Shahdiyar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 00:40:51

كومپيۇتېر كەسپى تېخنىك خادىم تەربىيىلەش سىنىپى ئېچىلدى

كومپيۇتېر - ھازىرقى ئەقلىي ئەمگەك مېۋىسى ئىچىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان پەن – تېخنىكا مەھسۇلاتى.
كومپيۇتېر – بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە ھەر تۈرلۈك ئىش – پائالىيەتلىرىمىزدە بىزگە نۇرغۇنلىغان قولايلىقلارنى ھازىرلاپ كېلىۋاتقان ئىنتايىن ياخشى قورالىمىز.
كومپيۇتېر – ھازىرقى دەۋردە ھەر بىر ئادەم چوقۇم بىلىشكە تېگىشلىك كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېكترون ئۈسكۈنىسى.
كومپيۇتېر – بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، كومپيۇتېرنى بىز خىزمەت قىلدۇرىدىغان بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قورالىمىزنىڭ بىرسى.
ئەتىراپىمىزدا كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى خېلىلا يۇقىرى ھەم تېز بولۇۋاتىدۇ. كومپيۇتېرنىڭ ئومۇملىشىشى يۇقىرى ھەم تېز بولغىنى بىلەن ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن.
كومپيۇتېر باھاسى مۇۋاپىق، ئىقتىدارى يۇقىرى، ئۆزى قولايلىق بىر خىل ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترون ئۈسكۈنىسى. بۇ ئۈسكۈنە ھەر قايسى ساھەلەردىكى زاۋۇت – كارخانىلار، ئىدارە – ئورگانلار، شىركەتلەر، مېھمانخانا، تاماقخانا، مال سېتىش – سېتىۋېلىش ئورۇنلىرى، دۇكان – سارايلار ھەم بىزنىڭ ئائىلىمىزگىمۇ نۇرغۇنلىغان قولايلىق شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى.
كومپيۇتېر ئۆگىنىش ھەممە يەردە ئومۇملاشتى.
بىز ئۇچۇر قاپلانغان مۇھىتتا ياشاۋاتىمىز. تېلېۋېزىيە سىگنالى، تۈرلۈك دولقۇن، تېلېفۇن، گېزىت – ژۇرناللارنىڭ ھەممىسى بىزگە ھەر خىل ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ كۆز، قۇلاق قاتارلىق سەزگۈ ئەزالارغا تايىنىپ ئۇچۇرغا ئېرىشىپ تەلىپىمىز قانمايدىغان بولۇپ قالدى. ئىلىم – پەن كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى دەۋردە ھەر خىل يېڭى تىپتىكى ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇرغا ئېرىشەلەيدىغان بولدۇق. كومپيۇتېر بىر تەرەپ قىلىدىغان ئۇچۇر ــ يېزىق، سۈرەت، ئاۋاز، ھەرىكەتچان رەسىم، فىلىم ھۆججىتى قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى قىسمىدا بىر تەرەپ قىلىنىش جەريانىدا ئىككىلىك سىستېمىدىكى سانلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ.
بىز ھازىرقىدەك ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان جەمئىيەتتە ياشاۋاتىمىز. قەيەرگىلا بارايلى ۋە نېمىلا ئىش قىلايلى، ھازىر نۇرغۇن ئىشلار كومپيۇتېر ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. جەمئىيىتىمىزدە كومپيۇتېر ئۆگىنىش ئارزۇسى يۇقىرى، بىراق مۇنتىزىم تەربىيىلەش ئورۇنلىرىنى تاپالمايۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن «كومپيۇتېر كەسپى تېخنىك خادىم تەربىيىلەش سىنىپى» نى ئاچتۇق. بۇ سىنىپ مەخسۇس شىركەت - كارخانىلار، ئىدارە - ئورۇن، ھەر تۈرلۈك ئىشخانىلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە ئۇچۇر باشقۇرۇش خادىملىرىنى مەخسۇس تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىدۇ.
بۇ سىنىپتا سۆزلىنىدىغان مەزمۇنلار 5 باسقۇچقا بۆلۈنگەن بولۇپ بۇلار:
1 - باسقۇچ: ئاساسىي تېخنىكا بىلىملىرى
مەزمۇن: كومپيۇتېر بىلەن تونۇشۇپ چىقىش، كومپيۇتېر قوراشتۇرۇش، قاتتىق دېسكا بىلىملىرى، سىستېما قاچىلاش ۋە سىستېما زاپاسلاش، كومپيۇتېرنى دائىملىق ئاسىراش بىلىملىرى.
2 - باسقۇچ: ئىشخانا تېخنىكىسى بىلىملىرى
مەزمۇن: يېزىق بىر تەرەپ قىلىش، يېزىق - جەدىۋەل - رەسىم ئارىلاش مۇرەككەپ بەتلەرنى ئۆلچەملىك تۈزۈش (Word 2010)، جەدىۋەل ۋە ھېساۋات بىر تەرەپ قىلىش، مالىيە باشقۇرۇش جەدىۋېلىنى مۇستەقىل لايىھەلەش (Excel 2010)، دەرسلىك، لېكسىيە ۋە ھەر خىل كۆركەم بولغان تەشۋىقات، لېكسىيە ئورگىنالى ئىشلەش (PowerPoint 2010)، تور ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلىرى، دائىملىق سانلىق مەلۇمات ۋە ئۇچۇر تېخنىكىلىرى.
3 - باسقۇچ: ئېلان - سەنئەت لايىھىلەش بىلىملىرى
مەزمۇن: تەكشىلىك ئۇقۇمى، رەڭ تۇيغۇسى، گۈزەللىك تۇيغۇسى ۋە لايىھە تەپەككۇرى تەڭ يېتىلدۈرۈلۈپ كەسپىي يۇمشاق دېتاللاردىن Adobe Photoshop CS6، Adobe Illustrator CS6، CorelDRAW X6 قاتارلىق ئەڭ يېڭى ئېلان - سەنئەت لايىھىلەش يۇمشاق دېتاللىرى ئاساس قىلىپ سۆزلىنىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ھەر خىل گۈزەل - سەنئەت ئەسەرلىرى، ماركا، ئىسىم كارتىسى ۋە ۋىۋىسكا، ھەر خىل تەشۋىقات ئېلانلىرى، كۆرۈنمە يۈز (UI)، شىركەت تەشۋىقات ئېلانى (VI)، مەھسۇلات ئورالما، قاپ قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تەكشىلىك لايىھەلىرىنى مۇستەقىل لايىھەلەپ چىقىش ئاساس قىلىنىدۇ.
4 - باسقۇچ: يانفۇن ئۇنىۋېرسال تېخنىكىسى بىلىملىرى
مەزمۇن: يانفۇن بىلەن تونۇشۇپ چىقىش، يانفۇننى كومپيۇتېر ئارقىلىق باشقۇرۇش، يانفۇن سىستېمىسى تەڭشەش، ئۇيغۇرچە نورمال تونۇتۇش،يانفۇنغا سىستېما قاچىلاش (刷机) ... قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئىشلىتىلىدىغان ئەمەلىي قوللىنىشچان تېخنىكىلار.
5 - باسقۇچ: تور بەت مەخسۇس تېخنىكىسى بىلىملىرى
مەزمۇن: شىركەت ۋە ھەر قايسى ئورۇنلارنىڭ تور بېكەتلىرىنى مەخسۇس باشقۇرۇش تېخنىكىلىرى، نۆلدىن باشلاپ ھەر خىل تور بېكەتلەرنى پىلانلاش، لايىھىلەش ۋە تور بوشلۇقىغا چىقىرىش، يانفۇن تور بېتى ياساش قاتارلىق كەسپىي تور بەت قۇرۇلۇشى تېخنىكىلىرى.
6 - باسقۇچ: ئەمەلىي پىراكتىكا
مەزمۇن: ئوقۇغۇچىلار 6 ئايدىن بېرى ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىش شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ، بىر قىسىم كەسپىي شىركەت - كارخانا ۋە ئورۇنلارغا پىراكتىكىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. پىراكتىكا مەزگىلىدە ئىپادىسى ياخشى بولغانلار شۇ ئورۇندا خىزمەت قىلىدۇ.
[ئەمەلىي پىراكتىكا 6 ئايلىق ئوقۇش ۋاقتىغا كىرمەيدۇ].
دەرس باشلىنىش ۋاقتى: 2015 - يىل 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى
دەرس ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8:00 دىن 12:00 گىچە 4 سائەت، ھەپتىدە 5 كۈن ئۆتۈلىدۇ.
6 ئايلىق ئوقۇش ھەققى 3000 يۈەن (ئۈچ مىڭ يۈەن) بولىدۇ.
دەرسنى «شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گۇرۇپپىسى» www.shahdiyar.com، «شىنجاڭ شاھدىيار ئېلېكترون پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى» نىڭ قۇرغۇچىسى، ئوزۇن يىللىق ئۇنىۋېرسال كومپيۇتېر تەجىربىلىرىگە ئېگە «ئالىمجان ئوسمان مۇئەللىم» سۆزلەيدۇ.
مەسئۇل ئوقۇتقۇچى تېلېفونى: 13709977300
مەكتەپ ئادېرىسى: ئۈرۈمچى شەھىرى جەنۇبى شىنخۇا يولى 39 - نومۇر. جەنۇبى باغچا ئۇدۇلىدا (南公园).
ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى: 0991-2888344
مەكتەپ مىكروخەت (微信) ئاممىۋى سۇپىسى: xjintil
شىنجاڭ ئىنتىل كەسپى تېخنىكا تەربىيىلەش مەكتىپى

