كەچۇرگىن قىزىم .....
ئانا يەنە ئولتۇرۇشقا بارامسەن ؟دەپ سورىدى قىزى ئانىدىن ...ئەمما ئانا يەنىلاغەمسىز گىرىمىنى قىلىپ ئولتۇراتتى .كىچىكىدىنلا دادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بۇ سەبى قىزنىڭ ئانا مېھرىگە قېنىش ھوقوقى بار ئىدى .ئەمما ئانا بولغۇچى كىچىلىرى بۇناراسىدە قىزنى تاشلاپ قويۈپ ئايىغى چىقماس ئولتۇرۇشلاردىن كىلەلمەيتتى .قىزىنىڭ بۇرۇن قاناش كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىدىنمۇ خەۋەرسىز ئىدى ...........
ئانا بۇگۈن بىر كۈن ماڭاھەمرا بولالارسىز مۇ ؟، _دەپ سۆز باشلىدى ناتىۋان قىز ،ئەمما ئانىسى سوغۇق نەزىرىبىلەن :
_ئوھۇش ،ئىچىمنى پۇشۇرماي ،بالدۇر ئارام ئال ،ھېلىمۇ نەچچە كۈن بولدى سىرتلارغا چىقمىغىلى ،ھاۋايەپ كىرەي ،- دەپ سوغۇقلا جاۋاپ بەردى .بىچارە قىز ئۆز ئانىسىدىن بۇ جاۋاپنى كۈتمىگەن ئىدى .كۆزىدىن ئېقىپ چۈشكەن بىر تامچە ياشنىمۇ يۇشۇرۇپ ئۈلگۈردى .
ئانا گىرىملىرىنى قاملاشتۈرۈپ قىلدىدە ،كونائادىتى بويىچە ،ئىشىكنى قۇلۇپلاپسورۇنىغايۈرۈپ كەتتى ،قىز بولسا يەنە يالغۇز قالدى ، داقا مۇزىكىلار قاپلىغان مۇزىكازالىدا ئانا ھەدەپ بىر ئەر بىلەن ئۇسۇل ئوينىماقتا ئىدى ،ئەمما قىز ئۆيدە ئانىسىنىڭتۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن تەييارلىغان سوۋغىتىغا قاراپ مەيۈس ئولتۇراتتى مۇزىكاخانىدىكى ھېلىقى ئەر سۆز باشلىدى : _جېنىم توي قىلساق بولاتتى ،سىزنى نەچچە كۈندە بىركۆرۈپ تۇرۇشتىن بەك زېرىكتىم ..
ئانا جاۋابەن :_ماقۇل قەدىرلىكىم ،ئەمما تەخىر قىلىڭ ،قىزىمنى چوڭلارنىڭ بېقىپ بېرىشىگە ماقۈل كەلتۈرسەملا ،سىز مېنىڭ ،مەن سىزنىڭ ..ھا ھا ھا ...
قىز يالغۇز ئۆيدەخىياللارغا چۆكۈشكە باشلىدى :
_ ئانام بۇگۈن تۇغۇلغان كۈنى ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان ئوخشايدۇ،ئۇنداق بولمىغان بولسىدى ،ماڭا ھەمرا بۇلۇپ ،مەن بەرگەن سوۋغىنى كۆرسە خوش بۇلۇپ كىتەر ئىدى ھە ؟!دادام بولغان بولسا ئىدى تېخىمۇ ياخشى بولاتتى دىسە ؟مەن ئانام،دادام بۈگۈن بىرگە تەبرىكلىگەن بولساق ...ياق مېنىڭ ئانام چوقۇم مېنى ئالداپ قويدى،مېنى خوش قىلىش ئۈچۈن ،ماڭا تورت يىگۈزۈش ئۈچۈن چىقىپ كەتتىمۇ يا ؟!
