بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنىڭ تەلەپلىرى
بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنىڭتەلەپلىرى تۈۋەندىكىچە:1. بايراق چىقىرىلىۋاتقاندا ئۇقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر ئاڭلىق ھالدا ئورنىدا تۇرۇپ،دۆلەت بايرىغىغا يۈزلەنگەن ھالدا ھۆرمەتتەتىكتۇرۇشى،بايراق چىقىرىلىپ مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاندىن ئىختىيارى پائالىيەت قىلىشى كىرەك.
2-بايراق چىقارغۇچى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلغۇچىلار قاتتىق مەشىق قىلىشى،ھەر بىر سىنىپتىن ۋەكىل سايلاپ ،نۆۋەت بىلەن ئجرا قىلىشى لازىم.
3-بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدا ، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر ،بىردەك باش كىيىمنى ئېلىۋېتىشى، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى -خىزمەتچىلەر ئاق كۆينەك،قارا ئىشتان ياكى قارا يوپكا كىيىشى؛ ئوقوغۇچىلار ئۆز سىنىپىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلگەن كىيىمىنى كىيىشى(يېڭى ئوقوغۇچىلار ئاق كۆينەك،قارا ئىشتان ياكى قارا يوپكا كىيىشى)پاكىزە،رەتلىك،مەدەنى بۇلىشى لازىم .
4-بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەر بىر كىشى دۆلەت بايرىغىغا قاراپ ھۆرمەتتە تىك تۇرۇشى، ئۈنلۈك ئاۋازدا قەسەمبىرىشى،بايراق چىقىرىش مۇراسىمىغا باشتىن ئاخىر ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىشى كىرەك.
5- ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى خىزمەتچىلەر بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدائىنتىزامغا ئاڭلىق رىئايە قىلىشى، ئۆز ئارا پاراڭلاشماسلىغى، تۇلۇق قاتنىشىشى، كىچىكمەسلىگى،بالدۇر كەتمەسلىگى كىرەك.
6- سىياسى- ئىدىۋى خىزمەت بولىمى بايراق چىقىرىش مۇراسىمىنىڭ ئومۇمى ئىشلىرىغا ؛مەكتەپ ئىشخانىسى، ئوقۇغۇچىلار بولىمى يوقلىما قىلىش ،تەشكىللەشكە؛ھەرقايسى ئوقۇتۇش بولىملىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە سىنىپ مودىرلىرى ئوز تەۋەلىگنى يۇقۇردىكى تەلەپكەيەتكۈزۈپ تەشكىللەشكە مەسئول بولوپ، تەلەپ بويىچە بايراق چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش كىرەك.
بەت:
[1]