ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 21:44:09

كىشىلىك ھاياتتىكى 40 ھېكمەت

كىشىلىك ھاياتتىكى 40 ھېكمەت

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/9df8c2bd/
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/1d5ecbbf/
1.باشقىلارنىڭ سالىمىغا كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ جاۋاب قايتۇرۇڭ.
2.ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىرەر كۇبلېت شېئىرىنى چوقۇم يادلېۋىلىڭ.
3.«سىزنى ياخشى كۆرىمەن دېگەن» گەپنى قىلغىنىڭىزدا،چوقۇم ئەستايىدىل بولۇڭ.
4.«كەچۈرۈڭ»دېگەن سۆزنى قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ قىلىڭ.
5.بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇشقا ئىشىنىڭ.
6.باشقىلارنىڭ غايىسىنى ھەرگىز مازاق قىلماڭ.
7.پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن ياخشى كۆرۈڭ،بۇنداق قىلسىڭىز،بەلكىم ئازار يەپ قىلىشىڭىز مۈمكىن،ئەمما بۇ مۇكەممەل ھاياتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى.
8.پىكىر بىردەكلىكى بولمىغاندا،قارشى تەرەپكە غەزەپلەنمەڭ ياكى يەڭگىللىك بىلەن ئۇرۇش-تالاش قىلماڭ.
9.گەپ-سۆزنى ئاستا قىلسىڭىزمۇ،پىكىر يۈرگۈزۈشىڭىز تېز بولسۇن.
10.بىرسى سىزدىن جاۋاب بېرىشنى خالىمايدىغان سوئال سوراپ قالسا،كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ؛«نېمە ئۈچۈن بۇ ئىشنى بىلگۈڭىز كېلىپ قالدى»دەپ سوراڭ.
11.شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،ھەقىقىي مۇھەببەت ۋە ئۇلۇغۋار نەتىجە زور تەۋەككۈلچىلىككە مۇھتاج بولىدۇ.
12.ئاپىڭىزغا تېلېفۇن قىلىپ تۇرۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇماڭ.
13.باشقىلارنىڭ چۈشكۈرگىنىنى كۆرگەندە،«سالامەت بولۇڭ»دېيىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
14.مەغلۇپ بولغان ۋاقتىڭىزدا،بۇ ساۋاقنى ئېسىڭىزدە مەھكەم ساقلاڭ.
15.ئۆزىڭىزنىمۇ،باشقىلارنىمۇ ھۆرمەت قىلىڭ،ئۆزىڭىزنىڭ ئىش-ھەركىتىگە مەسئۇل بولۇڭ.
16.كىچىككىنە جىدەل-ماجىرا چىن دوستلۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلمىسۇن.
17.خاتالاشقىنىڭىزنى سەزگەن ھامان دەرھال تۈزىتىڭ.
18.تېلېفۇن ئالغاندا كۈلۈمسىرەپ ئېلىڭ،قارشى تەرەپ كۆرەلمىگىنى بىلەن ھېس قىلالايدۇ.
19.سىز بىلەن گېپى بىر يەردىن چىقىدىغان قىز(يىگىت)نى تاللاپ توي قىلىڭ.
20.ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ يالغۇزلۇقنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرۈپ بېقىڭ.
21.ئۆزگىرىشنى پائال قوبۇل قىلىڭ،بىراق ئۆزىڭىزنىڭ پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلماڭ.
22.ئېسىڭىزدە بولسۇنكى،بەزى ۋاقىتلاردا سۈكۈت قىلىشنىڭ ئۆزى ئالتۇن.
23.كۆپرەك كىتاب ئوقۇڭ،تېلېۋىزورنى ئازراق كۆرۈڭ.
24.يەنىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن تىرىشىڭ،قېرىغان چاغدا شۇلارنى ئەسلەپ يەنە بىر قېتىم بەھرە ئالالايسىز.
25.پەرۋەردىگارغا ئىشىنىڭ،ئەمما ماشىنىڭىزنىڭ ئىشىكىنى ئوچۇق قويماڭ.
26.ئائىلىگە نىسبەتەن، مېھىر-مۇھەببەتلىك تۇرمۇشنىڭ قۇدرىتى چەكسىز، قىلغانلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئائىلىڭىزنىڭ تىنىچلىقى ۋە ئىناقلىقى ئۈچۈن بولسۇن.
27.جۈپتىڭىز بىلەن تالاش-تارتىش قىلىپ قالسىڭىز ھەقنى سۆزلەڭ،كونا خاماننى سورىماڭ.
28.كىتابنى ئىچ پۇشۇقى ئۈچۈن ئەمەس،بەلكى چىن دىلىڭىزدىن بېرىلىپ ئوقۇڭ.
29.ئاياغ ئاستىڭىزدىكى سىز دەسسەپ تۇرغان شۇ زېمىنغا تەشەككۈر ئېيتىڭ.
30.بەزى ۋاقىتتا دۇئا-تىلاۋەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتى تولىمۇ چەكسىز بولىدۇ.
31.باشقىلار سىزگە نەسىھەت قىلىۋاتقان چاغدا،ئۇنىڭ گېپىنى ھەرگىز بۆلۈۋەتمەڭ.
32.سالغان مەبلىغىڭىزگە كۆڭۈل بۆلۈڭ.
33.سىز سۆيۈۋاتقان چاغدا كۆزىنى ئېچىپ تۇرغان قىز(يىگىت)كە ئىشەنمەڭ.
34.يىلدا بىر قېتىم بولسىمۇ ئىلگىرى بېرىپ باقمىغان جايلارغا بېرىڭ.
35.پۇلدار بولغان ۋاقتىڭىزدا پۇلىڭىزنى ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىڭ،ھايات ۋاقتىڭىزدا باشقىلارغا كۆپرەك ياردەم بېرىڭ.
36.ئېسىڭىزدە بولسۇن،بەزى ۋاقىتلاردا ئارزۇ قىلغان نەرسىسىگە ئېرىشەلمەسلىكنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل بەخت.
37.ئالدى بىلەن قائىدە-نىزامنى ئېنىق بىلىۋېلىڭ،ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق خىلاپلىق قىلىپ سىناپ بېقىڭ.
38. ئېسىڭىزدە بولسۇن،ھەقىقىي مۇھەببەت بىر-بىرىگە مۇھتاج بولۇش ئەمەس،بەلكى بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈشتىن كېلىدۇ.
39.مىجەز-خاراكتېرىڭىز تەقدىرىڭىزنى بەلگىلەيدۇ.
40.مۇۋەپپەقىيىتىڭىزنىڭ قانچىلىك بولۇشى سىزنىڭ شۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن يوقاتقان نەرسىڭىزنىڭ قانچىلىك بولۇشى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.


