ئەلسھەت يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 18:38:08

كۆزنەك 8 نى قايتا ئورنىتىشتىن ياردەم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار.
مەن كۆزنەك 8 نى ئىشلىتىۋاتقىلى ئۇزۇن بولغان ئىدى. كومپىيوتۇر ئېغىرلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن سېستىمىنى قايتا ئورنىتاي دەپ قاچىلىيالمىغاندىن كىيىن xp سېستىمىغا قايتتىم. ئاندىن قاچىلاي دىسەم http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/e4d7fff3/
مۇشۇنداقلا تۇرىدۇ. 8.1 نى ئورگان بىتىدىن چۈشۈرۈپ قاچىلاي دىسەم ئاكتىپلاش نۇمۇرى خاتا دەپ تۇرىۋالدى. بۇنىڭغا ياخشىراق بىر ئامال بارمىدۇ؟

دانا2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 21:47:02

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.XHQ8N-C3MCJ-RQXB6-WCHYG-C9WKBمۇشۇ نومۇرنى سېلىپ قاچىلاڭ،نۇرمال قاچلىنىدۇ.

باشقىلارغا قەتئى دەپ قويماڭ ھە!:P

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 22:02:16

ئەسلىدە دەسلەپكى نورمال ھالىتىنى ghost قورالى ئارقىلىق زاپاسلىۋېلىپ، بولماي قالغاندا زاپاس ھۆججەتنى قايتۇرۋەتسىڭىزلا ئىش ئاسان ھەل بولاتتى.
سىز xp ئىشلىتىۋاتقاندا تورغا نورمال ئۇلىنامدۇ؟

دانا2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 12:27:08

ناۋايغا پۇل تۆلەپ قويۇپ قاسساپ قېشىغا كەتتىڭىزمۇ؟ياردەم تەلەپ قىلغان ئادەم يوللىغان تىمىغا پات-پات قاراپ تۇرمامدۇ دەيمە!شۇندىلا مەسىلىڭىز تىز ھەل بولىدۇ،

ئەلسھەت يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:27:51

ADiL يوللىغان ۋاقتى2015-2-8 22:02
ئەسلىدە دەسلەپكى نورمال ھالىتىنى ghost قورالى ئارقىلىق ز ...

تورغا نورمال ئۇلىنىدۇ. تۇرۇپ تۇرۇپ بەيدۇ ئېچىلمىغاننى ھىساپقا ئالمىغاندا!

ئەلسھەت يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:29:14

دانا2013 يوللىغان ۋاقتى2015-2-9 12:27
ناۋايغا پۇل تۆلەپ قويۇپ قاسساپ قېشىغا كەتتىڭىزمۇ؟يارد ...

شۇ شۇ قېرىندىشىم. تۈنگۈن تېمىنى يوللاپ 1 سائەت قاراپ ئولتاسام تەستىقتىن ئۆتمەپتى توردىن چۈپ كىتىپتىمەن. بۈگۈن ھەممە ئادەم كىسەل بوپ قالدىمىكىن قۇلۇم پەقەت بىكار بولمىدى. مانا ھازىر بولسىمۇ تورغا چىقىشىم.

ئەلسھەت يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 21:31:17

دانا2013 يوللىغان ۋاقتى2015-2-8 21:47
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام.XHQ8N-C3MCJ-RQXB6-WCHYG-C9WKBمۇشۇ نومۇرنى سې ...

سىز دىگەن نۇمۇرنى سالسام قېرىندىشىم ئالاقە نۇمۇرى خاتا دىگەندەك بىر ئۇچۇر چىقىپ كىيىنكى قەدەم دىگەننىمۇ باسقىلى بولمىدى؟

دانا2013 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:35:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دانا2013 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-9 22:37

ۋىن8نى قاچىلاپ ئاۋارە بولغۇچە بىۋاستە ۋىن8.1 نى قاچىلسىڭىز بولمامدۇ؟   ۋىن8.132بىتلىقى

بۇ سېستىمىنى چۈشۈرۈپ بارماق دىسكىدىن قوزغىلدىغان قىلىپ قاچىلسىڭىز بەك ئاسان،ئاكىتىپلاش نومۇرى تەلەپ قىلمايدۇ،قاچىلاپ بولۇپ ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقى ئاكىتىپلاش نومۇرى بولسا ئاكىتىپلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:35:59

ئەلسھەت يوللىغان ۋاقتى2015-2-9 21:27
تورغا نورمال ئۇلىنىدۇ. تۇرۇپ تۇرۇپ بەيدۇ ئېچىلمىغانن ...

ئۇنداقتا كومپيۇتېرىڭىز مىكروسوفتنىڭ مۇلازىمىتىرىغا ئۇلىنالمىغان ئوخشايدۇ.
سىز dns نى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ.
مەسىلەن: ئۈستىگە 223.5.5.5   نى ئاستىغا 223.6.6.6 نى يېزىپ كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىپ سىناپ بېقىڭ.
بۇ ئىككى ئادرىس ئالى بابا گوروھى تەمىنلىگەن dns مۇلازىمىتى
ئەگەر يۇقارقىلار بولماي قالسا 8.8.8.8 ۋە 114.114.114.114نى سىناڭ

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:38:59

يۇقارقى ئۇسۇلنى بەك بىلەلمىسىڭىز win8 بىلەن xp نىڭ كۆپ پەرىقلىنىپ كەتمەيدۇ، تۆۋەندىكى تېمىدىن پايىلانسىڭىزمۇ بولىدۇ.
windows8 دە مۇلازىمىتىرغا ئۇلانماسلىقنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى
/forum.php?mod=viewthread&tid=32785
(مەنبەسى: روھلان مۇنبىرى)

توردا xp دا dns تەڭشەشنىڭ قەدەم باسقۇچىمۇ باركەن.
控制面版->网络连接->本地连接->右健->属性->双击TCP/IP协议->使用下面的DNS地址,把地址填进去,确定

http://www.360doc.com/content/14/0525/01/17324432_380623685.shtml
http://jingyan.baidu.com/article/6f2f55a1e5d981b5b93e6c2b.html
بەت: [1] 2
: كۆزنەك 8 نى قايتا ئورنىتىشتىن ياردەم