[تەۋسىيە]ياقتۇرغان تېمىڭىزنى باھالاپ قويۇڭ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك روھلان تور بېكىتىنىڭ ئەزىز زىيارەتچى ئەزالىرى .روھلاندىكى نۇرغۇن تېمىلار بىزنى بەك خۇشال قىلىۋېتىدۇ . نۇرغۇن ماتىرىياللار ۋە ئەسەرلەر بىزنى بەك سۆيۈندۈرىدۇ ئەمما ئاشۇ تېمىغا رەھمەت ئېيتىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ ۋەياكى قانداق رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي قالغانلارمۇ بار لېكىن باھالايدىغانلار شۇنچىلىك ئازكەن .
مېنىڭچە بۇنىڭ سەۋەبى بەزىدە بىلمىگەنلىكتىنمىكىن دەپ قاراپ بۇ ھەقتە ئازراق ئىزاھات بەرمەكچىمەن :
1. تېما باھالاش ئۇسۇلى : سىز ئاشۇ ياقتۇرغان تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنىنىڭقارىسىڭىزباھالاش دەيدىغان ئورۇن بار شۇنى باسسىڭىز ، ئەزالىق دەرىجىڭىزگە قارىتا سىزنىڭ بېرەلەيدىغىنىڭىز چىقىدۇ ، شۇنىڭدىن سىز مۇۋاپىق باھالىسىڭىز بولىدۇ .
2. بۇ نى تاللاپ بولۇپ ، ئىگىسىگە ئۇختۇرۇش قىلغىدەك بولسا ئىگىسىگە ئۇختۇرۇش دىگەننى بىر چىكىپ توغرا بەلگىسىقويۇپ مۇۋاپىق مەزمۇن تاللاپ ياكىئۆزىڭىز كىرگۈزۈپئاستىدىكى مۇقىملاشتۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
3. بۇنىڭدا ھەرگىز باھالىغاندىن كېيىن سىزنىڭ قىزغىنلىق ، تەجىرىبە ،تەڭگە... لەردىن كولانمايدۇ ، بەلكى بىۋاستە بېكەتتىن قوشۇلىدۇ ، شۇڭا بەرگىدەك بولسا ئايىماي باھالاڭ . چۈنكى ئۇ تېما سىزگە نەپ بېرىدۇ . سىز شۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق جاۋابىڭىزنى ۋە ياكى رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرسىڭىز بولىدۇ .
كۈنلىكى بېرەلەيدىغان ۋە بىر قېتىمدا بېرىش سانى ھەر بىر ئەزا دەرىجىسىنىڭ بىر بىرىگە ئوخشاشمايدۇ . تېمىغا نىسبەتەن مۇۋاپىق كۆڭلىڭىزنى بېرىشمۇ بىر ياخشى ئىش دەپ قارايمەن .
يەنە چۈشەنمىگەن يەر بولسا قالدۇرساڭلار بولدۇ . سىزناھايىتى ياخشى ئۇچۇردىن بىرنى قالدۇرۇپسىز مەن ئىلگىرى ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن تىمىلارنى كۆرۇپ ئىنكاس يازغان بولساممۇ قانداق باھالايدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە باھالىيالمىغان ئىدىمئەمدى بىلىۋالدىم،رەخمەت سىزگە . ئىنكاس قايتۇرۇش 阿不力米提 نىڭ تېمىسى
تېما باھالاشنى ئۆگىنىۋالغان بولسىڭىز ئۇنداقتا نەق مەيداندا مۇشۇ ئىنىمنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ يوللىغان مەزكۇر تېمىسىنى باالاپ سىناپ باقمامسىز :lol
مەنمۇ ئەمدى ئۈگىنۋالدىم . رەھمەت سىزگە دىگەندىن بۇ تېما يوللىغىچىمۇ ئېلھام بولىدىكەن. باھالاشنى مۇشۇ تېمىدىن باشلىۋەتتىم ئەمىسە. مەنمۇ ئۆگەنگەندەك قىلىدىممۇ نىمە،بىزدەكلەرنىڭ قانچىلىك مۇكاپات بېرەلەيدىغىنىمىز ئىنىق بولماي قالدىمۇ ياكى مەن تازا چۈشەنمىدىممۇ. ئىنكاس قايتۇرۇش alogli نىڭ تېمىسى
سىز باھالاش كۇنۇپكىسىنى باسقاندا ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ەر بىر تۈردە + ۋە - نۇمۇرلار بار، بۇلاردىن + نۇمۇرنى مۇكاپاتلىغاندا - نۇمۇرنى جازالىغاندا ئىشلىتىمىز .
ھەر قېتىمدا باھالىيالايدىغان ئەڭ يۇقىرى چەك بەلگىلەنگەن، ئۇ شۇ كۆزنەكتەكۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ، ئەمما بىر كۈنلۈك باھالاش نورمىسى بۇ يەردە كۆرۈنمەيدۇ .
ئەمما بىر كۈنلۈك باھالاش نورمىسى بەك كىچىك قىلىپ بەلگىلەنمىگەن . خاتىرجەم باھالىساڭلار بولىدۇ، ئكزۈڭلارغا ياققان، نەپ بەرگەن تېما، ئىنكاسلار بولسا .
ئەمما قالايمىقان باھالاپ، تەڭگە تېپىپ بېرىدىغان ئەھۋال سادىر بولسا ئۇنىڭمۇ چارىسىنى تەييار جۇمۇ .:lol
ھە ! مەنمۇ بىلىۋالدىم:lol
		بەت: 
[1]