2938335372 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 16:43:21

كومپيۇتېر ئۆگىنىشتە بىرەرسىگە شاگىرتلىققا كىرسەم بولارمۇ؟

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار.
ماڭا چىقىش يۇلى كۆرسەتسەڭلار. مەن بۇ يىل 20ياشقا كىردىم. مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن باشلاپ ھازىرغىچە دادامنىڭ تىجارىتىگە ياردەملىشىپ كەلدىم. ھەم بۇجەرياندىمۇ خاس باشقىلارنى ئىشلىتىش ، ئىشقا سېلىش بىلەنلا بولدۇم. شۇڭلاشقىمۇ ئۈزۈمدە خاس دادامغا تايىنىپلا ياشاۋاتقاندەك، مىنىڭ ئۈزۈمنىڭ مۇستەقىللىق ئىديىسى يوقتەك ھىس قىلمەن. مۇشۇنداقلا ياشايۋارسەم كەلگۈسۈدە يارىماسبوپ قالىدىغاندەكلا ئويلاپ قالدىم. شۇڭلاشقا مەن ئۇزەمنى تىجارەت ساھەسىدىن چىقىرىپ باشقىچە بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش يەنى ئۈزەمنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقاندا《كومپىيوتىر ساھاسىگە قەدەم قويسام 》دەپ ئويلايمەن.    لىكىن مىنىڭ سەۋىيەم ھازىر《0》سەۋىيەدە ھەم ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن.شۇڭا مۇشۇ ھالەتتە تۇرۇپ بىرەر ئۇستازغا شاگىرتلىققا كىرسەمشۇ بىلىملەرنى ئۈزۈمنىڭ تىرىشىش ۋە ئىزدىنىشى ئۇستازنىڭ ئۈگۈتىشى ئاستىدا ئۈگۈنەلەمدىم....... تورداشلارنىڭ مەسلەھەت بىرىشىنى سورايمەن.   




سۇئالىم قاملاشمىغان بىر سۇئال بوپ قالدى.شۇنداق بولسىمۇ قېرىنداشلارنىڭمىنى مازاق قىلماي ئەستايىدىل مەسلەھەت بىرىشىنى سورايمەن.باشقۇرغۇچىلاردىن ئۈتۈنىدىغىنىممۇشۇ تىمىنى تەستىقلاپ قويساڭلار

