ئۈششۈك تەككەن غۇنچە
نېمە ۋەجىدىن سۇلغىنىمغا قىزىقىۋاتامسەن؟ دەردىمنى ئېيتايمۇ؟ نامەردلەر قولىدا پايخان بولغان گۈزەللىكنىڭ قۇربانىمەن، يەنە ئاڭلا، ئىنسان قولىدا جۇدا بولغان پاكلىقنىڭ ماتەمدارىمەن، ئېچىنىش يۈرىكىمنى سۇغۇرۋالدى، ياپراقلىرىمنى توزۇتتى، تۆكۈلدۈم، سەن كۆرگەندەك ئاجىز ھەم يېگانە قالدىم. سول تەرىپىم ئاغرىۋاتىدۇ... ئازاپ يۈرىگمنى ئىزىۋەتتى. ئىھ.. دۇنيا مەن ياشاۋاتىمەن بۇرۇن پاكىزە، ساپ غۇبارسىز، شەرمىھايالىق ياشىغان بولسام، ئەمدى قان يېرىڭ مەينەتچىلىك ئىچىدە ياشاۋاتىمەن. مەن بۇرۇن ئىپار- ئەنبيا پۇرسام، ئەمدى تاپتەك سىسىق ئاچچق پۇرايمەن. مېنىڭ بۇخاتالىقلانى ئۆتكۈزۇپ سېلىشىمغا سەن سەۋەبچى « تاغا» سەن سەۋەپلىك مەن باشقىلاغا بۇزۇقتەك تەسىر بەردىم. سەن ئەسكى مېنىڭ قەلبىم، يۈرىكىم شۇ 5ياش ۋاقتىمدا قېتىپ قاپتۇ.بۇلارغا سەن سەۋەپچى 5 ياش تولىمۇ كىچىك. ئەمدى چوڭ بولدۇم ياشلىق باھارىمغا قەدەم قويدۇم، بىراق ئەسلىمە يۇيۇلمىدى.ھەي بالىلىقىم، سەبىيلىكىم، ئوماقلىقىم. مەن ئەنە شۇ كىچىك ۋاقتمدىلا باشقىلانىڭ ئەدەپسىزلىكگە ئۇچراپتىمەن. مەن تېخى ئەمدىلا تۇخۇمدىن چىققان چۈجە ئىدىمغۇ، مېنىڭ ئېغزىمدىن تېخى ئانامنىڭ ئوغۇز سۈتىنىڭ ھىدى كەتمىگەن بىر سەبىي قىزتىمغۇ. ئانا ئەينى چاغداسەن نېمىشقا مىنى قوغدىيالمىغان بوغىيتىڭ؟مەن باشقىلا تەرىپىدىن ئاياغ ئاستى قىلىنغاندا سېىنڭ يۈرىكىڭ سەزمىگەنمىتى؟ئانا بىلەن بالىنىڭ يۈرىكى تۇتاش دېگەن گەپ ئەجىبا يالغانمۇ؟ مەن بەك كىچىكتىم يۈرىكىم ئاغرىۋاتىدۇ- قاتتىق ئاغرىۋاتىدۇ. ئەمدى ھەممىسى تۈگىدى.
ياشاش ماڭا ئېغىر كىلىۋاتىدۇ. مەن قايسى يۈزۈمنى كۆتۈرۈپ ياشاي، بىراق خاتالىق مەندە ئەمەس، مەن ھېچنىمىنى بىلمەيتتىم، مەن كىچىكتىم، سىلەر ئەسكى مېنىڭ بالىلقىم قېنى؟ ماڭا بالىلىقمنى قايتۇرۇپ بىرىڭلار؛ جان ئانا يۈرۈكۈم، باغرىم، مېھرىبانىم ئانا... نېمىشقىمۇ مېنى قوغدىيالمىغانسە- ھە؟ ھەممە نەرسەمدىن ئايرىلدىم. قىزلىق غورۇرۇمدىن ئىپپىتىمدىن ئايرىلدىم. ئادەمگە ئىشەنمەس بولدۇم. ئۆزۈم كىچىك بولغىنىمغا ئېغىر كۈنلەنى يالغۇز باشتىن كەچۈردۇم. ھازىرقى ھەر بىر مىنوت سىكنوت مەن ئۈچۇن تولىمۇ قىممەتلىك، بىراق كاللامدا قالايمىقان خىيال ئازاپ، نەپرەت، قىساس ئوتى قاپلاپ كەتتى. ۋىژدانىم، غورۇرۇم ۋىژىلداپ كۆيمەكتە. پەقەت يىغلىماي دېدىم، بىراق؛ ياشلىرىم مەندىن چاققان كىلىپ مەڭزىمنى يۆللەپ ئېغىزىمغا قۇيۇلماقتا، قەلبىمگە ئوغىدەك ئۇيۇپ كەتكەن بىر ئازاپ يۈرۈكۈمنى يوپۇرماق قۇرتىدەك غاجىلماقتا. ئانا دادا بۇ ئشلادا سىلەردىن ئاغرىنىشقا ھەققىم يوق؛ سىلەر بۇ ئشلادىن خەۋەرسىز، ئەگەر بىلگەن بولساڭلار شۇ تاغامنى ھەر نېمە قىلىۋىتەتىڭلا. بىلىمەن دۇنيادا ئاتا-ئانا ۋە بالا ئوتتۇرسىدىكى مېھرى- مۇھەببەتىنمۇ ئارتۇق مۇھەببەت يوق. سىلە مىنى ياخشى ئوقۇسۇن دەپ ئۇنىمىنىمغا ئۇنىماي مەجبۇرىي بۇ شەھەرگە ئوقۇشقا ئەكىلپ بەردىڭلار، مېنىڭ ئەسلى سىلەرنىڭ قىشىڭلادا ئوقۇم باتتى، مەن بۇ ناتۇنۇش شەھەرگە