سۈي خېڭجيې      قەيسەر ئابلىكىم تەرجىمىسى
مەنبە:«تەرمىلەر»ژورنىلى2015-يىل1-سان

ھەمزە0903 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 01:17:00

پ د ف   نۇسخىسنى   يوللاپ    قويسىڭىز    بۇلىدۇ    ئەمەسمۇ   ...!

omak77 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 06:53:30

.سىز سۆيۈۋاتقان چاغدا كۆزىنى ئېچىپ تۇرغان قىز(يىگىت)كە ئىشەنمەڭ. ھا ھا ھا

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 14:33:20

ھەمزە0903 يوللىغان ۋاقتى2015-2-9 01:17
پ د ف   نۇسخىسنى   يوللاپ    قويسىڭىز    بۇلىدۇ    ئەمەسمۇ   . ...

پ د ف نۇسخىسى يوق ، ئەگەر سىز ئىشلىيەلىسىڭىز يوللاپ قۇيسىڭىز .

تاتلېق يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 20:14:23

ۋاھ ....... قالتىس ھېكمەتلەر ئىكەنغۇ ،ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىيدىكەن . رەخمەت

پاۋىل يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 20:59:04

بۇ ساقلاپ قويغىدەك ھېكىمەتلىك سۆزلەركەن .
بەت: [1]
: كىشىلىك ھاياتتىكى 40 ھېكمەت