گوگلى تەرجىمانىدىن مۇنداق پايدىلىنىڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا شىرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-6 18:01ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار گوەلى تەرجىمانىنىىڭ قالتىسلىقىنى ھەممىز بىلىمىز ۋە تۆرە توردىشىمىزيوللىغان گوگول تەرجىمانىنىڭ ئۆزبەكچىسى دېگەن تېم چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ ئاشۇردى
ئەمدى مېنىڭ تېمامنىڭ ئاساسلىق مەخسىدى گوگىلغا ئۇيغۇرچە قوشىدىكەن دەپ بېلەت تاشلىدۇق ئەمما ھازىرغىچە تەستىقلانمىغانمىكىن ئۇيغۇرچە قۇشۇش ئىشى ئىشقا ئاشمىدى ،شۇنداقتىمۇ تورداشلارنىڭ ۋە ئۇستازلارنىڭ ئاز بولمىغان تىرىشىش نەتىجىسىدە تەرجىمە جەھەتتە كۆپلىگەن بوشلۇقلار تولدۇرۇلدى ھەرقانداق دۆلەتنىڭ تېلىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىشتا تۆۋەندە مەن دېگەندەك ئۇسۇلنى ئىشلەتسڭلا %100ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىسەڭلىمۇ %80ئۈنۈمگىچە تەرجىمە قىلىش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ
1-سز تەرجىمە قىلماقچى بولغان يېزىقنى گوگىل تەرجىمانى ئارقىلىق ئۆزبىكچىگە تەرجىمە قىلۋالىسىز
گوگىل تەرجىمانى
2-ئۆزبىكچىگە تەرجىمەقىلۋالغان يېزىقنى كۆچۈرۈپ تۆۋەندىكى توربەت ئادىرىسقا كىرىپ ئۈستىگە چاپلاپ ئالماشتۇرۇش دېگەننى بېسىشئارقىلىق ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىڭ
http://www.bilge.cn/tech/uz2ug.asp
ئۇيغۇرچىغا %100تەرجىمە بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ئوقۇپ مەخسەتنى چۈشەنگىلى بولىدۇ ئەلۋەتتە ئۇستازلارنىڭ تېرىشىىش ئاستىدا تولۇق تەرجىمە قىلىش مەخسىدىگىمۇ يەتكىى بولىدۇ ئىنشائاللا ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت . سىز تىلغا ئالغان «گوگول تەرجىمانىغا ئۇيغۇرچە قۇشۇش» ئىشى بولسا ئەمەليەتتەبىر ئۇقۇشماسلىق . بىر چاغلاردا گوگول ئەپ بازىردىن يانفۇنۇمغا لۇغەت ئىزدەۋېتىپ مەلۇم بىر لۇغەتنىئۇچۇرتىپ قالدىم ، ھەم تىل تاللاش سىتونىغا قارىسام نۇرغۇن تىللارنى تاللىغىلى بۇلىدىكەن ، شۇڭا ئۇ لۇغەتنىڭ ئورگان توىغا كىرىپ زىيارەت قىلسامئۇيغۇر ۋە باشقا نەچچە ئونخىل تىلىغا بىلەت تاشلاش توغرىستا مەزمۇننى كۆرۈپ ، «ئۇيغۇر تىلى» نىڭ بىر چەتئەللىكنىڭ تور بىتىدە بىلەت تاشلاشقا قۇيۇلغانلىقىغا ھەيران قالغان بولسام كىرەك ،دەرھال تورداشلارغا مۇراجەت قىلىپ بىلەت تاشلاشقا سەپەرۋەر قىلغانتىم . ئەمما مەن ئەزەلدىن بۇنى گوگول تورى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئىپادىلەپ باقمىدىم . گوگول تورىنىڭ ئۆزىدىكى تەرجىمانغا بىلەت تاشلاش ئېلىپ بارغانلىقىنىمۇ ئاڭلاپ باققىنىم يوق .