كەلدىم. تولۇقسىزنى ئەمدىلا پۈتتۈرۈپ، تولۇق ئوتتۇرغا يەنە ياشلق باھارىغا قەدەم قويغان بۇ قىزلارمۇ ماڭا ئوخشاش يۇرتىدىن ئايرىلىپ ئۆزىگە نا تونۇش بولغان بۇ شەھەرگە كەلدى. يىڭى ئوقۇش ھاياتىنى كۈتىۋالدى. بۇ قىزلار شۇنچىلىك سىەبىي شۇنچىلىك ئۇماق ئىدى. ئۇلارغا بۇ شەھەر نا تونۇش بولغاچقا ھەممىلا ئىشقا شۇنچىلىك ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. قىسقىسى ئۇلار ئادىنىپ قېلىشتىن، كۆڭلى ئازار يىيىشتىن، باشقىلارغا دەخلى قىلىشتىن ئەنسەرەيتتى، ھەتتا دەم ئېلىش كۈنلىرىنىمۇ مەكتەپ ئىچىدىلا ئۆتكۈزەتتى. تېخى بەزىدە « دەم ئالماي ئوقۇۋەگەن بولساق» دېگەن ئويغىمۇ كېەتتى. ۋاقىت ئىنتايىن تىز ئۆتمەكتە، بۇ قىزلامۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، ئۆگىرىشكە جەمئىيەتكە يۈزلىنىشكە باشلىدى. ئەزەلدىن گىرىم قىلىپ باقمىغان قىزلار، ئەمدى گىرىمنى بولىشىغا قىلىدىغان بوپقالدى. ناھايىتى ئىقتىسادچان، ئاددى ساددا قىزلامۇ ئاتا- ئانىسى ئەۋەتكەن پۇللارغا كىيىم-كىچەك، گىرىم بۇيۇملىرى سېتىۋالىدىغان بولدى. سىرىتلارغا يالغۇز چىقمايدىغان، خىجلچان قىزلامۇ ئەمدىلىكتە ئوغۇللار بىلەن كۇچىلادا قولتىقلىشىپ ماڭىدىغان، ھەتتا كېچىلىرى ئويناپ سىرىتلاردا قونۇپ قالىدىغان بولدى. بۇ قىزلارغا زادى نېمە بولدى؟ ئەجىبا ئۇلارنىڭ كۈتىدىغىنى نېمە؟ ھەش -پەش دېگۈچە بۇ قىزلار تولۇق 3-يىللىققا چىقىپ قالدى، ۋاقىت ئېقىن سۇدەك تىز ئۆتمەكتە. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغىمۇ 100 نەچچە كۈنلا قالدى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۇلار ھىچ ئەقلى ھۇشىنى تاپالمىدى. نۇرغۇن ۋاقىتنى كىيىم -كىچەك تاللاشقا، گىرىم قىلىشقا، مۇھەببەتلىشىشكە سەرىپ قىلىۋەتتى. دەرس ۋاقتى ئۇلار ئۈچۈن شىرىن خىياللانى سۈردىغان، تەنەپپۇس ۋاقىتلرى ئەينەككە قارايدىغان، گىرىملىرىنى تولۇقلايدىغان ۋاقىتقا ئايلاندى. كەچلىك مۇزاكىردىن چۈشۈپ دەم ئالدىغان ۋاقىت بولسا تىلفۇن ئوينايدىغان، پاراڭلىشىدىغان رەسىمگە چۈشىدىغان ۋاقىتقا ئايلاندى. ھالايىزەل- بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە مەنمۇ مۇشۇ توپنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندىم. ئەسلى مەن تىرىشچان، كىتاب خۇمار بىر قىز ئىدىم، مەن يۇرتۇمدىن ئايرىلىپ بۇ شەھەرگە ئوقۇغىلى كەلدىم. مەن بۇ يەرگە ئۆزۈمنىڭ ۋە ئاتا- ئانامنىڭ ئارزۇ- ئارمانلىرىنى زىممەمگە يۈكلەپ كەلدىم، شۇ ۋەجىدىن مەن توختىماي ئۈگىنىش قىلاتتىم، قولۇمدىن كىتاب چۈشمەيتتى. سەھەر تۇرۇپ كەچ ياتاتتىم.