بايامقى تېز مۇزىكىنىڭ ئورنىنى لىرىك مۇزىكا ئالغان ئىدى ،ئانا بىلەن ھېلىقى ئەر تانسىغا چۈشكەچ پاراڭلاشماقتا ئىدى،ئەر:
_جېنىم ،بۇگۈن ماڭا ھەمرا بۇلارسىز ، تۇغۇلغان كۈن كېچىڭىزنى بىللە ئۆتكۈزەيلى...سىزنى بەك سېغىندىم ..
ئانا بولسا :_ئەلۋەتتە جېنىم ، بۈگۈن كېچە مەن سىز نى دەپلاچىقتىم ..سىزنى دىمىسەم نىمە قىلىمەن بۇ يەردە ،..خېلى بىرپەس مۇزىكىلاردىن كېيىن بۇ ئىككەيلەن بۇشەھەرنىڭ كاتتا مىھمانخانىسىغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى .
كىچە سائەت ئىككىدىن ئاشقان بولسىمۇ .بىچارە قىز يەنىلا ئانىسىنى ساقلاۋاتاتتى ،چۈنكى بۈگۈن ئانىسىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى،قىزنىڭ تورت يىيەلەيدىغان كۈنى ئىدى ..ئەمما ئانا كەلمىدى،ئانىسىنىڭ كەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يەتكەن قىز بىر پارچە قەغەزگە مۇنۇ خەتنى يېزىشقا باشلىدى :_ئانا ،تۇغۇلغان كۈنىڭىزگە مۇبارەك بولسۇن ،سىزنى ساقلاپ ئولتۇرسام كەلمىدىڭىز ،ئەگەر ماڭا تورت ئالغاچ كەلگەن بولسىڭىز ،ئەتە ئويغانغاندا بىللەيەيلى ، بۇگۈن باشقىچە ئۇيقۇم كېلىۋاتىدۇ ،مەن ئۇخلاپ قالدىم ،سىزنى سۆيىمەن ئانا............. ..قىز شۇخەتلەرنى يېزىپ بولۇپ ،ئانىسىغا تەييارلىغان سوۋغىتىغا قىستۇرۇپ ئۇستەلگە قويۇپ ياتاق ئۆيىگەكىرىپ كەتتى .......................ئانابىلەن ھېلىقى ئەر،كاتتا ياتاقتا كۆڭۈل ئېچىشماقتا ،ئۆز نەپسىنى قاندۇرۇشماقتا ئىدى .ئانىنىڭ خىيالىغا قىزى كىرىشى مۇمكىن ئەمەستەك قىلاتتى ..ئاھ بىچارە قىز ..............يېرىم كىچە .قىزنىڭ كوناكىسىلى قوزغىلىپ ،بۇرنى قاناشقا باشلىدى .ئەمما بۇ قېتىم ئىلگىركىسىگە ئوخشىمايتتى،قىزىل قان ،رەڭگىنى يوقىتىپ قارا رەڭلىك بۇلۇشقا باشلىدى .قىز نىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ ياتاق ئۆيىدە يىقىلىپ قالغان ئىدى .ئالىي دەرىجىلىك ياتاقتا چىراق غۇۋا يېقىقلىق،ئىككىيلەن ئۆز دۇنياسى بىلەن ئالدىراش ئىدى....
شۇ تەرىقىدە تاڭمۇ ئاتتى ..ئانا كىيملىرنى كىيگەچيېنىدىكى ئەرگە :_ جېنىم ، مەن قايتقاچ تۇراي ،قىزىم تۇرۇشتىن ئاۋۋال ئۆيگەبېرىۋالاي ،بولمىسا قىزىم چوڭلارغا دەپ قويسا سەت تۇرمىسۇن يەنە ...ھې ھې ھې ... ئانائەمدى ئەقلىنى قىزى تەرەپكە بۇرىغان بولسىمۇ ،ئەمما ئەردىن سادا يوق قاتتىق خورەك ئىچىدەئۇخلاۋاتاتتى ...ئانا ئۆيگە قايتىپ كەلدى ،ئۆينىڭ ئىچى جىمجىت بۇلۇپ ،قىزىنىڭ تېخى ئويغانمىغانلىقىدىن كۆڭلى خاتىرجەم بولغاندەك قىلاتتى .چاي ئىچىش ئۈچۈن ئۈستەل يېنىغا كەلدى ،قىزىنىڭ قويۇپ قويغان توغۇلغان كۈن سوۋغىسنى كۆردى ،قالدۇرغان خېتىنىمۇ ئوقىدى.كۆڭلىدە سەل خىجىللىق ھېس قىلىپ قىزىنىڭ ياتاق ئۆيىگە كىرىپ؛ كەتتى ..............................
