ئەركان يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 00:23:57

ئەيدىز ۋىروسىنى تېلفۇن ئارقىلىق تەكشۈرەلەيسىز

بىر تېلېفون، ئەرزان باﻫالىق بىر زاپچاس ۋە قان ئەۋرىشكىسى ئارقىلىق 15 مىنۇت ئىچىدىلا ئەيدىز كېسىلى ۋىرۇسى ۋە سىفلىس ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ چىققىلى بولىدۇ. ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى 2-ئاينىڭ 4-كۈنى تەتقىق قىلىپ چىققان بۇ خىل يان تېلېفون زاپچىسى رىۋاندادا تەجرىبە قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى ﻫازىرقى ئۆلچەملىك دىياگنوز بىلەن ئاساسىي جەﻫەتتىن ئوخشاش چىققان.

تەتقىقات خادىملىرى يېڭى بىر ساندىكى ئامېرىكا «پەن-تېخنىكىنى تېببىي ئىلىمغا ئايلاندۇرۇش» ژۇرنىلىدا، بۇ خىل يان تېلېفون زاپچىسى تەجرىبىخانىدىكى قان تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ﻫەرخىل ئىقتىدارلىرىنى ﻫازىرلىغان بولۇپ، ۋىرۇس ئانتىتىلاسىنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە سىفلىس ۋىرۇسىغا دىياگنوز قويىدۇ، ئۇنىڭ باﻫاسى پەقەت 34 ئامېرىكا دوللىرى.

تەتقىقاتچى خادىملارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار ﻫازىر تېخىمۇ چوڭ كۆلەمدە كىلىنىكىلىق سىناق قىلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، مەزكۇر يان تېلېفون زاپچىسىنى دۇنيا سەﻫىيە تەشكىلاتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشىپ، شۇ ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن.   مەنبە ئەرقال تاراتقۇسى

altaxna يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 13:28:01

تېخى شۇنداق دېتال چىققان ئوخشايدۇ دەپ قىزىقىپ كىرىپتىمەن ھى ھى

جوردان يوللانغان ۋاقتى 2015-2-6 20:20:16

خۇدايىم ساقلىسۇن شۇ نىجىس كېسەلدىن

غىلاپ يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 10:58:23

مەخسۇسئىستىلىناچارئادەملەر ئۈچۈنچىقارغانتېخنىكىكەنغۇ-بۇ !

سەر يوللانغان ۋاقتى 2015-2-7 21:46:41

ئۇنداقمۇ دەپكەتمەڭ، بەزى پەزىلەتلىك كىشىلەرمۇ، ھەتتا بەزى كىچىك بالىلارمۇ بىر قىسىم داۋالىنىش جەريانىدا شۇ خىل كېسەلگە كىرىپتار بولۇپ قېلىۋاتىدۇ ئەمەسمۇ، ھەممىسىنى ئىستىلى ناچار دەپ بىر تاياقتا ھەيدىسەك بولماس.
بەت: [1]
: ئەيدىز ۋىروسىنى تېلفۇن ئارقىلىق تەكشۈرەلەيسىز