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:57:42

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم سىزنىڭ بۇ ياردەم سوراپ يازغان سۇئالىڭىزغا ئۆز بېشىمدىن ئۆتكۈزگەنلىرىم ئاساسىدا تۆۋەندىكىدەك جاۋاب بېرىشنى توغرا تاپتىم، مۇۋاپىق دەپ قارىسىڭىز پايدىلىنارسىز:
مىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئەھۋالىم سىز بىلەن ئاساسەن ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. مەنمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا سىزگە ئوخشاشلا كومپيۇتېردا «0» دەرىجىدە ئىدىم ھەم خەنزۇ يېزىقىدا ئاساسىم ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى. مانا ھازىر ئارىلىقتىن شۇنچە يىللار ئۆتۈپتۇ، كومپيۇتېرنى ئەمەلىي قوللىنىش، ھەتتا رېمونتلاش جەھەتتە يامان ئەمەس سەۋىيىدە تۇرۇپ كېلىۋاتىمەن. مۇنتىزىم ئۆگەنگەن ۋاقتىم پەقەتلا 3-4 ئاي، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆگەنگەنگىنىم پەقەت windows95-98، office2000ھەم photoshop لاردىكى ئىنتايىن ئاددىي مەشغۇلاتلار ئىدى. شۇڭا سىز كومپيۇتېر ئۆگىنىشنى نىشان قىلغان ئىكەنسىز خەنزۇ تىل- يېزىقىدا تۆۋەن سەۋىيەدە بولسىڭىزمۇ كېسىپ ئېيتالايمەنكى، جەزمەن ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز.
بۇنىڭ ئۈچۈن سىز تۆۋەندىكى بىرقانچە جەھەتكە ئەھمىيەت بېرىڭ:
1. ئۆزىڭىز چوقۇم يۈكسەك دەرىجىدە ئىرادە ۋە چىدام- غەيرەت بىلەن، ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش روھى بويىچە تېرىشىڭ. چۈنكى، مەيلى سىز ئەڭ ئاخىرىدا بىرەر «ئۇستام» غا شاگىرت بولۇڭ ۋە ياكى يوقۇردا تورىدىشىمىز ئېيتقاندەك كومپيۇتېردىن بىرنى سېتىۋېلىپ ئۆگىنىش يولىنى تاللاڭ، ھامان سىزدە قەتئىي ئىرادە ۋە چىدامچانلىق شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز ئۆگىنىش روھى بولمىسا بەرىبىر ئاقىۋىتى ياخشى بولمايدۇ.
2. كومپيۇتېر ساھەسىكەسىپچانلىقى چوڭ ساھە. ئۇ- چېتىلىش دائىرىسى پەۋقۇلئاددە كەڭ بولغان زامانىۋىي ئۈسكۈنىلەر جەمگاھىدىن ئىبارەت بولغاشقا سىز ئۆز شارائىتىڭىزنى چىقىش قىلغان ھالدا ئۆگىنىش نىشانىنى بېكىتىڭ. مەسىلەن: سىزنىڭ كومپيۇتېرنى ئۆگىنىپ بولغاندىكىن كېيىنكى ئاساسلىق مەقسىدىڭىز زادى نېمە؟ كومپيۇتېرنى قورال قىلغان بىرەر سۈرەتخانا ئېچىش نىشانىڭىز بارمۇ ياكى ئادەتتىكى نۇسخىلاش- خەت بېسىش ئورنى ئاچماقچىمۇ ۋە ياكى توي- فىلىم ئىشلەش ئورنى ياكى بولمىسا ئېلان- سەنئەت لايىھەلەش ئورنى ئاچماقچىمۇ؟ سىز مۇشۇلارنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆگىنىش ۋاقتى ۋە ئۇسۇلىنى بېكىتسىڭىز بولىدۇ. ناۋادا شارائىتىڭىز يار بەرسە سىز مۇنتىزىمراق بىرەر تەربىيەلەش ئورنىدا كومپيۇتېردىن دەسلەپكى ئاساسىڭىزنى يارىتىۋېلىڭ. مەسىلەن: كونۇپكا تاختىسى ۋە مائۇس ئىشلىتىش، كومپيۇتېرنى قوزغىتىش- ئۆچۈرۈش، windows مۇھىتىدا ھۆججەت باشقۇرۇش، office مۇھىتىدىكى بىر قىسىم قوللىنىشچان دېتاللارنى ئىشلىتىش دېگەندەك (ئەلۋەتتە، مېنىڭ يوقۇردا دېگەنلىرىمدىن بەزىلىرى سىزگە تولىمۇ قاراڭغۇ بولۇشى مۇمكىن، ئەمما كېرەك يوق، كىتابخانىلارغا كىرسىڭىز تەخمىنەن 20-30 يۈەن ئەتراپىدا مەن دېگەن يوقۇرقى مەزمۇنلار تەپسىلىي سۆزلەنگەن ئۆز يېزىقىمىزدىكى قوللانما كىتابلارنى تېپىپ بىرقانچە كۈن كۆرسىڭىزلا خېلى بىر نەرسىلەرنى چۈشىنىپ قالالايسىز، ئۆزىڭىزگە ئىشىنىڭ).
