سەر يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 22:05:19

بىئوس يېڭىلاش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسى بارلار بارمۇ؟

مۇشۇ بىئوس يېڭىلاش توغرىسىدا خىلى كۆپ ئىزدىنىپ باقتىم، قاتتىق دىتال بىلەن يېڭىلاش تولىمۇ ئاسان بولسىمۇ ئەپسۇس ھازىر يېڭى چىققان ئاساسى تاختىلارنىڭ بىئوس قىسمى ئىلگىركىئاساسى تاختىلارنىڭكىدەك ئاسان چىقمايدىغان بولغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىرقى بىئوسلارنى چىقىرىپ سېلىش خېلى يۇقىرى تېخنىكا تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا مەخسۇس يۇمشاق دىتال بىلەنمۇ بىئوسنى يېڭىلىغىلى بولىدىغان بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىمۇ ئىزدىنىپ باقتىم، ئەمما مۇۋاپىقىيەت قازىنالمىدىم. يۇمشاق دىتال ئارقىلىق بىئوس يېڭىلاش، بىئوستىكى تۇغ رەسمىنى ئۆزگەرتىش تەجرىبىسى بار دوسلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە تەجرىبىسىنى تۇنۇشتۇرۇپ، يىتەكچىلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىمەن.

kaptar1 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 00:11:10

ddr2چى ئ‍ەۋلاتلارنى قايسى ئ‍ۇسۇلدايىڭلايدۇ

كەۋسەر885 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 15:27:52

سىزنىڭ ئاساسىي تاختىڭىز قايسى ماركىدايەنە سىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىڭىز قەيەردە شۇنى تەپسىلى قالدۇرۇڭ{:6_266:}

zulpiqar يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 17:51:02

ئەڭ ياخشىسى يېڭىلايمەن دىمەڭ، ئانا تاختىنى كېرەكتىن چىقىرىپ قۇيۇشىڭىز مۇمكىن، يېڭىلاش مەغلۇپ بولسىلا ئانا تاختىڭىز كېسەك بۇلىدۇ...

bahadir يوللانغان ۋاقتى 2015-2-8 21:04:36

مەن zulpiqarنىڭ پىكرىنى قوللايمەن . ئەڭ ياخشىسى بۇ ئىشنى سىناپ باقماڭ .ئىلگىرى 2006يىلىغۇ دەيمەن .سىناپ بېقىش مەقسىتىدە بىر ئاساسى تاختىنى بۇزۋەتكەن ئىدىم .بۇ ئىشنى ئەڭ ياخشىسى قىلمىغان تۈزۈك .ئاز بولسا 500 سومكۆپ بولسا 1000 سوم زىيان تاتىدىغان گەپ .

ئونسۇ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 18:03:25

مەنمۇ بىر قېتىم ئ‍ېھتياتسىزلىقتىن يېڭلاپ قويغان ،تەليىمگە ھىچ ئ‍ىش بولمدى ،لىكىن تورداشلارنىڭ دىگندەك بۇ بىر خەتەرلىك مەشغۇلات ،كەسپىي بولمسڭىز مەشغۇلات قىلماڭ بولمسا ئ‍اساسىي تاختىدىن ئ‍ايرىلىپ قالسىز

جام يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 18:57:35

بۇ توغرىسىدىمۇ ئىزدىنىپ قويىدىغان گەپمۇ نېمە. «دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، قىلالمايدىغان ئادەم بار». شۇڭا بۇ ھەقتە كۆپچىلىك بىر ئىزدىنىپ كۆرمەمدۇق :handshake

توغراقى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:00:12

بۇ بەك ئاسان، مەن تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن دوستۇمغا ياردەملىشىپ، بىئوس قىسمىنى يېڭىلاشنى ئىزدىنىپ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئىدۇق. كومپىيوتېرنى قوزغىتىپ بىرىنچى كۆرىنىدىغان ئاساسىي تاختا ماركىسىنىڭ رەسىمىنى لى چامباشنىڭ رەسىمىگە ئۆزگەرتىۋەتتۇق.
بۇ ئارقىلىق ھەتتا DVD,تىلىۋېزور قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغىلىدىغاندا چىقىدىغان رەسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكىلى بولىدىكەن. پەقەت توردىن ماس كېلىدىغان رومنى تاپقىلى بولسىلا.

توغراقى يوللانغان ۋاقتى 2015-2-9 22:00:39

بۇ بەك ئاسان، مەن تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن دوستۇمغا ياردەملىشىپ، بىئوس قىسمىنى يېڭىلاشنى ئىزدىنىپ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئىدۇق. كومپىيوتېرنى قوزغىتىپ بىرىنچى كۆرىنىدىغان ئاساسىي تاختا ماركىسىنىڭ رەسىمىنى لى چامباشنىڭ رەسىمىگە ئۆزگەرتىۋەتتۇق.
بۇ ئارقىلىق ھەتتا DVD,تىلىۋېزور قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ قوزغىلىدىغاندا چىقىدىغان رەسىملىرىنى ئۆزگەرتىۋەتكىلى بولىدىكەن. پەقەت توردىن ماس كېلىدىغان رومنى تاپقىلى بولسىلا.

تارىخ01 يوللانغان ۋاقتى 2015-2-10 11:28:45

توغراقى بۇرادەر تەپسىليرەك دەپ بەرمەم سىز بىزمۇ بىلۋالساق . مەندە كونا ئانا تاختا بار .ئىدى سىناپ باقاي
بەت: [1] 2
: بىئوس يېڭىلاش تېخنىكىسى ۋە تەجرىبىسى بارلار بارمۇ؟