كەچ 11-12 لەرگىچە ئۈگىنىش قىلىپ، ھەمىمسى شىرىن تاتلىق ئۇيقىغا كەتكەندە، مەن ئاندىن دەم ئالاتتىم، ھەتتا بەزىدە كىتابلىرىمنى قۇچاقلىغان پىتى ئولتۇرغان يىرىمدە ئۇخلاپ قىلىپ، كىچىلەر تاڭ ئېتىپ كېتەتتى. ئەتتىگەنلىرى تاڭ يۇرىماستىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كېتەتتىم. مەن ھەتتا چىچىمنى تاراشقىمۇ ۋاقىت كېتىدىكەن دەپ چېچىمنىمۇ كىسىۋەتتىم، شۇ چاغلاردا مەن مېھرى- مۇھەبەتكە تولىمۇ مۇھتاج ئدىم. مەن ئىلگىرى ئۆيدىن ئۇزۇن ئايرىلىپ باقمىغاچقا، ھازىر دىلىم سەل سۇنىقتى. مۇشۇ جەھتتىكى ھاڭنى توختىماي كىتاب كۆرۈش، دەرس ئۈگىنىش ئارقىلىق تولۇقلايتتىم. بىراق، بۇلار ماڭا بارا-بارا كار قىلماس بولدى، مەن ئۆيدىكىلەرگە تىلفۇن قىلمىسام، ماڭا دېگىدەك تىلفۇن قىلمىدى. مۇشۇنداق چاغلاردا مەن يىغلىدىم، قاتتىق يىغلىدىم. سىلەرنى سىغىنىپ پەقەت چىدىيالماي مەكتەپتىنمۇ قاشتىم. پەقەت ئوينىمايدىغان؛ ئۆگىنشنىلا بىلىدىغان لەيلى، ئەمدىلىكتە ساۋاقداشلىرى بىلەن ئوينايدىغان مۇشۇ ئارقىلىق يالغۇزلىقىنى يىنىكلىتىدىغان بولدى.
ئاستا- ئاستا كىتابتىن يىراقلىشىشقا باشلىدىم. مەن دەرستە چىكىنپ كەتتىم، ئاتا-ئانامنىڭ دىيشىچە ئۇلار مەندىن بەكلا خاتىرجەمكەن، بىراق ئانا-دادا مەن سىلەرنىڭ مېھرىڭلارغا مۇھتاج. مەن ئەمدىلا مۇستەققىل تۇرمۇشقا قەدەم قويدۇم، ناتونۇش شەھەر، ناتونۇش كۆزلەر، ناتونۇش قەلىبلەر.... مەن قورۇقتۇم، قايمۇقتۇم. ئانا- دادا پەقەت سىلەرلا مېنى قوللاپ قۇۋەتلەپ ئىزدەپ مېھرىڭلانى بەرگەن بولساڭلار، مەن دەرستىمۇ چىكىنىپ كەتمەس بولغىيتىم، دېققىتىممۇ باشقا يەرلەرگە چىچىلىپ كەتمەيتتى. بەزىلەر ماددىي جەھەتتىن گاداي بولسا، بەزىلەر مەنىۋىي جەھەتتىن گادايكەن، بۈگۈنكى كۈندە شۇنى تونۇپ يەتتىمكى ئىنسان ئۈچۈن مەنىۋىي بايلىق تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۈرىدىكەن. كۈنلەر، ئايلار، يىللار ئۆتمەكتە « ئۈرۈك- ئۈرۈكنى كۆرسە ئالا بوپتۇ» دېگەندەك مەنمۇ دوسىتلىرىمنىڭ قىزىقتۇرىشى نەتىجىسىدە مەنمۇ « كوت- كوت»، «ئۈندىدار » ئويناشقا باشلىدىم، بۇ مەۋھۇم دۇنيا ئاجايىپكەن، مەن بۇ يەردە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكىلەر بىلەن تونۇشتۇم ھەم نۇرغۇن قېتىم باشقىلار تەرپىدىن ئالداندىم ۋە ئالدىدىم. ماڭا بۇ ئىشلار تولىمۇ مەنىسىز بىلەندى. كېيىن مەن مۇنبەرلەرگە قىزىقىپ قالدىم. مۇنبەرلەردە ھەر خىل كىشىلەرنىڭ بەس-مۇنازىرىسىگە قۇلاق سالدىم،. مەنمۇ ئىنكاسلارنى بەردىم. بىراق بۇ ئىنكاسلار باشقىلار تەرىپىدىن پەرۋاسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىغاچقا، كېيىنكى كۈنلەردە پەقەت كۈلكە-چاقچاق، يۇمۇر-قوشاق سەھىپىلىرىگە كىرىدىغان بولدۇم. بىر مەزگىل QQ ۋە ئۈندىدار ئىتىلىپ قالدى. يېڭىدىن توردا بىر ئويۇن چىقىپتىكەن. تېلفۇنۇمغا قاچىلىۋالدىم. تېلفۇنۇم تۇيۇقسىز تىترەپ مىنى چۆچىتىۋەتتى. ئاچچىقىمدا زەرب بىلەن تېلفۇنۇمغا قارىسام، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ بىرسى ئۇچۇر يېزىپتۇ. بۈگۈن كەيپىياتىم تولىمۇ ناچار ئىدى. ئىچىم پۇشۇپ ئاچچىقىمنى چىقىرىدىغان ئادەم تاپالماي قالغاندا، مۇنۇ ناتۇنۇش تەتۈر پىشانە ئىزا قېپى ئۇچۇر يېزىپتۇ. مەنمۇ قىز بالىلىقىمغا قارىماي تۇنجى قېتىم ئاۋازلىق ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دىدىم. بىزنىڭ پارىڭىمىز مانا مۇشۇنداق باشلىنىپ كەتتى.