3. سىز ئۇيغۇر تىلىدىن باشقا تىلنى بىلمەيمەن دەپسىز، كېرەك يوق، ھىچ بولمىغاندا ئازراق بولسىمۇ خەنزۇ تىلى بىلسىڭىزلا سىزنىڭ كومپيۇتېر ئۆگىنىشىڭىزگە شۇ ئىمكانىيەت يىتىپ ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز خەنزۇ تىلىنى تولۇق بىلىپ كەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، نەچچە يۈز- نەچچە مىڭلاپ خەنزۇچە خەتنى ئۆگىنىشىڭىزنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق. پەقەت كىتابخانىلاردىن «ئۇيغۇرچە- خەنزۇچە كومپيۇتېر ئاتالغۇلىرى لۇغىتى» دېگەنگە ئوخشاش قورال كىتابلارنى سېتىۋېلىپ، ئەڭ دەسلەپتە ئېكراندىكى خەنزۇچە خەت- ئاتالغۇلارنى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوخشىمىغان مۇھىتلاردىكى مائۇس ئوڭ كونۇپكا تىزىملىكى ۋە ئوخشىمىغان مۇھىتلاردىكى قورال- تىزىملىكلەردە كۆپ ئۇچرايدىغان خەنزۇچە خەت- بويرۇقلارنىڭ مەنىسىنى ئاز- ئازدىن ئۆگىنىپ ماڭسىڭىز، بۇ جەرياندا چوقۇم ئەستايىدىل بولۇپ، يانچۇق خاتىرىسى شەكلىدە ئۆگىنىش خاتىرىسى قالدۇرۇپ ماڭسىڭىز ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۆزىڭىزمۇ تويىمىغان ھالدا خېلى بىر نەرسىلەرنى بىلىپ قالىسىز.
4. كومپيۇتېر ئۆگىنىشكە باشلىغاندا ئۆزىڭىزگە بەك ئالاھىدە يوقۇرى تەلەپ قويۇۋالماڭ، ناۋادا شۇنداق قىلسىڭىز، ئۆز ئىرادىڭىزگە خىلاپ ھالدا كۆپ ئۆتمەي بۇ نەرسىنى ئۆگىنىشتىن يالتىيىپ قالىسىز. بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمايدۇ. شۇڭا ھەممە ئىش ئۆز يولىدا بولغان ياخشى. شۇڭا دەسلەپتە زىرىكمەي- تىرىكمەي، كومپيۇتېر ئالدىدا راۋرۇس- توغرا قىياپەتتە ئولتۇرۇپ خەت ئۇرۇش (قو كۆندۈرۈش) مەشىقى دېگەنلەرنى قىلىڭ، مائۇس ئىشلىتىشنى ئاساس قىلغان كومپيۇتېر ئويۇنى ئويناڭ، سەل زىرىكىشلىك ھېس قىلسىڭىز ئانچە- مۇنچە كىنو- ناخشىلاردىن ھوزۇر ئېلىڭ. مەيلى قايسى مۇھىتتا كومپيۇتېر ئۆگىنىڭ سىز بىر ياكى بىرقانچە ئاي (ھەتتاكى بىرقانچە يىل) ئىچىدىلا پروگراممىر، لايىھەلەش ئۇستىسى بولۇپ كېتەلىشىڭىز ناتايىن. پەقەت ئۆز كۆڭلىڭىزگە پۈككەن شۇ دەسلەپتىكى نىشانغا يەتسىڭىزلا بولدى. ئاساسلىق نىشانغا يەتكەندىن كېيىن قالغان ئىشلارنىمۇ ئاستا- ئاستا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ كېتەلەيسىز. مانا مەنمۇ بۇ كەسىپ بىلەن شوغۇللانغىلى ئون نەچچە يىل بولدى، پروگراممېر ۋە ياكى ئاللىقانداق تور بەتلەرنى لايىھەلەپ چىقالمايمەن ھەم ئۇلارنى ئۆگەنگۈممۈ يوق (ھىچ بولمىغاندا ھازىرچە). چۈنكى، ئۆزۈم تۇرۇشلۇق مۇھىت ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىم ھازىر بۇنى تەقەززا قىلىپ كەتمەيدۇ.
