ئىز1053 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-11 20:57:45

ios8.1.2 نى ئۇيغۇرچە قىلىپ باققانلار ياردەم قىلساڭلا

ئەسسالام روھلان ئەھلىمۇنبەردە ios8.1.2   نى ئۇيغۇرچە قىلىپ باققانلار بولسا ياردەم قىلساڭلار بوپتىكەن،
مەن تېخى يېڭى ئالمىچى بولغاچقا تازا چۈشىنىپ بولالمىدىم بۇنى، تۈرمىدىن ئۇنى-بۇنى قىلىپ يۈرۈپ قاچۇرۋالدىم، ئەمدى شۇ ئۇيغۇرچىنى چىرايلىقلاشتۇرۇش مەسىلىسىگە دۇچ كەلدىم، رېمىنۇت قىلىدىغانلارغا قىلدۇراي دىسەم پۇل كەتسىغۇ مەيلىتى ئۆگىتىپ قويمايدۇ ئەمەسمۇ، شۇڭا بىلىدىغانلار يول كۆرسەتسەڭلار ياكى مۇشۇ توغىرلىق دەرسلىك ئىشلەپ چىقىرىپ قويساڭلا ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلانساق دېگەن ئۈمىدتە ئىدىم

دانا2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 10:15:59

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.iOS8 نى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلماقچى بولسىڭىز ئۇنىڭ تىل بولىقىنى سېتىۋېلىشىڭز كىرەك قېرندىشىم،چۈنكى iOS8 نىڭ تىل بولىقىنى ھەقلىق تارقاتقان.ئۇيغۇرچىنى چىرايلىق قىلىپ ئىشىلتىپ تۇرماقچى بولسىڭىز Cydiaنى ئېچىپ cydia.ibilge.comمانا مۇشۇ مەنبەنى قوشسىڭىز iOS8 گە ماسلاشتۇرۇپ چىقىرىلغان نەچچە خىل فونت بار ،شۇنىڭىدىن تاللاپ چۈشۈرۈپ چىرايلىق قىلۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئىز1053 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 15:11:21

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.iOS8 نى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە قىلماقچى    قانداق سېتىۋالىمىز تېخىمۇ تەپسىلىي سۆزلەپ بەرسىڭىزرەھمەت

دانا2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-12 16:44:29

ئىز1053 يوللىغان ۋاقتى2015-2-12 15:11
قانداق سېتىۋالىمىز تېخىمۇ تەپسىلىي سۆزلەپ بەرسىڭىز   ...

بۇنىڭ تىل بولىقى مەندىمۇ بار،ئۆزۈممۇ تېلېفۇن رىمۇنىت قىلىش دۇكىنى ئاچىمەن.ئەمما سىز 1764151556مۇشۇ چ چ نومۇرىنى قۇشۇپ سېتىۋېلىڭ!بۇ چ چ مۇشۇ iOS8 نىڭ تىل تەرجىمە قىلغان قېرىندىشىمىزنىڭ. مەن سىزگە تەمىنلەپ بەرسەم باشقىلارنىڭ ئامانىتىگە خىيانەت قىلغان بولۇپ قالىمەن،تىل بولىقىنى 30يۈئەنگە سېتىپ بىرىدۇ ھەمدە قاچىلاش دەرسلىكىنىمۇ بىللە بىرىدۇ،شۇ بۇيىچە قىلۋالسىڭىز بولىدۇ.
بەت: [1]
: ios8.1.2 نى ئۇيغۇرچە قىلىپ باققانلار ياردەم قىلساڭلا