ئايرۇپىلان يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى بىكار قىلىندى
جەنۇپ ئاۋىئاتسىيەسى شىنجاڭ شۆبىسىدىن ئىگەللىشىچە،دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىئاتسىيە لىنىيەلىرىدە 2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئايرۇپىلان يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققى ئېلىنمايدىكەن،2-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن باشلاپ ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز ئىچىدىكى قىسقا مۇساپىلىك ئايرۇپىلانلارنىڭ بىلەت باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 70يۈئەن،ئىچكى ئۆلكىلەرگە قاتنايدىغا ئايرۇپىلانلارنىڭ بىلەت باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 120يۈئەن ئەرزان سېتىلىدىكەن.مەنبە:قەشقەر گېزىتى 2015-يىلى2-ئاينىڭ10-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى.
بۇنداق بولغاندا 3-4كۈن بۇرۇن بىلەت ئالغاندا ماشىنا بىلەت باھاسى بىلەن پەرقى يوق دىگەن گەپ . ھى ھى...ئەرزان قىلسىمۇ ئايرۇپىلانغا چىقىشتىن قورقىدىغان بوپقالدى كىشىلەر.{:5_171:}تولا چۈشۈپ كېتىپ{:5_167:} ئايروپىلان بارلىق قاتناشلار ئىچىدىكىئەڭ بىخەتەر ھېسابلىنىدىغان قاتناش دېيىلىدۇ. ئالدىراپ چۈشۈپ كەتمەيدۇ، ئەمما چۈشۈپ كەتسە، ئايروپىلاندىن تارتىپ يولۇچىغىچە ھەممىسى زەررىچىلەردىنمۇ كىچىك پارچىلىنىپ پۈتۈنلەي غايىپ بولۇپ كېتىدىغان يېرى چاتاق! ھېلىقى ئايروپىلاندەك. ياخشى بوپتۇ مەن يېقىلغۇ ماي قۇشۇمچە ھەققى تۈۋەنلىتىلدى دەپ ئاڭلاپتىكەنمەن.بىكار قىلسا تېخمۇ ياخشى بۇپتۇ. ئاقسۇدىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغانبىرە سائەتلىك يول بىلەن ئۈرۈمچى -بېيجىڭ 4سائەتتىن ئارتۇق ئۇچىدىغان يولغا ئوخشاش يېقىلغۇ ماي قوشۇمچە ھەققىئېلۋالاتتى. خوتەننىڭ ماشىنا بېلىتى 347/370ھەتتا420ئىدى قايسى كۈنى توردىن سۈرۈشتۈرسەم ئەڭ ئەرزىنى189كويكەن ئايرۇپىلاننىڭ.ھازىر يەنە سەل ئۆرلەپ قاپتۇ بايراملىق بىكار قىلسا تېخمۇ ياخشى بۇپتۇ. ئايرۇپىلان بېلىتى بايرام مەزگىلىدە سەل قىممەت ئىكەن،ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا تىز پويىز (كارۋاتلىق )بىلەن پەرقلەنمەيدىكەن.
بەت:
[1]