5. ناۋادا سىزنىڭ تورغا چىقىش شارائىتىڭىز كۆپرەك بولسا (بىر كۈندە 4-5 سائەت ئەتراپىدا) روھلان مۇنبىرىدىكى ئۇستازلار ۋە توردىكى دەرسلىكلەر، ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى ياردىمىدە ئۆگىنىپ ئاساس ھازىرلىيالىشىڭىزمۇ مۇمكىن. ۋاقتى كەلگەندە مەنمۇ بوش ۋاقىتلىرىمدا بۇ جەھەتتە بىلگەنلىرىمنى كۆرسىتىپ قويالايمەن. يەنە بىرسى سىز ئاقسۇ تەۋەسىدىن بولسىڭىز، بولۇپمۇ ئاقسۇ شەھرىگە يېقىن بولسىڭىز ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مائارىپ باشقارمىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۇچۇر تېخنىكىسى ئىلمى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقىلى تەخمىنەن 25 يىلچە بولغان ئۇستازىمنىڭ بىرتۇتاش قول تىقىشى ئاساسىدا ئاقسۇ شەھرىدە پات ئارىدا پۈتۈپ ئوقۇش باشلايدىغان مائارىپ باشقارمىسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى بىر تەربىيەلەش مەكتىپىنى سىزگە تەۋىسىيە قىلاي.
6. سىز ئۆگىنىش نىشانىڭىزنى بېكىتىپ بولغاندىن كېيىن، تىجارەت خارەكتېرلىك كومپيۇتېر مۇلازىمەت ئورۇنلىرىغا كىرىپ، شۇ يەرنىڭ ئاساسلىق باشقۇرغۇچىسى ۋە كەسىپكە بىر قەدەر پۇختا بولغان «ئۇستام» بىلەن يۈزمۇ- يۈز كۆرۈشۈپ، ئۆگىنىشنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈڭ. ئۆگىنىشكە باشلاشتىن بۇرۇن چوقۇم يازمىچە توختاملىشىپ- شەرتلىشىپ تۇرۇپ ئۆگىنىڭ، بولمىسا سىزنىڭ ۋاقتىڭىز ھەم بەلگىلىك ئىقتىسادىڭىز بىھۇدە سەرپ بۇپ كېتىشى مۇمكىن. مەن تۇرۇشلۇق جايدىكى قوشنا كومپيۇتېر مۇلازىمەتخانىسىغا شاگىرت بولۇپ كىرگەنلەر خەت ئۇرۇشتىن باشقا نەرسىلەرنى ئانچە بىلمەي چىقىپ كەتكەن ئەھۋال خېلى ئېغىر، ھەتتاكى ئاددىيسى Excel دا جەدۋەل سىزىشنىمۇ ئۆگىنەلمىگەن ئەھۋال بار، شۇڭا سىز مۇشۇلارغىمۇ دىققەت قىلىڭ. شۇ ئورۇندا زادى قايسى خىل ئەمەلىي مۇلازىمەت بىلەن شوغۇللىنىدۇ، سىزگە قايسىلىرىنى ئۆگىتىپ قويالايدۇ دېگەندەك. يەنە بىرسى سىز شۇ ئۆگەنگەنلىرىڭىزنى مۇمكىنقەدەر ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ بېقىڭ، مەسىلەن: خەت بېسىشنى ئۆگەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئۆز تەرجىمھالىڭىزنى پرېنتېردا قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ بېقىڭ، لايىھەلىگەن جەدۋەل- رەسىملەرنى ئېكراندىلا كۆرۈپ تۇرماي، قەغەزگە بېسىپ چىقىرىپ، ئۆزىڭىز ھەم ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ باھاسىنى ئېلىپ بېقىڭ.
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، مەن يوقۇردا سىزگە ئۆزەمنىڭ كۆپ يىللىق ئەمەلىيەتلىرىم ئاساسىدىكى ئويلىغانلىرىمنى دەپ ئۆتتۈم. شۇڭا سىز ھەم سىزگە ئوخشاش خىيالدا يۈرگەن ئېزىز قېرىنداشلىرىمنىڭ بۇ قاراشلىرىمدىن ئىجابىي يوسۇندا پايدىلىنىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن. ناۋادا بۇ ئېيتقانلىرىم ئېھتىياجلىقلارغا زەرىچە پايدا يەتكۈزەلىسە مۇشۇ توپلىغان تەجرىبە- ھاسىلاتلىرىمدىن ئازراق بولسىمۇ مەمنۇن بولغان بولاتتىم.
سىزگە ئۇتۇق تېلەيمەن قېرىندىشىم :handshake

