كومپىيۇتىر ئىچىدىن"غۇدۇر-غۇدۇر"ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ،بۇنىمە ئۈچۈن؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zulpikar0998 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-11 13:18يېقىندىن بېرى كومپىيۇتىرىمغا مەشغۇلات بۇيرۇقى (توربەتلەرنى ئېچىش،qqئېچىش قاتارلىق ) بىرىلسە كومپىيۇتىر ئىچىدىن"غۇدۇر-غۇدۇر"ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ،ئېچىلىپ بولغاندىن كىيىن نورمال ،بۇ نىمە ئاۋازدۇ؟نىمە ئۈچۈن شۇنداق ئاۋاز كىلىدۇ؟ كومپىيوتېر قاتتىق دىسكىدىن چىققان ئاۋازكەن ئەگەر دە كومپىيوتېرنى نۇرمال قوزغاتقاندىمۇ شۇ ئاۋاز بىردەم چىقىپ يۇقاپ كېتىدىغان ئەھۋال بار بولسابىۋاستە شامالدۇرغۇچنى ئالماشتۇرۋەتسىڭىز بولىدۇ. بۇيرۇق كەلگەندە ئادەتتە سىپىئو يەنى مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ھېساپلاش تېزلىكى تېزلەشكەندە تەبىئىيلا سوۋۇتۇش ئۈسكۈنىسىنىڭ ئايلىنىشىمۇ تېزلىشىدۇ. سىز مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ شامالدۇرغۇچىنى ئالماشتۇرۇپ بېقىڭ ياكى ئازراق مايلاپ بېقىڭ. قاتتىق دىسكىدا فىزكىلىق خاتالىق كۈرۈلسىمۇ مۇشۇنداق ئاۋاز چىقدۇ ،كىلىپ چىقىش سەۋەبى :كومپىيوتېرنى ئۇزۇن مۇددەت مەجبۇرى ئۈچۈرۈش قاتارلىق توغرا بولمىغان مەشغۇلات سەۋەبدىن دىسكىسدا بۇزۇق سىكتۇرلار كۈپيىپ مۇشۇنداق ئەھۋال كىلىپپ چىقدۇ ،.يەنە بىرسى شامالدۇرغۇچ بۇزۇلغان بۇلشى مۇمكىن .سىز ئەڭ ياخشسى قاپنى ئېچىپ ئاۋاز ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇڭ !ئەگەر قاتتىق دىسكىدىن چىققان بولسا ،ماتىرياللارنى زاپاسلاڭ ! مېنىڭ خاتېرە كومپېوتېرىممۇ شۇنداق غوڭۇلدايدىغان بو قالدى ئەھۋالدىن قارغاندا قېرغان ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلدىم 4-قەۋەتتىكى شىرى ئەپەندىم ئەگەر دە سىز خاتېرە كومپىيوتېرنى سېتۋالغاندىن بۇيان ئىچىنى تازلىتىپ باقمىغان بولىسىڭىز كومپىيوتېرنىڭ ئىچىنى پۈتۈنلەي چۇۋۇپ تازلىۋېتىڭ تازلىتىشتا چۇقۇممەخسۇس رېمنۇت قىلدىغانلارنى تاللاڭ ئەگەر دە ئارلىق يېقىن بولغان بولسا ماڭىلا ئەۋەتكەن بولسىڭىز مەن تازلاپ بەرگەن بولاتتىم {:6_266:} مىنىڭ كومپىيۇتىرىم ئۈستەل كومپىيۇتىرى ئىدى،مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچتىن چىقتىمىكىن دەپ ئەنسىرەپ قالدىم. مىنىڭ كومپىيۇتىرىم ئۈستەل كومپىيۇتىرى ئىدى،مەركىزى مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچتىن ئاۋاز چىقىشى تاڭەي، سىز ئاۋۋال كومپىيۇتېرىڭىزنىڭ قېپىنى ئېچىۋېتىپ زەن سېلىپ نەدىن چىققان ئاۋازلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇڭ، قاتتىق دىسكىدىن چىققان بولسا يۇقىردىكى دوستىمىزنىڭ دېگىنىدەك قاتتىق دىسكىدىكى ماتىرياللىرىڭىزنى تىزدىن زاپاسلاڭ، بەزى كومپىيۇتېرلاردا ياڭراتقۇدىنمۇ چىقىدۇ بۇ ئاۋاز مەسىلەن فوتوشوپقا ئوخشاش دېتاللارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا بۇ نورمال، لېكىن چارە قوللىنىش كېرەك، شامالدۇرغۇچ كونىراپ كەتكەن بولسا ئالماشتۇرۇپ بېقىڭئوڭشىلىپ قالار كۆپىنچە ئەھۋالدابۇ قاتتىق دىسكىنىڭ ئاۋازىشامالدۇرغۇچ بۇلغان بۇلسا داۋاملىق ئاۋاز چىقىراتتى ياكى بىردىمدىن كىيىن ئاۋازى تۇختاپ قالاتتىقاتتىق دىسكا بەك كۆنىراپ كەتكەندە ئاشۇنداق ئاۋاز چىقىرىدىغان ئالدىدىكى قاتتىق دىسكا چىرىقىمۇ تۇختىماي يىنىپ تۇرۋىلىپ كۇمپىيۇتىرمۇ ئىغىرلىشىۋالدىغان بۇلۇپ قالىدۇسىز ئاشۇ چىراققمىمۇ دىققەت قىلىپ بىقىڭ ئەگەر راستىنلا قاتتىق دىسكىدىن چىققان ئاۋاز بۇلسا قاتتىق دىسكىدىكى ماتىرىياللار تەھدىت ئاسىتىدا بۇلغان بۇلىدۇ نەۋرۇز يوللىغان ۋاقتى2015-2-11 13:27
بۇيرۇق كەلگەندە ئادەتتە سىپىئو يەنى مەركىزى بىر تەرەپ...
ئابۇرېھىمجاننى شېئىر، ھېكايىلا يېزىپ، كومپيۇتېر بىلىملىرىغا دىققەت قىلمامدىكىن دېسەم بۈگۈن گۇمپىڭىزنى چىقاردىڭىزمۇ نېمە؟ :lol
مۇشۇ دىئاگنۇز دەل توغرا.
بەت:
[1]
2