arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 22:04:02

بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىكى دۆلەت بايرىقىنى چۈشەندۈرۈش

بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىكى دۆلەت بايرىقىنى چۈشەندۈرۈش
قايلور يېزابېدىلىك باشلانغۇچ مەكتەپتىن:-گۈلەيسەم ئەمەر

ساۋاقداشلار:- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى- بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق. ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ بايرىقى، دۆلىتىمىزنىڭ بەلگۈسى. بايراق يۈزىدىكى قىزىل رەڭ ئىنقىلابقا سىمۋوللۇق قىلىدۇ، بەش يۇلتۇزنىڭ ئىچىدىكى چوڭ بەش يۇلتۇز جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، چوڭ بەش يۇلتۇزنى ئوراپ تۇرغان كىچىك تۆت بەش يۇلتۇز بولسا، جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىگىدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بۈيۈك ئىتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى بۇلۇپ، خەلىقنىڭ قەلبى مەڭگۈ جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسىگە ئىنتىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
بىزنىڭ دۆلەت بايرىقىمىز بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق بۇلۇپ، ئۇ ئىنقىلاب بايرىقى، غالىبىيەت بايرىقى، تىنىچلىق بايرىقىدۇر. بۇ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس، تاجاۋۇز قىلىشقا بولمايدىغان، ئىززەت ئابرويىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇ قۇرۇقلۇق تەۋەلىگى، دېڭىز تەۋەلىگى ۋە ھاۋا تەۋەلىگىمىزدە لەپىلدەپ، ئېلىمىز خەلقىنىڭ ۋەتەننى قوغداش ۋە قۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەھرىمانلارچە كۈرەش ئېلىپ بېرىشىغا ئىلھام بېرىدۇ.
ھەر قېتىملىق بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ھەر بىر ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق جانلىق بولغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيىسى بۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتىنى پەيدا قىلىدۇ ھەم چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
دۆلەت بايرىقىنى ھۆرمەتلەش ۋە ئاسراش ئۇلۇق سوتسىيالىستىك ۋەتەننى، يۇرۇتنى قىزغىن سۆيگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز جۇڭگو پۇقراسى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن، دۆلەت بايرىقى چىقىرىلغاندا ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ دۆلەت بايرىقىغا سالام بىرىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈشىمىز، تىرىشچان، راستچىل، سەمىمى، ئىتىپاق بۇلۇشتەك ئەنئەنىۋى رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىشىمىز لازىم.
قەسەم:- ۋەتەنگە سادىق بۇلىمىز! ۋەتەن ئۈچۈن ئوقۇيمىز! ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىمىز!
بەت: [1]
: بايراق چىقىرىش مۇراسىمىدىكى دۆلەت بايرىقىنى چۈشەندۈرۈش