barhan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:22:15

ئاۋالسىز ئۆزىڭىز كومپىيۇتېرنىڭ قايسى تەرەپتىكى بىلىملىرىگە قىزىقىسز،مەسىلەن سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش ،توي فىلىم ئىشلەش،تور سودىسى دىگەندەك تۈرلەرنى تاللاپ نىشان بېكىتىڭ ،چوقۇم ئالدى بىلەن كومپىيۇئېر دەسلەپكى ساۋاتلىرى بىلەن تونۇشىشىڭىز كېرەك. چوقۇم windowsمەشغۇلات سىئېتىمىسنى ئىگەللىشىڭىزئالدىنقى شەرت،بۇنىڭ ئۈچۈن سىز بىر دانە كومپىيىئۇتېر سېتىۋىلىپ ،مەخسۇس ئۆگۈنۈش ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللار كۆپ،شۇلاردىن بىرنى سېتىۋىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ.

2938335372 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:39:00

barhan يوللىغان ۋاقتى2015-2-23 17:22
ئاۋالسىز ئۆزىڭىز كومپىيۇتېرنىڭ قايسى تەرەپتىكى بىلى ...

مەن كومپىيوتىر بىلىملىرىنى ياخشىراق ئۈگەنسەم كومپىيوتىر ئېلىپ ساتايمىكىن دەپ ئويلىغان .بۇنىڭدا قانداق بۇلا مەسلەن دۇكان ئېچىپ دىمەكچى

xaxyurak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 17:57:11

مىنىڭچە بولغاندا ھەقسىز ئۈگەنسىڭىز بەك كۆپ ۋاقتىڭىز ۋە كىتىشى مۇمكىن ۋە ئاسانلا زىركىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن..
ماڭا ھازىر 6 يىل بوپتۇ كومپىيوتېر يانفۇن ساھەسىدە قاتىراپ يۈرگىلى بۇ مىنىڭ بېشىمدىن ئۆتكۈزگەن جەريانلىرىم سىز ئەگەر مۇكەممەل ئۈگۈنۈشنى ۋە تىز سۈرئەتتە ئۈگۈنۈشنى خالىسڭىز ھەقلىق ماتىرىياللار ۋە ئۇستاملاردىن ئۈگۈنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

xaxyurak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 18:06:22

ئەگەر تىل جەھەتتە قىينچىلىقىڭىز بولسا مەن 2012 - يىلى بىر قوللۇق يېزىپ تاماملىغان 100000 خەتلىك خەنزۇچە خەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە رەسىملىك چۈشەندۈرلىشى بىرلىگەن . ئەگەر كۆرۈپ باقىمەن دىسڭىز ئادىرىسى :
http://www.intil.biz/home/forum.php?mod=viewthread&tid=12826
ئىنتىل مۇنبىرىدە بۇ كىتاپنى سېستۋېلىپ ئۈگەنگەنلەرمۇ بار...
ئەگەر تەپسىلى ئىشلارنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئىنتىل تورىغا كىرىپ nurmamatjanناملىق ئەزانى زىيارەت قىلىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.

taxyurak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:22:04

سىز يەنىلا كومپيۇتېر (ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپيۇتېر، تاختا كومپيۇتېرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كومپيۇتېر رىمونىت قىلالايدىغان(يۇمشاق دىتال ۋە قاتتىق دىتال مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان)، كومپيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرىنى(سېستىما دىتاللىرى، ئاۋاز سۈرەت-فىلىم دىتاللىرىنى، قورال دىتاللار، پىروگرامما تىلىنى چۈشىنىدىغان، تور بىكەتلەرنى قۇرالايدىغان) پىششىق بىلىدىغان كەسپى ئۇستىنىڭ يېنىغان بېرىپ، ھەقلىق ئۈگىنىڭ. تەربىيلەش مەكتىپىگە بارسىڭىز سىزگە تېخنىكا ئۆگەتكەن بىلەن تىجارەتنى ئۆگىنەلمەيسىز، شۇڭا تېخنىكا بىلەن تىجارەتنى تەڭ ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز يەنىلا كومپيۇتېر سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كومپيۇتېر رىمونىت قىلالايدىغان، كومپيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرىنى پىششىق بىلىدىغان كەسپى ئۇستىنىڭ يېنىغان بېرىپ، ھەقلىق ئۈگىنىڭ. شۇندىلا بۇ كەسىپتىن «نان »تېپىپ يىيەلىشىڭىز مۇمكىن. تېخنىكا بىلمەي پۇل تاپقىلى بولغان بىلەن قاچانغىچە تاپقىلى بولىشى ئىنىق ئەمەس، ئەمما نۇقۇل تېخنىكىغىلا تايىنىپ پۇل تېپىشمۇ ئاساس ئەمەس، خەقنىڭ بەرگىنىنى ئالىدىغان گەپ، شۇڭا مېنىڭچە تېخنىكا بىكەن تىجارەتنى تەڭ ئۈگەنسىڭىز ياخشى بولىدۇ بۇرادەر.

ئىز1053 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 19:42:42

سىز نىڭ تاللىشىڭىز توغرا بوپتۇ، بىراق بۇنىڭ ئۈچۈن جاپاغا چىداپ تىرىشىشقا توغرا كېلىدۇ، شاگىرت كىرىمەن دېسىڭىز شۇ ھازىرقى زاماندىكى بەزىبىر ئۇستاملار سىزگە ئالدىراپ بىر نەرسە ئۆگىتىشى مۇمكىن ئەمەس، شۇڭا سىز ئالدى بىلەن بىرەر مەكتەپتە مۇنتىزىم تەربىيلىنىڭ، ئاندىن بىرەر ئۇستامنىڭ قېشىغا بېرىپ تىجارەت ۋە باشقا ھۈنەرلەرنى پىراكتىكا قىلسىڭىز ياخشى بولىدۇ.

2938335372 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:12:38

taxyurak يوللىغان ۋاقتى2015-2-23 19:22
سىز يەنىلا كومپيۇتېر (ئۈستەل كومپيۇتېرى، خاتىرە كومپي ...

