سىمىسىز نازارەت ئۈسكۈنسىدىن مەسلىھەت بەرسەڭلار
ئۆيۈمدە كەڭ بەلباغلىق تور بار،wifi مۇ بار ئىدى،ئۆغرىدىن مۇداپىيەلىنىش ئۈچۈن نازارەت ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ تىلفۇندىمۇ،كومپيۇتېردىمۇ خالىغان يەردە كۈزىتەلەيدىغان شارائىتنى قىلايدىگەن ئىدىم،توردىن سېتىۋىلىش ئۈچۈن تور ئارلىدىم،توردا 无线wifi录像机 بىلەن 网路录像 机دەپبىر قانچە خىلى بار ئىكەن ،بىرسىدە قاتتىق دىسكا سېتىۋالىسىز،بىرسىدە sd كارتىسى بولسىلا توردا ساقلايدۇ،تور دىسكىسىنى بىر يىل ھەقىسىز ئىشلىتىسىز دەيدۇ،مەن خەنزۇچە راۋان پىكىر ئالماشتۇرالمىغاچقا گاڭگىراپ قالدىم،مۇشۇنداق ئۈسكۈنلەرنى ئىشلىتىۋاتقان ھەم ئەھۋالىنى بىلىدىغان دوسلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى ئۇمىت قىلىمەن!بىلىدىغانلار جاۋاپ بىرىڭلا بىزمۇ بىلىۋالايلى ھازىر خاككىرلارنىڭ يامانلىقىدا تورغا ئۇلىسا قانداق بۇلار؟... خاككىرلار توردىن ماتىرىيال ئوغرىلىسا ئوغرىلار ئۆيدىكى قاتتىق دىسكىنى ئوغرىلىسائۆيدىن چىقماي ياتساق بولامدۇ نىمە?
مەنمۇ مۇشۇ ئىشقا قىزىقىپ قېلىپ، بازاردىكى مەخسۇس كۈزىتىش ئۈسكۈنىسى ساتىدىغانلاردىن سورىسام، بىلمەيمىز دەپ جاۋاب بەردى. تورلاردىكى ئېلانلاردىغۇ «سىمسىز نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ساتىمىز» دېگەنلەرنى ئۇچراتتىم، بىراق ئۇلار بىلەن تېلېفونلىشىپ باقمىدىم. بۇنداق تېخنىكا يېڭىدىن ئومۇملىشىۋاتقان بولغاچقا، بىلىدىغانلار كۆپ ئەمەسكەن، شۇڭا سىز تېلېفون ياكى باشقا ئالاقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق شۇلار بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىلىشىپ سوراپ بېقىڭ. كۆڭۈلدىكىدەك جاۋابقا ئېرىشىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن. مۇشۇنداق ئۈسكىنىلەرنى ساتىدىغان بىرتوربار
www.uysoda·com مەنقاتتىق دىسكىغا ساقلايدىغاننى سېتۋېلشىڭىزنى تەۋسىيە قىلمەن بۇ يازمىنى ئاخىرىدا pilal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2015-2-6 16:37
http://www.uysoda.com/ بىزلەردە خاككىرلار ئاۋارە بولغىدەك نىمە بار دەيسىز،سىز توردىسكىسى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ،ئوغرى ھەممە نەرسىنى ئوغۇرلىسىمۇ توردىكى نەرسىڭىزنى ئوغۇرلىيالمايدۇ مەنمۇ شۇنداق ئويلىغان ،لكىن تور دىسكىسىنىڭ يىللىقى 300يۇەن ئىكەن،ئەرزانراقىنى ئىزدەۋاتىمەن
		بەت: 
[1] 
2