ئامىنە333 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 16:14:30

بۇ زادى قانداق كىسەل ؟

ئەسسالامۇئەلەيكۇم:

      مەن بىر قىز، ئۇزۇندىن بېرى ئۆزەمدە كۆرىلىۋاتقان بەزى بىنورمال ئالامەتلەر ھەققىدە مەسلىھەت سورىماقچى ئىدىم :

                تۆت يىلچە بوپ قالدى ، مەندە ئۇشتۇمتۇت يۈرەك تېز سېلىپ كېتىدىغان، تۇرۇپلا كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم بولىدىغان ، ھازىرلا ماڭا بىرە ئىش بولىدىغاندەك جىددىيلىشىپقاتتىق ئۈمۈدسىزلىنىدىغان، بەزىدە تىت تىت بولۇپ، دەم سىقىلىپ ، پۈتۈن بەدىنىم ئاغزىمدىن تارتىپ تىتىرەپئۆزۈمنى باشقۇرالماي قالىدىغان بوپ قالدىم( ھەر قېتىم قوزغالغاندا كۆپ بولسا يېرىم سائەتكىچە ياكى ئۇنىڭدىن ئازۋاقىت بىئارام بولىمەن)، كىچىسى بەك كۆپ چۈش كۆرۈمەن ، قارا بىسىش قاتارلىق مۇشۇنداق يامان ئالامەتلەرمۇكۆپ. قوزغىلىش ۋاقتى قەرەلسىز ، ئەمما كۆپىنچە تاڭ ئېتىش ئالدىدا كۆپ قوزغىلىدۇ ، بەزىدە نەچچە ئايغىچە قوزغالمايدۇ ، بەزىدە ئۇدا نەچچە كۈن تەكرار قوزغىلىپ بىئارام بولىمەن؛ بەك قورقۇنچاق بولۇپ كەتتىم، كىچىككىنە خاپىلق يەكى كۆڭۈلسىزلىك بولۇپ قالسا دەرھال كاللام قالايمىقانلىشىپ، تىتىرەشكە باشلايمەن، يۈرۈكۈم بەك تېز سېلىپ كېتىدۇ،پۇت قولۇمدا كۈچ قالمايدۇ، مۇزلاپ كېتىدۇ؛ ئادىتىم نورمال ئەمەس، بۇلتۇر 7 - ئاي 8- ئاي ئادەت كەلمىدى، ھازىر كېلىدۇ ، بىراق بەزىدە 15-18 كۈن كەينىگە سۈرۈلۈپ كېلىدۇ؛ بەزىدە ھىچ ئىش يوق، ئۆزەمچە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ھېس قىلىپ يىغلىغۇم كېلىدۇ، قورقۇپ كېتىمەن؛بۇ قانداق كىسەللىكىنى ھازىرغا قەدەر بىلەلمىدىم ، مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار !!! ( يىشىم 27 ، تېخى توي قىلمىدىم . بارغانچە ئەھۋالىم يامانلىشىپ تىتىرەش ئەسەبىيلىشىپ كېتىۋاتىدۇ ، كۆڭلۈمدە قاتتىق تەشۋىشلىنىش بولىدۇ ، كاللام پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ ؛   )سەمىمىي مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار !!

          مىللىي تىبابەتكىمۇ كۆرەندىم، بۇيرۇپ بەرگەن دورىلىرىنى ئىچىپ باققان،جۇڭيىچەغەرىبچە دورىلارنىمۇ ئىچىپ كۆردۈم.بىرى نېرۋا ئاجىزلىق دېدى، دوختۇرخانىغا قان تەكشۈرتسەم، ئىچكى ئەزالارنى تەكشۈرتسەم ياخشى چىقتى؛   كىسەلنىڭ نە سەۋەبىنە دەۋاسىنى تاپالمىدىم   ؛

bayawat يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 17:22:43

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bayawat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-19 17:25

سىزگە پىسخىكا دوختۇرغا كۆرنۇپ بىقىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن،
سىزگە بىرەۋەقەياكى ئىشبەك تەسىر قىىلپ ، شۇ قۇرۇقىنىشتىن قۇتلۇپ چىقالمىغان بۇلۇشىڭىز مۇمكىن،

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 17:23:51

گۆش يىسىەم سىڭمەيدۇ دەپ ئەنسىرەپ يىمىسىىڭىز تىخىمۇ ئاجىزلىشىپ كىتىسىز، بەدەندە كۈچ بولمىسا دورا پايدا قىلمايدۇ.قان بىسىمىڭىز تۈۋەنلەپ كەتكەن، ھەزىم سېستىمىڭىز ياخشى ئەمەس، توخوي، بىلىق گۆشلېرىنى ئىستىمال قىلىش بىلەن كالا بۆرىكىنى ئازراقتىن پىشۇرۇپ يەڭ. يەنە خەيدەيدىن ئازراق ئىستىمال قىلىپ تۇرۇڭ، قالقانسىمان بەزنىڭ خىزمىتى نورمال بولمىسىمۇ شۇنداق بۇلىدۇ...

