تەرجىمە تەرمىلەر ....
مېھمانكەچۈر تەرجىمىسى
ئەرنىڭ شىركىتى ئۆيىدىن خېلى يىراق بولغانلىقى سەۋەبلىك ئۆز كاتىپى گۈلى بىلەن شىركەتكە يېقىن يەردىن بىر ئۆينى بىللە ئىجارىگە ئېلىپ تۇرىدىكەن. بىر كۈنى ئەر ئايالىنى كاتىپى ئىككىسى بىللە ئىجارىگە ئالغان ئۆيگە تەكلىپ قىپتۇ. تاماق ئۈستىلىدە ئايال ھە دەپ يولدىشى بىلەن ئۇنىڭ كاتىپى ئىككىسىنىڭ ئۇششاق ھەرىكەتلىرىگە دىققەت قىپتۇ، بۇنى سەزگەن يولدىشى:
- خوتۇن، گۈلى ئىككىمىزنىڭ خىزمەتداشلىقىدىن باشقا ھېچقانداق ئىشىمىز يوق، ئەنسىرىمىگىن، - دەپتۇ.
ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن گۈلى ئەردىن:
- ئايالىڭىز كەلگەندىن بۇيان ھېلىقى ساپ كۈمۈشتىن ياسالغان چۆمۈچنى ھېچ تاپالمايۋاتىمەن، سىزنىڭچە ئايالىڭىز ئۇنى ئېلىپ كەتكەنمىدۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. ئەر ئايالىدىن بىۋاستە سوراشنى ئەپسىز كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللاپتۇ:
- خوتۇن، مەن سېنى بىر ساپ كۈمۈشتىن ياسالغان چۆمۈچنى "ئېلىۋالدى" دېمەيمەن، ھەم ساپ كۈمۈشتىن ياسالغان چۆمۈچنى "ئېلىۋالمىدى"مۇ دېمەيمەن. پەقەت بىزنىڭ دىققەت قىلغىنىمىز سەن كەلگەندىن بېرى ئۆيىمىزدە بىر نەرسە يوقاپ كەتتى. سېنى سۆيۈپ: ئېرىڭدىن.
بىر كۈندىن كېيىن ئايالى جاۋاب ئۇچۇرى قايتۇرۇپتۇ:
قەدىرلىك ئېرىم، مەن سىزنى گۈلى بىلەن بىللە "ئۇخلىدى" دېمەيمەن، ھەم گۈلى بىلەن بىللە "ئۇخلىمىدى"مۇ دېمەيمەن. پەقەت مېنىڭ دىققەت قىلغىنىم شۇكى، ئەگەر گۈلى ئۆز كارۋىتىدا ئۇخلىغان بولسا ھېلىقى ساپ كۈمۈشتىن ياسالغان چۆمۈچنى بۇرۇنلا تېپىۋالغان بولاتتى...
كۈنلىيەلمەيدىغان كۈندەشلىك
كەچۈر تەرجىمىسى
نەزىرىڭىزدىكى ئەڭ قايغۇلۇق ھېس كۈندەشلىك، شۇنداقمۇ؟
ئۇنداق ئەمەس، ئەڭ قايغۇلۇق ھېسسىيات كۈندەشلىك ئەمەس، بەلكى كۈنلىگۈدەكمۇ ھوقۇقنىڭ بولماسلىقى.
سىزگە كۈنلىگۈدەك ئىمكاننىڭمۇ بولماسلىقى ئەڭ ئازابلىقتۇر.
سىز ئۇنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭدىن كۈنلىيەلەمسىز؟ ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن شېرىن - شېكەر سۆزلەرنى قىلىشقىنىنى كۆرىسىز، ئۇنىڭ باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىنى كۆرىسىز، لېكىن سىزنىڭ كۈنلىگۈدەك شەرتىڭىز ئەسلا يوق. بوغۇزىڭىز قانداقتۇر بىر ئازابقا كەپلىشىپلا قالىدۇ.
سىز ئۇنى ياخشى كۆرىسىز، ئۇمۇ بىلىدۇ. لېكىن، ئۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ. ئۇ باشقىلار بىلەن باردى - كەلدى قىلسا، مۇھەببەتلەشسىمۇ سىزنىڭ كۈنلەشكە شەرتىڭىز توشمايدۇ. ئۇ بىرەرسىگە ئاجايىپ كۆيۈنۈپ كەتسە، ئاچچىقىڭىزدىن ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ «ئۇنىڭغا نېمىشقا بۇنچە ياخشى مۇئامىلە قىلىسەن!» دېگىڭىز كېلىدۇ، لېكىن، سىز كىمتىڭىز؟ ئۇنىڭ نېمىسى ئىدىڭىز؟
گەرچە ئۇنىڭ مۇھەببىتى بىلەن قول تۇتۇشقىنىنى، مۇھەببىتىنىڭ ئۇنىڭ كېيىمىنى تۈزەشتۈرۈپ قويغىنىنى ھەتتا ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرغىنىنى كۆرسىڭىزمۇ پەقەتلا ئىچىڭىزدە، قەلبىڭىزنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ئۇنىڭ مۇھەببىتىگە ئۆچمەنلىك قىلىسىز.
كونا ئاشىقىڭىزدىنمۇ ھېچقانداق سەۋەب بىلەن كۈنلىيەلمەيسىز. ھەممە ئادەم بىلىدۇ ئايرىلىپ كەتكىنىڭلارنى، ئۇنىڭ كىم بىلەن بىللە بولۇشىنىڭ سىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟ ئۇغۇ مەڭگۈ سىزنى ئاسرايدىغانلىقىنى، مەڭگۈ سىزنى ئەسلەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ؟! ئۇ مەڭگۈ باشقا بىرىنى سۆيمەيمەن، دېمىگەنغۇ؟ ئۇ يېڭى لايىق تاپسا، يېڭى مۇھەببەت قاينىمىغا چۆكۈپ كەتسە، يېڭى مۇھەببىتىگە بۇرۇن سىزگە كۆيۈنگەندىنمۇ بەكرەك كۆيۈنسە «ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇشىڭنى خالىمايمەن!» دېگىڭىز كېلىدۇ. لېكىن، سىلەر ئاللىبۇرۇن ئايرىلىپ كەتكەن ئەمەسمۇ؟ كۈندەشلىكمۇ نام - ئاتاق سۈرۈشتە قىلىدۇ دەيمەن...
كۈنلىيەلمەيدىغان كۈندەشلىك ئەڭ ئازابلىق بولىدۇ. سەندىن شۇنچە كۈنلىگۈم بار، لېكىن مەن كىم ئىدىم - ھە؟
مەنبەماكانىمىز مۇنبىرى
ھورمەتلىك باشقۇرغۇچى بۇ تەرجىمە ماڭا بەك ياقتى دوسلارنىڭ ھۇزۇرغا سۇندۇم .. ئەگەردە مۇنبەرگە تەسىر يەتكۇزىدىغاندەك تۇرسا تەستىقلىمىسىلىمۇ بۇلىدۇ ......
بەت:
[1]