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 03:16:08

بۇ بىر ياخشى پۇرسەتكەن جۇمۇ

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 09:44:33

ياخشى خەۋەركەن.

buyukkhan يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 12:48:37

ھەي ،ياخشى پۇرسەتكەن ،لىكىن ھازىر ئ‍ۇرۇمچىدە ئ‍ەمەسمەن ،

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 13:00:51

ھەي ئىسىت، بىر ياخشى پۇرسەت ماڭا يار بەرمىدى- دە، بولمىسا ئىككىلەنمەيلا ئوقۇغان بولاتتىم. مۇشۇنداق كۇرسنىڭ سىن دەرسى بولسا سېتىۋېلىپ كۆرسەم دەپ ئويلايمەن.

ئۆمۇرۇم يوللانغان ۋاقتى 2015-2-16 19:47:26

ئۇرۇمچىگە بارسام ياتاق قۇساق ئۇقۇش پۇلى بىلەن قۇشۇلۇپ 6ئايدا نەچچە پۇل كىتەر ئەڭ ئاز بۇلغاندا ئۇرۇمچىدىكى مۇشۇنداق تەربىنىلىۋاتقانلار بىر ھىساپلاپ بىرىڭلارچۇ
بەت: [1]
: كومپيۇتېر كەسپى تېخنىك خادىم تەربىيىلەش سىنىپى ئېچىلدى