كەۋسەر885 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 18:10:37

سىزئەڭ مۇھىمى يالغۇز قالماڭ سىرىتلارغا كوپرەك چىقىڭ دوسلىتلىرىڭىز بىلەن كوپرەك بېرىش كىلىش قىلىڭ شۇندىلا بۇنىڭدىن ئاسانلا قۇتلالايسىز

تۆرە يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 18:18:56

بىرە جايدا يەر تەۋرەش يۈز بىرىشتىن بۇرۇن شۇ جايدىكى ئايال ئۇششاق قېرى چۆرىلەدەئاۋال ئاشۇنداقراق ئالامەت كۆرلەمىش دەپ ئاڭلىغاندەك قىلىۋىدىم . ساياھەتكە چىقىپ بېقىڭ

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:13:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋرۇز تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-19 19:18

سىزدىكى بەزى ئامىللار ئىلگىرى يەنى بۇندىن 18يىل بۇرۇن مەندىمۇ كۈرۈلگەن. تەشۋېشلىك خىياللار ئىچىدىلا ئۈمۈتسىز روھى بېسىم ئاستىدا ياشايتىم. ئۆزۈمگە ئازراقمۇ ئىشەنمەيتىم بۇ تۇرمۇش جەھەتتە بىرەر ئېغىر زەربە يەپ كەتكەندىن كىيىن كۈرۈلدىغان ئۈنۋېرسال روھى ئامىل . مەن دالىي كانىگ نىڭ بىر نەچچە پارچە كىتابى بىلەن تۇنۇشۇپ ئاندىن ھاياتقا ئۈمۈد بىلەن باقىدىغان ، ئۆزۈمگە ئىشىندىغان .......ئادەمگە ئايلانغان. لىكىن ھازىرمۇ ئاشۇ بېسىمنىڭ بەزى ئاسارەتلىرى ھازىرمۇ باردەك ھېس قىلىمەن بەزىدە. ئېنىقكى سىزدە جىسمانى كىسەلدىن پىسخىكا جەھەتتتىكى كىسىلىڭىز سەل كۈچۈيۈپ قاپتۇ. سىز ياخشى پىسخىكا دوختۇرىغا كۈرۈنسىڭىز چۇقۇم ياخشى بوپ كىتىسىز. ياكى دالىي كارنىگ نىڭ ‹‹قايغۇرماڭ ، باتۇرلاچە ياشاڭ››.....قاتارلىق بىر نەچچە كىتابىنى ئېلىپ ئوقۇپ كۈرۈڭ. سۆزۈمنى خاتا چۈشۈنۈپ قالماڭ ھە لىكىن.

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:19:14

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   شىپا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-19 19:26

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمقېرىندىشىميۇقىرقى ئەھۋالىڭىزدىنقارىغاندا سىزدە نېرۋائاجىزلىق ،يۈرەكئاجىزلىق باركەن.سىز ئاۋۋالمىڭدىكى ئارتۇق تەشۋىش،قارا بېسىشنى پەيداقىلغانسەۋەپچىئامىلنىيوقىتىشئۈچۈن   مۇنزىچجەۋھىرى   2قاپ    ئۇستىقۇددۇسشەربىتى     2قۇتا   يۈرۈكنىقۇۋۋەتلەش ،ياللاغقايتۇرۇشئۈچۈن   بادرەنجىبۇياجەھىرىياكى稳心颗粒دىگەندورىنى   بىرداۋالاشباسقۇچى   بىرئاي   ئىچىڭ
كۆڭلىڭىزدىكىچىگىشمەسىللەرنى ھەلقىلىۋېتىڭئۆزىڭىزنىخوشال تۇتۇڭ، يېقىن دوسلار بىلەن ئالاقەقىلىڭ   قۇرۇقئىسسىق كۆيگەنتاماقللارنىيىمەڭ .بۇ لارنىئۇداداۋاملاشتۇرسىڭىزئاللا   خالساساقىيىپ   كىتىسىز   كۈندە بىرقېتىمقۇرئانئوقۇڭ