دەسلەپ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئانا تىلغا بولغان مۇھاببىتى چۇڭقۇر بولغاچقا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئۇ تور بەتتىكى ئۇيغۇر تىلىغا تاشلانغان بىلەت كۆپىيىشكە باشلىدى . كىيىن ئالىپ تورىدا بىر تورداش قەستەن بىر داغدۇغا قوزغاپ چولپان بولاي دىدىمۇ ياكى مەن چۈشۈرگەن لوغەتنى گوگول تورىدىن چۈشۈرگەن دىگەن سۆزۈمنى خاتا چۈشۈنىۋالدىمۇ ئۇقمۇدم ، )گوگول تور لوغىتىدە ئويغۇر تىلى ئۈچۈن بىلەت تاشلاشقا سەپەرۋەرلىك قىلىپ قالتىس داغدۇغا قوزغىۋەتتى مۇشۇ ئادرستىكى شۇ تىما شۇ . ھازىرمۇ باكەن بۇ تىما . ئەسلى دەسلەپتىلا مەن بۇ تىمىدا تورداشلارغا ئېنىق چۈشەنچە بىرەلەيتتىم . بۇ ئۇقۇشماسلىقنى تۇسۇپ قالالايتتىم . ئەمما مەن ئۇ چاغدا ئاشۇ تور بەتتىكى ئۇيغۇر تىلىغا تاشلانغان بىلەت سانى ئاشسىلا بولدى ، دەپ ئويلاپ كارىم بولمىغانتى . نەتىجىدە ئۇ تور بەتتىكى بىلەت سانى ئەڭ كۆپ تىل ئۇيغۇر تىلى بولۇپ قالدى . كىيىن ئۇ تور بەتنىڭ مەسئۇلى بىلەن ئالاقىلاشسسام لوغەتكە ئۇيغۇرچە سۆزلۈك يىتەرلىك ئەمەس دەپ جاۋاب قايتۇردى . شۇنىڭ بىلەن بۇ تور بەت بىلەن ئالاقىلىشىپ باقمىدىم . چۈنكى مەن بىر ئادەمنىڭ ئۇنچە كۆپ سۆزلۈك بىلەن تەمىنلىشى ئاسان ئەمەستى .پەقەت مۇشۇنچىلىكلا ئىش . بىر قېنى قىززىق تورداشنىڭ خاتا داۋراڭ سېلىشى بىلەن ئادەتتىكى بىرتور بەتە ئۇيغۇر تىلىغا بىلەت تاشلاش ئاۋۇ گوگول تەرجىمانىغا ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بىلەت تاشلاشقا ئايلىنىپ قالدى . نەتىجىدە بۇ بىر ئەپقاچتى گەپ بولۇپ قالدى . ئەپسۇس……ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا تەۋسىيە قىلىدىغىنىم ، ئىش قىلغاندا قېنى قىززىقلىق قىلمايلى . ئاتالمىش تور چولپىنى بۇلۇش ئۈچۈن …… ئۇنچە كۈچەپ كەتمەڭلا . بولمىسا ئاۋۇ گۆدەك تورداشقا ئوخشاش ئاخىردا خەقنىڭ مەسخىرسىگە قالىدىغان ئىش با . يەنە بىر گەپ . نىمىلا ئىش بولسۇن ھەرگىز باشقىلارغا يالۋۇرماڭلا .ئۇيغۇر تىلىنىڭ گوگول تەرجىمانىغا قۇشۇلىشى ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلىمىزنى قانچىلىك قەدرلىشىمىزگە ۋە تەرەقىي قىلدۇرشمىزغا باغلىق . ئەگەر بىزنىڭ تېخنىكىمىز قانچە يۇقىرى بولسا ھەتتا گوگول تەرجىمانىدىنمۇ ئىلغار تور لۇغەتلىرمىز بولسا ، مەيلى گوگول بولسۇن ياكى ھەرقانداق بىر لۇغەت بولسۇن بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىزنى ئىزدەپ تېپىپ قۇشىدۇ قوللىنىدۇ . شۇڭا ھەجەپ بىزنىڭ تىلىمىزنى قوشمىدى دەپ زارلانماي ئۆزىمىزنىڭ ئىشىغا پۇختا بولايلى . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قۇدرەت تاپقۇزمىساق باشقىلا ياردەم بەرمەيدۇ . ئۇ تورداشنىڭ تىمىسى ئۆتۈپ كەتكەن نۇمۇسسىزلارچە كۆچۈرمىكەشلىك بۇلۇپ كۆچۈرگەندىمۇ ئۆز ئەينى بۇيىچە كۆچۈرمەي قەستەن ئۆزگەرتىپ ، ئەسلى مەزمۇننى مەنىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىۋەتكەن .0 سىكونت ۋاختىڭلانى چىقىرىپ http://contribute.dict.cc/?action=lang-wishlist مۇشۇ ئادىرسقا كىرىپ […please select ▼] دىگەن بالداقنى چىكىپ Uighur (or uyghur) - uigurisch دىگەنگە بەلگىلەپ ئاندىن ئاستىدىكى رامكىغا ئېلخەت ئادىرسىڭلانى كىرگۈزۈپ submIT كۇنۇپكىسىنى بېسىۋەتسىڭىزلا ئىش تامام!