بىلىۋېلىڭ -----كۆپ ئۇچرايدىغان ساختا سودا پۇرسىتى
1.ھەقسىز ئۇرۇقبىلەن تەمىنلەش :ئېلان تەشۋىقاتىدا ھەقسىز ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەيمىز دىسىمۇ ،ئەمما ئۇرۇقنى يىغىۋالىدىغان چاغداقارشى تەرەپ سىزدىن <<پوچتىدىنئەۋەتىشھەققى >>،<<تېخنىكاھەمكارلىقھەققى >>دېگەندەك ھەقلەرنىئەۋەتىشنىتەلەپقىلىدۇ .2.قىممەت سېتىۋېلىش :بىر قىسىمئالدامچىلار xxدوراماتىرياللىرىتەتقىقاتئورنى ياكىبىئولوگىيلىك دورا ياساششىركىتىنامىنى سۈيئىستىمالقىلىپ ،ئۇرۇق،كۆچەت ۋەھايۋانلارنىڭ كۈچۈكلىرىنىساتىدۇ ھەمكىيىنقىممەتباھادا سېتىۋالىمىز دەپ جار سالىدۇ .بېيىشكۇيىدايۈرگەنبىرقىسىمكىشىلەر بۇنىسوداپۇرسىتى دەپ بىلىپ ،باشقىلاردىنئاۋۋالقىلاي دەپ ،ئېلاندىكىئۇنەرسىلەرنىقىممەتسېتىۋالىدۇ .ئەممائۇلارئالدانغانلىقىنىبىلگەندەئۇلارئاللىقاچانتىكىۋەتكەن بولىدۇ .
3.بىرلىشىپ زاۋۇتقۇرۇش :بەزى <<زاۋۇتلار>>گېزىت -ژۇرناللاردا <<زاۋۇتىمىزنىڭپىششىقلاپ ئىشلەش ئۈسكۈنىللىرىنى سېتىۋالسىڭىز ،رەنە پۇلى تاپشۇرسىڭىز ،ھەقسىز ماتىريال بىلەنتەمىنلەيمىز .ماتىريال پىششىقلاپ ئىشلەپ مەسھۇلاتقا ئايلاندۇرسىڭىز ،قىممەت باھادا سېتىۋالىمىز دەيدۇ .ۋاقتى كەلگەندەبولسا ئۇلار لاياقەتسىزكەن دەپ ئالغىلى ئۇنىمايدۇ .ياكى زاۋۇتنىڭ نەگەيوقاپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمەيسىز .
4.ئالاھىدە باقمىچىلىق :بىرقىسىمئالدامچىلار بىرقىسىم ئادەتتىكى ھايۋانلارنى نەسىللىك دەپ سېتىپ ،كىيىن قىممەتباھادا سېتىۋالىمىز دەپ ناداندېھقانلار بىلەنتوختامئىمزالايدۇ ،نەتىجىدەدېھقانلارنىڭپۇلىئۇلارنىڭچۆنتىكىگە كىرىپكىتىدۇ .
5. قەدىمى نەرسىلەرنى سېتىۋېلىش :بەزى ئېلانلاردا<< قەدىمى پۇللارنىيىغقانلارتىز بېيىيدۇ>> دەپ كۆپتۈرىدۇ .ئەمەلىيەتتەبولسامەقسەتقەدىمى بۇيۇملارغائائىت ماتىرياللارنىقىممەتباھادا سېتىش .
6.بېيىش ئۈسكۈنىللىرىنى سېتىش :يېقىندىنبۇيان ئاخبارات ۋاستىللىرىدا ئۈسكۈنە ماشىنا سېتىپبىرىش توغرىسىدىكى ئېلانلاركۆپىيىپقالدى ،ئېلانغا ئاساسلانغاندا تەمىنلىگۈچى ئۇرۇنلار تېخنىكا بىلەن تەمىنلەيدۇ ،خادىملارنى تەربىيلەپ بىرىدۇ .ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى،بىر قىسىم زاۋۇتلار چىن ئىخلاسىدىنشۇنداققىلىدۇ ،ئەمماكۆپىنچە ئالدامچىلار بۇپۇرسەتتىنپايدىلنىپ كىتىدۇ .شۇڭابىركۆزىمىزنىيوغانئېچىپ ئەمەلىيەتنى ئاساسقىلىشىمىز ،ئېھتىياتچان بۇلۇپ ،قارىغۇلارچەئەگەشمەسلىكىمىزكىرەك . بۇ ھەقىقەتەنمۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەسىلىكەن. بۇنداق «تېز بېيىش» نى خىيال قىلىۋاتقانلارنى ئەتراپىمىزدا يوق دېگىلىمۇ بولمايدۇ، بەزىدە ھەتتا بىلىپ- بىلمەي ئۆزىمىزمۇ بۇ ئىشقا قىزىقىپ قالىمىز. يانچۇقىغا ئازراق پۇل كىرىپ قېلىپ، قانداق قىلىپ بۇ پۇلنى ئاۋۇتۇشنىڭ كويىدا يۈرگەن، سودا ساھەسىدىن خەۋەرسىز يۈرگەن بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلىسا بەلكىم شۇ ئىشنى بىر قىلىپ باققۇسى كېلىپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ. مۇشۇنداق ئىشلاردا نۇرغۇن كىشىلەر بەكمۇ ئېتىياتچان كېلىدۇ، ئەمما ئالدىنىپ قېلىشتىن قورقۇپ زىيادە ئېھتىياتچان بولۇپ كېتىشمۇ ئادەمنى بەزى پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قىلىپ قويىدۇ، بەزى ۋاقىتلاردا ھەقىقەتەن شۇنداق پۇرسەتلەر كېلىپ قالسا بىز ئىنچىكە تەكشۈرۈپ ، ھەممىنى ئېنىقلاپ ئاندىن قارار چىقىرىمەن دەپ بولغۇچە باشقىلار بۇ پۇرسەتنى سوقۇپ كېتىدۇ، شۇڭا مېنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ھەددىدىن زىيادە يەڭگىلتەكلىك قىلغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا بەزى ئىشلاردا ئاز-تۇلا تەۋەككۇل قىلمايمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ھەممە ئىشنىڭ ئاز-تولا خېيم خەتىرى بولىدۇ، زىيان تارتىپ قېلىشتىن قورقسىڭىز ھىش قىلماي ئولتۇرسىڭىز بولىدۇ-شۇ!
بەت:
[1]