___قىزىم ___ ئانىنىڭ قاتتىق توۋلىغان ئاۋازى پۈتۈن يەرگە ئاڭلىناتتى . ئاققان كىسىلىگە گىرىپدار بولغان بۇ ناتىۋان،كىچە بۇرنىدىن كۆپ قان چىقىپ كەتكەنلىكىدىن شۇكلىنىپ جان ئۈزگەن ئىدى .._مېنى كەچۈر قىزىم ،_دېدى ئانا ئارانلا ،ئەمماگۇناھقا پاتقان قوللىرى بىلەن قىزىنىڭ جەسىتىنى قانداق كۆتۈرۈشنى بىلەلمەيۋاتقان ئىدى ............ ..................................مەنبە–––––– ماكانىمىز مۇنبىرى تەربىيىۋىي ئەھمىيىتى يۇقىرى بولغان ھىكايە ئىكەن. بەك تەسىرلەندىم، راستلا تەربىيۋى ئەھمىيتى چۇڭقۇركەن! تىمىڭىزنى ئۇقۇپ راسىت گەپنى قىلسام مەن بەكمۇ بىئارام بولدۇم ....چۈنكى بۈگۈن مىنىڭ 34ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى،،،:( مەن بۇگۈننى قىزىم بىلەن بىللە ئۆتكۈزگەن بولساممۇ ئەمما ئانىلىق يۈرۈكۈم يەنىلا ئازاپلاندى،،،،،رەھمەت سىزگە ،،،سىز بۇ تىمىڭىز ئارقىلىق مىنى يەنىمۇ لاياقەتلىك ئانا بۇلۇشقا ئۈندىدىڭىز ،،،،،،،شۇ تاتلىق ئوماقلىرىمىز ئۈچۈن ئاپا دادا بولغۇچىلار بالىلىرىمىز غا يەنىمۇ كۆپرەك ۋاقىت ئاجىرتايلى،،،،،،سالامەت بۇلۇڭ،،،،:ow ھا ھا تۈنۈگۈن مىنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى . سىھىر يوللىغان ۋاقتى2015-2-23 02:26
تىمىڭىزنى ئۇقۇپ راسىت گەپنى قىلسام مەن بەكمۇ بىئارام ب ...
ئەرزىمەيدۇ .... كىچىكىپ قالغان بولساممۇ تۇغۇلغان كۇنىڭىز گە مۇبارەك بولسۇن (چىرايلىق بىر دەستە گۇل) .... yanfun يوللىغان ۋاقتى2015-2-23 07:59
ھا ھا تۈنۈگۈن مىنىڭمۇ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى .
مۇبارەك بولسۇن يانفۇن ئەپەندىلىكىن قۇرۇق بۇپ قالدى ... ئەتىگەندەئورنىلىردىن تۇرماي تۇرۇپمۇنبەر ئارلاۋېتىپلا ھە . (چىرايلىق ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)............. بەزى تېما نەچچە ئون قېتىملاپ يېزىلسىمۇ يەنىلا ئۆزگىچە .......بۇ توغرۇلۇق نۇرغۇن ئىتوتلار ئوينالدى، شىئېرلار يېزىلدى، ھېكايە بولۇپ تۇقۇلدى. ..........ھارمىغايسىز .
بەت:
[1]