ئەپسۇسلىنارلىقى بىر ipدا بىرلا قېتىم بېلەت تاشلىغىلى بولىدۇ . مانا مۇشۇ قىسىمىلا مەن يوللىغان مەزمۇن بۇلۇپ ، بۇنىڭ سىرتىدىكى مەزمۇننى ئۇ تورداش ئۆزى ئۆزگەرتىپ يوللىغان . نەتىجىدە مۇشۇنداق خاتا قاراشنى پەيدا قىلدى . نىمە دىگەن تېتىقسىزلىق . lol; خەققەتايانغىچەئۈزۈمىزتىرىشىپياسىساق ياخشىبولاتتى شنجاڭ ئونۋىرستى تۈزگەن تەرجىمە سىستىمىسى بارغو، ئۇيغۇر تىلىنىڭگوگىل تەرجىمانغا قوشۇلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇرتىلىنى چۈشۈندىغان ئادەمتىرىشمىسا بولمايدۇ. بىلەت تاشلىغانغىلاقوشۇلۇپ قالىدىغان ئىش يوقتە. bayawat يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 22:51
شنجاڭ ئونۋىرستى تۈزگەن تەرجىمە سىستىمىسى بارغو،
ھەپتىدىن ئاشتى ئۇ تور بەت ئادىرسى پەقەتلا ئىچىلمايۋاتىدۇ .نىمە ئىش بولغاندۇ ؟ ، بىلمىگەن خەتلىرىمنى شۇبەتتىن پايدىلناتتىم .مۇشۇ ھەقتە بىلدىغانلار بارمۇ تۆرە يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 20:19
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام . تىمىڭىزغا كۆپ رەھمەت . سىز تىلغا...
كىچىككىنە سەۋەنلىكمۇ چوڭ خاتالىقنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپچى بوپ قېلىى مۇنكىن شۇڭا تورغاتېما ياكى ئېنكاس يوللىغاندا چوقۇم دېققەت قىلىش كېرەك تۆرە يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 20:32
ئۇ تورداشنىڭ تىمىسى ئۆتۈپ كەتكەن نۇمۇسسىزلارچە كۆچۈرم ...
بۇ قىلغىنىڭلا مىللىتىمىزنىڭ ئانا تىلنى قانچىلىك ياخشى كۆردىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈنمۇ ياكى ئۆزەڭلا نامىڭلانى مۇشۇ يول ئارقىلىق تور ئەھلىگە تونۇتۇشنى مەخسەت قىلغانمۇ ئىشقىلىپ نېمىش قىلساڭا قىپسىلەكى ئۇيغۇرمىللتىنى كولدۇرلىتىپسىلەبۇقىلغىنىڭلا تۈپتىن توغرا ئەمەس چۈنكى بىز باشلانغۇچ مەكتەپتەئوقۇغان بۆرە كەلدى ناملىق ھېكايەبۇ قىلغان ئىشىڭلارنىڭ توغرا خاتالىقىغا دەلىل بولالايدۇ شۇنداقلا كېيىنكى ھەقىقى بېلەت تاشلاش ئەھۋالىغازور دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇ شىرى يوللىغان ۋاقتى2015-2-7 11:21
بۇ قىلغىنىڭلا مىللىتىمىزنىڭ ئانا تىلنى قانچىلىك ياخش ...
«سىلە» دەپ مىنى ئۇ تورداش بىلەن چېتىۋالماڭ . مەن ئەزەلدىن گوگول تورىدا ئۇيغۇر تىلىغا بىلەت تاشلاش توغۇرلۇق تىما يوللاپ باقمىدىم . ھەم بىرەسىنى يوللا دەپمۇ بۇيرىمىدىم .
كونىلا (ھاماقەتنى ھاي دىمەڭ ھارغاندا توختايدۇ) دىگەن سۆزى بارغۇ . شۇڭا بەزى ساپاسىز نادان باللارغا توغرا گەپ قىلىمەن دەپ ۋاقت ئىسراپ قىلش ھاجەتسىز . ئۇ تورداش ئۆزى چۈشىنىۋالىدۇ . ئۆزىنىڭ ئالدراقسانلىق قىپ قويغانلرغا بەلىكىم ئوبدان ساۋاق ئالغاندۇ .
ئەگەر كىيىن يەنە بىرەسى ئۇيغۇر تىلىغا بىلەت تاشلاش توغۇرلۇق تىما يوللاپ قالسا راستىنلا ئۇيغۇر تىلىنئىڭ تەرەقىياتىغا كچىكىنە بولسىمۇ پايدىسى بولسىلا مەن يەنىلا بئىلەت تاشلاپ قۇيىمەن . چۈنكى ئۇيغۇر تىلى مىنڭ ھەم قېرىنداشلىرمزنڭ بيلىقى . ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قاچان قانچىلىك كىچىك ئش بوسىمۇ ئىرىنمەيمن .
ينە شۇ گەپ ئۇ نادان تورداش بىلەن مىنى چېتىۋالماڭ .
بەت:
[1]