قىز: ۋۇي... سىز شەپەرەڭمۇ نىمە؟ كېچىسى ئۇخلىماي تېلفۇن ئوينايدىغان؟
يىگىت: ۋوي بۇ گەپنى كۆرۈڭ، توخۇمۇ قونداققا چىقمىدى تېخى، كەچ ئەمەس بۇ، ئەمدى 19:30 بولدى.
قىز:- ھە يوغان ئىش
يىگىت: كىچىك ئىش ئەمەس بۇ كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ پەرقىنى ئۆگىنىۋېلىڭ.
قىز: ۋۇي تېخى بۇ بەزگەكنىڭ گەپلىرىنى مەن بىر 4- دوختۇرخانىدىن چىققان بالىماسنىڭ سارىڭى ئەمەس، كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرق ئېتەلمەيدىغان.
يىگىت:....
قىز: گەپلىرىڭىز قىزىل چىراقتا توسۇلۇپ قالمىغاندۇ؟ ھېچ سىز بار تەرەپتىن سىگنال يوققۇ؟ تىلىڭىزنى قۇشچاق چۇقىۋالمىغاندۇ بايقۇش؟
يىگىت: يوقسۇ، بىزنىڭ تىلىمىزنى ئادەتتىكى قۇشلار چوقۇۋالالمايدۇ. خاتىرىڭىزنى جەم قىلىڭ خان.
قىز: ھىم ئېغىڭىزغا ماتاڭ چاپلىشىپ قالمىغاندىكىن ھاياتلىقىڭىزنىڭ نىشانىغا ئانچە-مۇنچە گەپ قىلىپ تۇرۇڭ ئەمسە.
يىگىت: بۇ.. بۇتۇ نىمىندا شۇم ئېغىز سىز. بىردەمدە مىنى ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدىڭىز. مەن ئۆلۈپ تاتىپ قالسام سىزگە مىنىڭ ئىشتان كۆينىكىممۇ قامايتۇ تاما كۈتۈپ قالدىڭىزمۇ يا؟
قىز: مەن سىزنىڭ توپا-چاڭ ئۆرلەپ، پىت بېسىپ كەتكەن كىيىملىرىڭىزگە موھتاج ئەمەس، كىيىي دىسەم كىيىم جىق، تېخى كىيىكىمۇ نۆۋەت تەگمىگەن يېپيىڭى كىيىملىرىم تاغدەك لەك-لەك بېسىپ كەتتى. كىيىمنى بارغۇ، سىز ماڭا ئەمەس، مەن سىزگە بىرەي چۈشەندىڭىزما؟ قىشىچە سوغۇقتىن مۇزلاپ، كۆكىرىپ تاتىرىپ ئۆلۈپ قالماڭ ئەمدى... ھاھا
يىگىت: ئىسمىڭىز نىمە؟
قىز: مەدىنە؟
يىگىت: نىمە قىلىسىز؟
قىز: مىنىڭمۇ سوئالىم بار توختاپ تۇرۇڭ.
يىگىت: ھە ماقۇل.
قىز: ھە، مۇبارەك ئىسمىڭىز نىمىكى؟
يىگىت: دىلمۇراتجان
قىز: مەن تېخى گەپلىرىڭىزنىڭ تۆت چاسا، توڭ، قوپاللىقىدىن ئىسمىڭىزنى بىرقاپ سانىدۇ، تۆمۈراخۇن، ئاتوم بومبىسىمىكى دەپتىمەن.
يىگىت: مىنىڭ ئىسمىمنى ئاتا-ئانام قارىم چاقىرىپ، ئىككى قوچقارنى قۇربانلىق قىلىپ ئەزان توۋلاپ دىلمۇراتجان دەپ قويغان.
قىز: ھە نىمىش قىلىسىز، گەپتىغۇ تەڭ كەلگىلى بولمايدىكەن سىزگە.نوپۇس ساقچىسىدەك سوراپلا كەتتىڭىز، ئۆزىڭىز نىمىش قىلىسىز، سىزگە يول قوياي سىز ئاۋۋال دەڭە قېنى.
يىگىت: ئوقۇتقۇچى
- ۋاي خۇدايىم... ۋاي باللا مەن بايامنىڭياقى پاراڭلاشقان دىلمۇرات دىگەن بالا ئوقۇتقۇچىكەن.
-ۋاي ئاداش، قايسى مەكتەپتىكەن سوراپ باقە؟ باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا؟ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئەمەستۇ ھە؟
-ۋاي ئاداش مىنى قوقاتمىغىنە؟
-ئەگەر بىزنىڭ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ قالسىچۇ؟ شۇم ئېغىز، ئېغىزىڭغا تاش! ياتاقتىكى ھەممەيلەن پاراققىدە كۈلۈشتۇق.
قىز: سىز نىمە دەرس بىرىسىز، قايسى مەكتەپتە ئىشلەيسىز؟
يىگىت: مەن خىمىيە دەرسى بىرىمەن. 17- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشلەيمەن. سىز نىمىش قىلىسىز؟ سىز تولۇقنىڭ ئوقۇتقۇچىسىما؟
قىز: ھەئە مەن مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەيمەن.