يۇقىرقىدورىلارنى   شەھەر ياكى يېزاھەمكارلىقدوختۇرخانىلىرىدىن   ياكى چوڭدورىخانىلاردىن   تاپالايسىز. سالامەت بۇلۇڭ

sodigar77 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:22:32

مىنڭچە ئەتىياز قىش پەسىللىردەئادەم بەدىنىڭ ئۇزۇقلۇققا بولغان تەلپى يۇقىرى بۇلدۇدەپ قارايمەن .چۇنكى قان تۇمۇر سوغوقتىن تاريىپ ئىسسىقتىن كەڭىيدۇسىزدىكى ئالامەتلەردىن يۇرەك ئاجىز بۇلشى تۇرغانلا گەپ سىز تازلىققا ئەھمىيەت بىرىپ كىيىملەرنى كىرلىكلەرنى ۋاقىتى ۋاقىتىدا ئاپتاپقا سىلىپ قۇۋەتلىگۈچى دورىلارنى يەڭ ھازىر تىۋېپلا بەك قويمىچىلىشىپ كىتۋاتدۇشۇڭا ھۈكۈمەت تارمىقىدىكى مىلىشىپاخانىلاردىن دورا ئىلىڭ يولدىكى 9 ئەۋلات لوقماننىڭ نەۋرىسى ئەۋرىسى دىگەنلەرگە ھەرگىز ئىشەنمەڭ ساقىيىش ئۇياندا تۇرسۇن ئىغىرلىتىپ قۇيشىمۇ مۇمكىنكىسەل يامانلىشىپ كەتسە تۇتقاقلق بۇلۇپ قىلىشى مۇمكىن قالغىننى دىمەي،،، كىسەلنى كاللىدىن چىقىرۋېتىڭ ئويلىماڭ ئويلاۋەرسىڭىز يامانلىشىپ كىتدۇ ئوزڭىزگەئىشنىشنڭز كىرەك تاماق ھاۋا كەيپىيات قاتارلىقلارنى مۇلاھىزە قىلىڭ قانداق تاماق قانداق شارائىت سىزگە زىيانلىق بولسا يىراقراق تۇرۇڭسىزگە شىپالىق تىلەيمەن ساقىيپ كىتسىز سەۋەپ قىلىڭ كۆڭلۈڭىزنى خوش تۇتۇشقا تىرشىڭ

شىپا يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:29:13

سىز دىكىبۇ كىسەللىكيۇقىرىدەرىجىلىكتەكشۈرۈشئۈسكۈنلىرىدىنمۇچىقمايدۇبۇ بىرخىللېكىنبەدەندەئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.

مېھرى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 19:58:45

   سالام ئامىنە سىڭلىم ، روھلان مۇنبىرىمىزدىكى قەدىمىڭىزگە مۇبارەك بولغاي .   
    بايا مۇنبەر قۇرغۇچىمىزئادىلجاننىڭ ماڭا قالدۇرغان ئايرىم ئۇچۇرى ئارقىلىق بۇ تېمىڭىزدىن خەۋەر تاپتىم ،"ھەدە بۇ قىزغا بىرەر مەسلىھەت بىرەلەرسىزمۇ " دىدى ، شۇڭا مۇنبەرگەكىرىپلا بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈشۈم .   سىزنىڭ ئۆزىڭىزدىكى بۇ مەسىلىنى يۈرەكلىك ھالدا مۇنبەرگە يۈرەكلىك يوللىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا سىزدىكى ياخشى باشلىنىش ، تورداشلىرىمىزنىڭ بەرگەن قىممەتلىك پىكىر - تەكلىپلىرىدىن پايدىلىنىپ باقسىڭىز ، چوقۇم ياخشى ئۈنۈمى بولىدۇ دەپ قارىدىم .   
   ئەگەر مەن بىلەن ئايرىم سىردىشىشنى خالىسىڭىز 1124480686 نومۇردىكى مۇڭداشقۇ ھەم ئۈندىدارنى قېتىۋېلىڭ ،بەلكىم ئاز - تولا بولسىمۇ ياردىمىم تېگىپ قالار دەپ ئويلىدىم.
روھلان مۇنبىرىنى تاللىغىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم ، مەندەك ھەم باشقا روھلانداشلىرىمىزدەك روھلاندا روھلىنىپ ، خۇشال- خۇرام، روھلۇقئۆتەلىشىڭىزگە ئىشىنىمەن .   خەۋەرىڭىزنى كۈتىمەن .
بەت: [1] 2 3
: بۇ زادى قانداق كىسەل ؟