقىلىۋېتىپسىزدە ،...

ئۇنىڭدا باشقىلارغا ئۈتۈنسە بولمايدۇ، ئالدامچىلىق قىلسا سىزگە ئاۋارىچىلىك ئەمەسمۇ، ئاچىدىغان ئادەم ئۆزى تىزىملىتىپ ئاچسىلا بۇلىدىغان تۇرسا...

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-27 14:34:49

بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك بىلىملەركەن ، رەھمەت .

خاقان617 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-28 01:53:16

ablimitt يوللىغان ۋاقتى2015-2-26 13:16
ئۇنىڭدا باشقىلارغا ئۈتۈنسە بولمايدۇ، ئالدامچىلىق قى ...

تىزىملاتسا ئىشەنچ دەرىجىسى تۆۋەن بولىدۇ ، باشقىلارنى دۇكىنىنى ئۆتكۈزىۋالسا ئىشەنچ دەرىجىسى يۇقىرى دۇكانغا ئېرىشەلەيدۇ ئەمەسمۇ ؟!
بەت: [1]
: تاۋباۋ ھەقسىز دۇكان ئۇسلۇبلىرىنى ئىشلىتىپ قويۇڭ[خاقان]