يىگىت: سىز قۇشقاچتەك سۆزلەپ توختىمايسىزكەن. ئەسلى سىز بىزنىڭ مەكتەپتە ئەدەبىيەت ئوقۇتقۇچىسى بولسىڭىز بوپتىكەن. زايا كىتىپسىز.
قىز: سىزگە شۇنداق بىلىنىپ قالغان چېغىۋا، مەنغۇ گەپكە ئۇنداق ئۇستا ئەمەس.
يىگىت: بۇ گىپىڭىزدىن قارىغاندا سىز مائارىپ ئىدارىسىغا جۈجاڭنىڭ بالىسىنى باقىدىغان چېغىڭىزۋا
قىز: ۋۇي تېخى، ما يوغان باشنىڭ تەپ تارتماستىن دىگەن گىپىنى سىز باقىدىغان ئوخشايسىز شوجاڭنىڭ بالىسىنى.
يىگىت: مەكتەپتىكى خانىمنىڭ جىقلىقىدا ئۇ بالىسىنى بېقىشقا ماڭا نۆۋەت تەگمەيدۇ.
قىز: ھە.. ئەسلى نۆۋەت تەگسە باقىسىزكەن ھە... ھاھا
قىز: نەدە ھازىر
يىگىت: مەن ئىدارىدە، بۈگۈن نۆۋەتچىلىك قىلغان. مىنىڭ رەتلەيدىغان ماتىرىيالىم بار ئىدى. خوش ئاللاھقا ئامانەت.
يىگىت: ئىشىك دەرىزىلەرنى مەھكەم ئىتىپ ئولتۇرارسىز. قارا بورانلا ئۇچۇرۇپ كەتمىسۇن. ئاللاھقا ئامانەت، ياخشى چۈش كۆرۈڭ.
قىز: سىزمۇ شۇ...
يىگىت: ھە راست، ئىسمىڭىز نىمە؟
قىز: لەيلى، ئۇنتۇپ قالماڭ جۇمۇ... ھاھا
مەن ئارلىقتا تورنى 3، 4 كۈن ئاچمىدىم. كەچلىك مۇزاكىرىدىغان چۈشۈپلا تېلفۇننى قولۇمغا ئالدىم. ماڭا جىق خەت قالدۇرۇپ قويۇپتۇ.بۈگۈنمۇ بىز تولىمۇ قىزىقارلىق پاراڭلاشتۇق. ئەسلى مەن ئالدىنقى قېتىم سوقىشىپ قېلىپ شۇ كۈنىلا بىرسى بىرسىمىزنى قارا تىزىملىككە تىقىۋىتەمىز دەپ ئويلىغان. بىراق ئويلىغانلىرىم ئەكسىچە بولدى. بىز شۇنىڭدىن باشلاپ ھەر كۈنى توردا پاراڭلاشتۇق. مەنمۇ مائارىپ ئىدارىسىدا ئىشلەۋەردىم. مەن دىلمۇرات مالىمدىن خىمىيە ئۆگىنىش ئۈچۈن يالغان سىڭلىمدىن بىرنى توقۇپ چىقتىم. مىنىڭ ياتاقدىشىم زاھىدە مىنىڭ يالغان سىڭلىم بوپ بەردى. مەنمۇ چاندۇرماستىن سىڭلىم زاھىدە تولىمۇ تارتىنچاق، شۇڭا سىز ماڭا دەرسنى سۆزلەپ بەرسىڭىز مەن سىزدىن ئۆگىنىپ سىڭلىمغا ئۆگىتەي دىدىم. مىنىڭ بۇ پىكرىمگە رازىمەنلىك بىلەن قوشۇلدى. ئارىدا مىنىڭ رەسىمىمنى سورىغانتى، مىنىڭ خاسلا مەكتەپ فورمىسى كىيىپ چۈشكەن رەسىملىرىم بار ئىدى. ئۇلارنى ئەۋەتىپ بەرسەم مىنىڭ ئوقۇغۇچىلىقىمنى بىلىپ قالاتتى. شەكىلەنىڭ رازىلىقىنى ئېلىپ ئۇنىڭ رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەردىم. تېلفۇن نومۇرۇمنى سورىغانتى قالايمىقان باھانە كۆرسىتىپ نومۇرۇمنى دەپ بەرگىلى قەتئى قوشۇلمۇدۇم. ماڭا ھەر كۈنى خىمىيەدىن 9:30 دىن 11: 30 غىچە دەرس سۆزلەپ بەردى. مەن ئەتتىگەندە سىنىپقا چىقىپا زاھىدە قاتارلىق دوستلىرىمغا ئۆگىتىپ قويدۇم.
