taxyurak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 12:22:44

روھلان ئەھلىدىن جىددى ياردەم (كىتاپ توغۇرلۇق)

ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم ، روھلان ئەھلى، ھەر قايسىڭلارغا ھاجىتىم چۈشۈپ بۇ تىمىنى يازدىم. قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرياتى نەشىر قىلغان، مۇھەممەد ئەزىز ساك تۈزگەن، ئىنگىلىز تىلىنىڭ سىرى دىگەن كىتاپ ياكى شۇ كىتابنىڭ ئاۋاز ھۆججىتى بەك جىددى لازىم ئىدى. بار بولسا ئۇچۇر بەرسەڭلار، ياردەم قىلغۇچىلارنى ئوبدان رازى قىلىمەن. كىتاب ۋە ئاۋاز ھۆججىتى (vcd,cd) پىلاستىنكىسى بىر يۈرۈش بولسا ياخشى ، ھېچ بولمىغاندا ئاۋاز ھۆججىتىنى بولسىمۇ تەمىنلەپ بەرگەن بولساڭلار بوپتىكەن.
مەندە كىتابى بار ئىدى .
كىتابنىڭ مۇقاۋىسى يولاندى.مۇشۇ كىتاپ شۇ. ئالاقىلىشىش نۇمۇرۇم : QQ:1839446462
http://pic2.qnpic.com/doimg/TAXYURAK/deafba19/

aksu يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:13:36

بۇ ماتېرىيال مەندە بار ئىدى،ئەمما سىزگە يوللاپ بەرسەم قانداق بۇلار؟نەشىر ھوقۇقى مەسىلىسى چۇقۇم ئويلىنىشقا تېگىشلىك مەسىلە دەڭە.

taxyurak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 18:45:00

aksu يوللىغان ۋاقتى2015-2-18 18:13
بۇ ماتېرىيال مەندە بار ئىدى،ئەمما سىزگە يوللاپ بەرسەم...

مەقسىتىڭىزنى چۈشەندىم. مەن ئەسلى كىتابىنى سېتىۋالغان ئەمما ئاۋاز ھۆججىتى شۇ ۋاقىتتىمۇ يوق ئىكەن. ھازمۇ بەك ئىزدەپ كەتتىم. كىتابخانىلار بىلەنمۇ كۆپ ئالاقىلاشتىم . يوق ئىكەن. سىزدىن سېتىۋالساممۇ بولاتتى. سىزنى رازى قىلىمەن. تىل ئۈگىنىشتە ئاۋاز ھۆججىتى بولمىسا پەقەت قاملاشمايدىكەن قېرىندىشىم.
سىزنى ئاۋارە قىلدىم . رەھمەت.

taxyurak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-18 20:38:33

كۆڭلىڭىزنى چۈشەندىم. ئەگەر كىتاپخانىلاردىن تاپالىغان بولسام ، ھەرگىز ياردەم تىمىسى يازمايتتىم. ئامالسىزلىقتىن مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر بوپ قالدىم. توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە رەھمەت. مۇمكىن بولسا ياردەم قىلغان بولسىڭىز.

taxyurak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-19 11:22:14

قېرىنداشلاردىن ئۈتۈنۈپ قالاي، مەن بەك ئىزدەپ كەتتىم بۇ كىتابنىڭ ئاۋاز ھۆججىتىنى ، مۇمكىن بولسا تەمىنلەپ بەرسەڭلار ، ئوبدان رازى قىلاتتىم.

taxyurak يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 00:13:54

ئەگەر ئىلىم ئۆگىنىش خۇسۇسىدىكى مەسىلە بولمىسا ئىدى ، بەندىگە مۇنچىلىك يېلىنماس ئىدىم.

ئۈمۈد2 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-21 19:49:49

قېرىندىشىم ، بۇ كىتابنىڭ ئەسلىدنلا ئاۋاز ھۆججىتى يوق ئىدى. سىز بار دەپ ئويلاپ قالغان ئوخشىمامسىز، كىتاب مەندە بار، لېكىن ئاۋزا ھۆججىتى يوق. ئۇنى ئۈرۈمچىدىن يېڭى چىققاندىلا ئالغان. ئۇلار ئاۋزا ھۆججىتى بارلىقى ھەققىدە بىر نېمە دېمىگەن ئىدى. شۇنىڭغا قاراپ يوقمىكىن دەيمەن.
بەت: [1]
: روھلان ئەھلىدىن جىددى ياردەم (كىتاپ توغۇرلۇق)