قېرىندىشىم مەسلەھەتىڭىزگە رەھمەت....لىكىنزە مىنىڭ مۇشۇ ساھادە تۇنۇش بىلىشلىرىم يوق .مىنى ياخشىراق ئۇستىغا تۇنۇشتۇرىدىغان مۇشۇ ساھادىكىلەر بىلەن تېپىشىش مەندىكى باش قاتتۇرغان مەسىلە

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-2-23 20:33:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-23 20:37

2938335372 يوللىغان ۋاقتى2015-2-23 17:39
مەن كومپىيوتىر بىلىملىرىنى ياخشىراق ئۈگەنسەم كومپىي ...

بۇ ئويىڭىزچە بولغاندا سىز كومپيۇتېر سودىسى بىلەن شوغۇللانماقچى بولۇپسىزدە. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ سىز يەنىلا كومپيۇتېردىن دەسلەپكى ئاساسنى ھازىرلاڭ. چۈنكى، مېڭىشنى بىلمەي تۇرۇپ يۈگۈرگىلى بولمايدۇ ئەمەسمۇ :lolمەن دەپ ئۆتكەن تەكلىپتىن باشقا يەنە كومپيۇتېر قۇراشتۇرۇش، سىستېما قاچىلاش، ھەتتاكى زامانىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان بىر قىسىم قوللىنىشچان يۇمشاق دېتال ۋە سىستېما يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلىتىش، تور سودىسى دېگەنلەرنى ئۆگىنىڭ. مېنىڭچە، بۇنىڭ ئۈچۈن سىز كومپيۇتېر بازارلىرىغا بېرىپ، مەخسۇس كومپيۇتېر ئېلىپ- سېتىش، رېمونتچىلىقى بىلەن شوغۇللىنىدىغانلارغا كەم دېگەندە بىرەر يىل «ھەقسىز» ئىشلەپ (شاگىرت بولۇپ) بېرىڭ. كومپيۇتېرغا دائىر بولغانلىكى ھەرقانداق ئۇچۇرنى ئۆز ۋاقتىدا ئىگىلەشكە، شەھەر- بازار، يېزا- قىشلاقلاردىكى ھەر ساھە- ھەر كەسىپ كىشىلىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. چۈنكى، كومپيۇتېر ئىشلىرى بىلەن شوغۇللىنىۋاتقانلارغا ئايانكى، كومپيۇتېر سودىسى پەسىلچانلىققا (ۋاقىت-مەزگىل خارەكتېرىگە)، كەسىپچانلىققا ھەتتا رايون، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى تۈرلۈك مۇھىت ئامىلىغا مۇناسىۋەتلىك مۇرەككەپرەك بىر كەسىپ. شۇڭا كومپيۇتېر سودىسىنى قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى سودا ئەندىزىسىگىلا تايىنىپ ئۇتۇق قازىنىش قەتئىي مۇمكىن ئەمەس.
ئەمدى سىزنىڭ ئىقتىسادى شارائىتىڭىز ھەقىقەتەن يار بېرىپ، ئىقتىسادتىن قىينالمايدىغان تەرىپىڭىز بولۇپ، كومپيۇتېر ئېلىم- سېتىم سودىسىنى زادى بىر قىلىپ باقاي دەپ قالغان بولسىڭىز، كومپيۇتېردا ئازراق بىر ئاساس ھازىرلىۋالغاندىن كېيىن، كەسىپكە پىششىق، سەمىمىي بولغان كومپيۇتېر رېمونت ئۇستىسىدىن بىرنى ۋاقىتلىق تەكلىپ قىلىپ ئىش باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. شۇ جەرياندا سىزمۇ ئەشۇ تەكلىپ قىلغان ئۇستامدىن تەدىرىجى ھالدا كومپيۇتېر رېمونتچىلىقىنى ئۆگىنىپ كېتەلەيسىز. كومپيۇتېر بازارلىرىدىكى مۇشۇنداق سودا بىلەن شوغۇللانغۇچىلارنىڭ خېلى كۆپ قىسىمى مۇشۇ ئۇسۇلدا تىجارەت قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى، بىلىمى بارلارنىڭ پۇلى كۆپ بولۇشى، پۇلى كۆپلەرنىڭ بىلىمى كۆپ بولۇشى ناتايىن ئەمەسمۇ :P
بەت: [1] 2 3
: كومپيۇتېر ئۆگىنىشتە بىرەرسىگە شاگىرتلىققا كىرسەم بولارمۇ؟