ھازىر كەيپىياتىمۇ خىلى ياخشى، يىنىكلەپ قالدىم، مەندە ئۈمىد تۇغىلىۋاتىدۇ، ئۆگىنىش خوشياقمايدىغان، بىغەرەز، كەپسىز، ناچار ئادەتلىرىم خىلى ئازلاپ تاپشۇرۇقلانى خىلى ئەستايىدىل ئشلەيدىغان بولدۇم. قەلبىمدە ئۆچمەس داغ قالغاچقىمۇ، مەن يات جىنىسلىقلارغا ئىشەنمەيتتىم، ئۇلارنى يامان كۆرەتتىم، ئۆچلۈك قىلاتتىم. مانا ئەمدى مەن دىلمۇرات مۇئەللىمگە يولۇققاندىن، بىرى ئۇنىڭ سەمىيمىلىكى، يۇمۇرۇستىكلىقى مىنى بۇ قاراڭغۇ بىكىنمەچىلىك تۇرمۇشتىن تارتىپ چىقىپ، ھاياتقا كۈلۈپ باقىدىغان قىلدى. قارا بوران يەنە يىتىپ كەلدى، لەيلى جىنىم دەيدىغان بولىۋالدى يەنە تېخى قوشاق توقۇپ كۆڭۈل ئىزھارمۇ قىلدى. ئۇرۇشمىغىچە- تىپىشماس دېگەن مۇشۇ بولدىمۇ قانداق، بىز بارغانچە يېقىن دوسىتلاردىن بولۇپ كېتىپ باراتتۇق، مەندىن باشقا قىزلار بولغان بولسا ئالىلىقاچان قولغا كەلتۈرۈپ بولغان بولاتتى، بىراق مەن ئۇنى دوستۇم دەپلا قارايتتىم. « ھەر قانداق بىر ئىش چىكىگە يەتسە ئۆز ئەسلىگە قايتىدۇ» دېگەن گەپ بار، مەن ئەمدى راست گەپنى ئېيتمىسام بولمايدىغان يەرگە يىتىپقالدى. مەن ئەمدى سىزنىڭ مېنىڭ ھىسياتىم بىلەن ئوينىشىشڭىزغا يول قويسام بولمايدۇ. سىز مېنى مائارىپ ئىدارىسدا ئىشلەيدۇ، چوپ- چوڭلا بىر قىز دەپ، مېنى جىنىم دەپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىۋاتىسىز، ئەگەر مېنىڭ بىر ئوقۇغۇچىلىقىمنى بىلسىڭىز، ھەرگىز ئۇنداق دېمەيتتىڭىز، « ئۆزۇم تاپقان دەۋاغا نەگە باراي داۋاغا » دېگەن مۇشىدە، ئەمدىلىكتە دىلمۇرات مۇئەللىم ماڭا بەكلا ئىشىنىپ كىتىپتۇ، مەن ئەسلى سىزنى مۇنداقلا ئەخمەق قىلىپ قويغان، مېنىڭ ئاۋازىملا راسىت، ئاتالمىش سىڭلىممۇ مېنىڭ دوستۇم، رەسىمدىكىمۇ مەن ئەمەس، مائارىپ ئىدارىستىمۇ ئشلىمەيمەن، ھەممىسى يالغان، ئەگەر مېنىڭ بىر ئوقۇغىچىلىقىمنى بىلسىڭىز نىمىشلار بولۇپكىتەر، شۇنداق ئاچچىقىڭىز يامان لازىدەك، ھەقىقى ئەھۋالنى بىلسىڭىز، چاتاقنىڭ چوڭى چىقىدۇ، ئۆزۈمنى سىرىق ئاش ساتىمەن دەيمۇيا؟ دىلمۇرات مۇئەللىم دىلىڭىز قاتتىق رەنجىيدىغان بولدىدە ھەي... سىز ئەسكى ئەمەستىڭىز، گەپلىرىڭىزدىن قارىسام بۇرۇن قىزلار بىلەن پەقەت ئالاقە قىلىپ باقمىغاندەك قىلسىز، بۇ تۇنجى قېتىمدىلا ئازار يەپ، ھەممە قىزلارغا ئۆچ بولۇپ كېتەر سىزمۇ؟ تويمۇ قىلماي ئولتۇرماسسىزھە؛ سىز يىڭىدىن خىزمەتكە چىقتىڭىز، خىزمىتىڭىزگە تەسىريىتەمۇ، مەن بەك خاتا قىپتىمەن كەچۈرۇڭ. مانا بۇ تۇرمۇش ھاياتنىڭ مەنسى ئەگرى- توقايلىقتا، مۇنداق ئاستا- ئاستا تاۋلىنىپ چىقىسىز. مەن يالغان ئېيتمىغان بولسام، ئۆگىنىشىمگىمۇ ياردەم قىلاردىڭىز، دوسىتلىقىمىزمۇ ئۇزۇنغا داۋاملىشاشقان بولاتتى، بىراق، يالغانچىلىقتىن باشلانغان بۇ دوسىتلىقنىڭ ئۇلتېشى پۇختا ئەمەس، ئۇزۇن بەرداشلىق بىرەلمەيدۇ، ھامىنى گۈمۈرلۈپ چۈشىدۇ. توۋا مەنمۇ ئەخمەق قىلغىلى ئادەم تېپىلمىغاندەك سىزنى ئەخمەق قىلغىنىم. نېمىلا بولۇشتىن قەتئىي نەزەر، بۇ ئويۇن ئاخىرلىشىدىغان يەرگە يىتىپ قالدى، تۈگىمەيدىغان كىنو، تاقىمايدىغان سورۇن يوق. ھەقىيقى ئەھۋلنى بىلىپ قىلىشىڭىزدىن بەكلا ئەنسىرەيمەن، ئەگەر بىر ئوقۇغۇچىلىقىمنى بىلسىڭىز خورلۇق ھىس قىلىپ كېتەرسىزھە؛ ھەم تازا ئاچچىقىڭىز كېلىدۇ، بۇندىن كېيىنكى كۈنلەر ماڭا قاراڭغۇ، بۇ ئويۇن زادى قاچان ئاخىرلىشار؟ مېنىڭ ۋىژدان ئازابى تارتىپ قالغۇم يوق.
