(ياردەم)مەھسۇلات چۈشەندۈرۈش ئاۋازلىق تەشۋىقات ئىشلەتكۈزىمەن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلاندىكى بارلىق ئەزىزى قېرىنداشلار !شىركىتىمىز يىڭىدىن بازارغا سالغان ساغلاملىق مەھسۇلاتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ماس كېلىدىغان ئادەملەرنى ئاۋازغا ئېلىپ ئېلان تەشۋىقات قىلىشقا ئىشلەتمەكچى ئىدىم،نەدە قانداق قىلىشنى پەقەت ئۇقالماي، روھلاندىكى ئىقتىدارلىق ئۇستازلاردىن ياردەم سوراي دەپ بۇ تىمىنى يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن، ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
سۆزى راۋان جانلىق مۇشۇ تۈردىكى ئىشلارنى قىلىدىغان ئۇستازلار مەن بىلەن ئالاقىلاشساڭلار. ياكى بىلىدىغانلارنىڭ ئالاقىلىشىش تېلفۇن نۇمرىنى قالدۇرۇپ قويساڭلار.
ئېلان سۆزى تەييار بار،پەقەت راۋان جانلىق قىلىپ ئاۋازغا ئېلىپ تەمىنلەپ بەرسەڭلار بولىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نۇمۇرۇم: 18699725317 كوت-كوت،ئۈندىدار نۇمرۇم:879592571 مېنىڭ ئاۋازىم دىگەندەك ياخشى ئەمەس، ئەمما مۇنبىرىمىزدە دېكىلماتسيەقىلىشقا ماھىر تورداشلىرىمىز ئاز ئەمەس. ئۇلار چوقۇم سىزگە ياردەم قىلىدۇ.
ئىشلىرىڭىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشمەن. «...ماس كېلىدىغان ئادەملەرنى ئاۋازغا ئېلىپ...» دېگىنىڭىزگە قارىغاندا، ئىككى-ئۈچ ئادەمنىڭ دېئالوگى ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان ئېلان ئوخشىمامدۇ؟ تەلەپ قانچىكى كونكىرىت بولسا، ھەمكارلىشىدىغان ئىش شۇنچە ياخشى بولاتتى. ئۇ ئېلاننى رادىيو ياكى تېلېۋىزوردا بېرەمسىز ياكى دۇكان ئالدىكى ياڭراق ئاۋازلىق كانايدىن چىقامدۇ؟ arkzat يوللىغان ۋاقتى2015-2-14 23:48
«...ماس كېلىدىغان ئادەملەرنى ئاۋازغا ئېلىپ...» دېگىنىڭى ...
ئالدى بىلەن مىنى قوللاپ ئىنكاس يازغىنىڭىزغا رەھمەت.ئۇ ئاۋازنى بىر ئادەم بەرسىمۇ بولىدۇ،دۇكاننىڭ ئالدىدا بازاردا ياڭراتقۇدا قويۇش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن،ياردىمىڭىزنى ئايمىغايسىز. ئۇنىڭغا توردىن ئادەم ئىزدەش كەتمەيدىكەنغۇ ئەمىسە، ئەتراپىڭىزدىكى تىلى راۋان، ساۋادى تولۇق ئادەمدىن بىرنى تاپسىڭىز بىر قانچە رەت مەشىق قىلىپ ئاۋازغا ئالسىڭىزلا پۈتىدىغان ئىش ئىكەنغۇ
ياخشىسى سىز تۇرۇشلۇق ئورنىڭىزدىكى مەكتەپلەردە ئىشلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلاردىن بىرەرسىگە ياكى بولمىسا رادىئو- تېلېۋىزىيە پونكىتلىرىدا ئىشلەيدىغانلارغا دەپ بېقىڭ، شۇلار ياردەم قىلىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن. تەلىپىڭىز ئۇلاردىنمۇ سەل يوقۇرىراق بولسا، مۇشۇ تېمىغا مۇناسىپ ئىنكاس قالدۇرسىڭىز مەن سىزگە مەخسۇس مۇشۇ كەسىپ بىلەن شوغۇللىنىدىغانلار بىلەن ئالاقىلىشىپ بېرىشكە قولۇمدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىمەن.
بەت:
[1]