قىز: دىلمۇرات مۇئەللىم سىزگە دەيدىغان گىپىم بارئىدى، ئاچچىقىڭىزغا ھاي بىرىپ، سالماقلىق بىلەن ئاڭلاڭ ھە.
يىگىت: ھە بولىدۇ لەيلى جىنىم قېنى دەڭ.
قىز: مېنى جىنىم دىمەڭ. مەن... مېنىڭ خىزمىتىم يوق.
يىگىت: ھىچقىسى يوق، ماڭا سىزنىڭ كۆڭلىڭىزلا كېرەك.
قىز: مەن ئالىي مەكتەپتىمۇ ئوقۇمىغان.
يىگىت؛ چاقچاق قىلماڭ، سىزنىڭ خىزمىتىڭىز بولمىغان تەقدىردىمۇ سىز چوقۇم خىزمەت كۈتۈپ تۇرۋاتىسز ياكى بىرەر شىركەتتە ئشلەيسىز. سىز دېگەن ئالىي مەلۇماتلىققا ئىگە قىز.
قىز: مەن ئەسلى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى، مېنى كەچۇرۇڭ.
يىگىت: لەيلى مېنى تولا ئەخمەق قىلىمەن دېمەڭ، مەن دېگەن تولۇقنىڭ ئوقۇتقۇچىسى جۇما، مەن كېچىك بالا ئەمەس.
قىز: ياق مەن سىزنى ئالدىمىدىم، مەن بۈگۈن قەتئىي نىيەتكە كېلىپ بۇ گەپلەرنى دېدىم، مەن راسىت ئوقۇغۇچى، مەن ئىدىيە جەھەتتە تولۇق تەييارلىق قىلىپ بولغان، ئاچىقلانسىڭىزمۇ- تىللىسىڭىزمۇ مەيلى، كەچۈرۇڭ.
يىگىت: ۋاي نىمانداق ھىيلىگەر، يامان قىز بالا سىز، ئىس-بۇس چىقارماي مىنى ئالداپسىز.
قىز: رەسىمدىكىمۇ مەن ئەمەس، بۇمېنىڭ رەسىمىم. ھە-راسىت مەندىن ھەرگىز ئىنتىقام ئالماڭ ھە.
يىگىت: لەيلى.
قىز: ھە.
يىگىت: لەيلى بىز بۇنڭدىن كىيىنمۇ پاراڭلىشىپ تۇرايلى مەن ساڭا كۆنۈپ قاپتىمەن ئاۋازىڭنى ئاڭلىمىسام ئۇيقۇم كەلمەيدۇ.
قىز: ماڭا يەنە دەرس سۆزلەپ بىرەمسىز.
يىگىت: ياق ئەمدى تېلىفۇندا دەرس سۆزلىمەيمەن، يۈزمۈ- يۈز كۆرۈشۈپ نەدە ئاجىز، نەدە ياخشى ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ ئاندىن ئۆگىتىپ قويىمە.
قىز: ھە- بولاپتۇ ئەسلى مائارىپ ئىدارىستا ئشلىۋەسەممۇ بولاپتىكەن. ھە:-راسىت ئەمدى تىلىفۇن نۇمۇرۇمنى دەپ بىرەي ××××××1339.
يىگىت: ھە؛ مائىشىڭىز بولىدۇ. ھازىر توردا پاراڭلاشماي تىلىفۇندا پاراڭلىشىدىغان بولدۇق. ھازىرقىدەك رومانتىك ھىسياتلانى پەقەت تېلىۋىزور، رومانلاردا ئۇچرىتاتتىم، ئەمدىلىكتە بۇ تاتلىققىنە ئەركىلەشلەر، نازلىنىپ كۈلىشلەر مانا ھازىر مەندە كۆرۈلمەكتە. قىتىپ كەتكەن مۇزلىغان سەزمەس يۈرەكلىرىم ئەمدىلىكتە تاتلىققىنە تىپىرلاپ پۈتۈن ۋۇجۇدۇمنى لاۋىلدىتىپ كۆيدۇرمەكتە.
بىر-بىرىمىزنى بىرەقىتىممۇ كۆرمەي تۇرۇپ، خۇددى چۆچەكلەردىكىدەك بوپ كەتتۇق، مانا مۇشۇ تاتلىق خىياللار مىنىڭ مۇشتۇمچىلىك ئەمما مۇزلىغان يۈۈۇگۈمنى ئېرىتتى. بۇرۇن مەن ئۈچۈن بەرىبىر بولغان بۇ قاپاقباش ئاكاشنى، ئەمدىلىكتە خىيال قىلدىغان، ئاۋازىنى ئاڭلىغىم كېلىدىغان بولۇپ قالدىم. دەرس ۋاقىتلىرىدىمۇ قىلىشقان پاراڭلىرىمىزنى ئويلاپ كۈلۈپ سالاتتىم، بەزىدە ئاۋازىممۇ ئۈنلۈك چىقىپ كېتەتتى. مەن سىزنى ئويلىماي دېدىم، ئەمما بەڭۋاش خىياللىرىم سىز تامام كېتىپ قالاتتى. بەخىتلىك كۈنلەرنىڭ كەلمىكىدىن- كەتمىكى تىزكەن، سىز مېنىڭ يېقىن، دوستۇم ھەم ياتاقدىشىم، زاھىدەگە تاتلىق تەكلىپلەنى بىرىپسىز ھەر گۈلنىڭ پۇرىقى باشقا، سىزنىڭ بۇ قىلىقلىرىڭىزغا مېنىڭ قىزلىق غورورۇم، ئادىمىيلىك ۋىزدانىم چىدىمىدى، ئازاپلىق قىسمەتلەر ماڭىلا- بىر ماڭىلا كىلەمدۇ. سىزنىڭ زاھىدەگە دېگەن گەپلىرىڭىز يۈرۈكۈمگە نەشتەر دەك سانجىلدى. سىز قەلبىمنى ئوغىرلاپ ئۇنى يەنە ئاسمانغا سورىۋەتتىڭىز. يۈرەك- يۈرەكتىن ئېتىلغان ئوق بىلەن ئۆلىدۇ. مەن ئەسلى سىزنى تولىمۇ ئالىيجاناپ، غەزەپ- نەپرىتى ئېنىق ئۇيغۇر يىگىتلىرىمىزنىڭ ۋەكىلى بولالايدىغان ھەقىيقى ئەزىمەت دەپ ئويلاپ قاپتىمەن، ئەسلى نامەردكەنسىز. بىز مەۋھۇم دۇنيادا تونۇشتۇق يەنە مۇشۇ مەۋھۇم دۇنيادا پىنھان خوشلىشايلى. خەيىر، ئامان بولۇڭ سىزگە چەكسىز بەخىت تىلەپ
لەيلى.
مەن ئەمدىلا ئەدەبىيات سېپىگە قەدەم ئېلۋاتقان مەزگىللەردە مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلەر تارىم ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا كۆپ ئۇچرايتى. مەنمۇ بۇ خىل ژانېردا يېزىپمۇ باققان. بۇ خىل ئۇسلۇپتا يېزىش ئادەمگە بەك ھۇزۇر بېرەتتى. چۇنكى بۇ ئۇسلۇپتا يازغاندا ھېسياتنى ئىنتايىن ئەركىن قويۋېتىپ يازغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەن بەزى ۋاقىتتا ئىچىمگە پاتمىغان ئىلھاملىرىمنى شىئېر قىلىپ يېزىشقا قۇدىرتىم يەتمىگەندە مۇشۇنداق شەكىلدە خاتېرەمنى ئېلىپلا يېزىپ كېتىمەن.......ئاخىردا ئۆزۈمگە ئۈنلۇك قىلىپ ئوقۇپ بېرىمەن. پەسكۇيغا چۈشكەن ھاياجانلىرىم ئاخىردا شىئېر بولۇپ خاتېرەمنىڭ كىيننكى بېتىگە ئورناشقا باشلايدۇ..........................
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن. ئەمما ئاپتۇر ياكى مەنبە ئەسكەرتىلمەپتۇ. مومكىن بولسا ئەسكەرتىپ قويۇڭ. مەن ئەمدىلا ئەدەبىيات سېپىگە قەدەم ئېلۋاتقان مەزگىللەردە مۇشۇ خىلدىكى ئەسەرلەر تارىم ۋە باشقا مەتبۇئاتلاردا كۆپ ئۇچرايتى. مەنمۇ بۇ خىل ژانېردا يېزىپمۇ باققان. بۇ خىل ئۇسلۇپتا يېزىش ئادەمگە بەك ھۇزۇر بېرەتتى. چۇنكى بۇ ئۇسلۇپتا يازغاندا ھېسياتنى ئىنتايىن ئەركىن قويۋېتىپ يازغىلى بولىدۇ دەپ قارايمەن. مەن بەزى ۋاقىتتا ئىچىمگە پاتمىغان ئىلھاملىرىمنى شىئېر قىلىپ يېزىشقا قۇدىرتىم يەتمىگەندە مۇشۇنداق شەكىلدە خاتېرەمنى ئېلىپلا يېزىپ كېتىمەن.......ئاخىردا ئۆزۈمگە ئۈنلۇك قىلىپ ئوقۇپ بېرىمەن. پەسكۇيغا چۈشكەن ھاياجانلىرىم ئاخىردا شىئېر بولۇپ خاتېرەمنىڭ كىيننكى بېتىگە ئورناشقا باشلايدۇ..........................
ياخشى يېزىلغان ئەسەركەن. ئەمما ئاپتۇر ياكى مەنبە ئەسكەرتىلمەپتۇ. مومكىن بولسا ئەسكەرتىپ قويۇڭ. داۋامى بارمۇ نىمە مەن شۇنداقراق ھىس قىلدىم.
بەت:
[1]