15000 مىڭ يۈئەن ئالدىنىپ كەتتتىم، مەسلىھەت بەرسەڭلار
مەن ئۈلۈشكۈن تور ئارلاۋېتىپ . mailدىن بىر پائالىيەت بار. قاتناشسىڭىز سىزمۇ مۇكاپاتقا ئىرىشەلەيسىز، دىگەن بىر ئۇچۇر چىقتى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇكىرىپ تىزىملىتىپ قايتىپ چىقتىم . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ناكەسلەر تۈنۈگۈن ئەتتىگەندە تېلىفۇن قىلىپ سىز تۈنۈگۈن بىر پائالىيەتكە قاتنىشىپتىكەنسىزتىزدىن كىرىپ بۇ كارتىغا پۇل سېلىڭ دىدى. شۇنىڭ بىلەن مەن مەندە ئۇنچىلىك پۇل يوق دىسەم ئۇ ئاچچىقلاپ سىز بۇ پۇلنى تاپشۇرمىسىڭىز . پايەن بۇ ئىشنى ئۈزى ھەل قىلىدۇ .سىز بىر يىل تۈرمىدە ياتىسىز دىدى،ئەگەر پۇلنى سېلىپ بەرسىڭىز يەنە ئۇ پۇلنى سىزگە قايتۇرۇپ بىرىمىز سىزگە زىيان بولمايدۇ . بىزگە ئىشىنىڭ دەپ . پايەندىن بىر ئادەمگە ئۇلاپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئىشىنىپ، مەن پۇل سېلىپ بىرەيدىسەم ئۇلار ماڭا بىر بانكا كارتا نۇمۇرىنى دەپ بەردى. مەن ئۇلارنىڭ كارتىسىغا 4800 يۈئەن پۇلنى سېلىپ بەردىم، ئاندىن مەن ئانچە ئىشەنىچ قىلالماي تىڭشۇن مۇلازىمەتچىسىگە تېلىفۇن قىلسام ئۇلار سىز قاتنىشىپتىكەنسىز دىدى ،مۇلازىمەتچى ماڭا تېلىفۇن قىلىپ بۇ كىملىك بىلەن بانكا كارتىسى ئوخشىمايدىكەن . سىز قايتا يانە بىر كارتغا پۇل سېلىڭ شۇنىڭ بىلەن بىللە تەڭ قايتىدۇ، ئەگەر ئۇل سالمىسىڭىز باشتىكى پۇل توڭلىتىلىدۇ. سىز قانۇن بۇيىچىە سۇراققا تارتىلىسىز. دەپ شۇنداق قىلىپ يۈرۇپ 15000 يۈئەن پۇلنى سىلىپ بەردىم ، ئۇ ئىككى سائەتكىچە پۇلىڭىز قايتىدۇ دىگەندىن كىيىن مەن تۈنۈگۈن كەچتە قايتىپ چىقىپ سائەت 10 لاردە بانكىقا تېلىفۇن قىلىپ سۇرۇشتۇرسەم پۇل قايتماپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا تېلىفۇن قىلسام تېلىفۇنى ئىتىك دىگەندىن كىيىن مەن گۇمانلىنىشقا باشلىدىم . شۇنىڭ بىلەن باشقا بالىلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ تىڭشۈن گۇڭشىنىڭ باش مۇلازىمەتچىسگە تېلىفۇن قىلىپ سۈرۈشتۈرسەم بۇ بىر ئالدامچىلىقكەن دىگەندىن كىيىن مەن110 غا تېلىفۇن قىلدىم . ئۇلار مىنىڭ ج خ ئۇرۇنلىرىغا بېرىشىمنى ئېيتتى .مەن كىرىپ ئۇلارغا بولغان ئەھۋالنى مەلۇم قىلدىم . ئۇلار بۇنداق ئالدانغانلار بەك كۆپ سىزلا ئەمەس دىدى مەن ئۇلارنىڭ كىملىكىنى تاپقىلى بۇلامدۇ دىسەم . تاپقىلى بۇلىدۇ لېكىن بۇ ئىشنىي ھەل قىلىش بىزنىڭ قۇلىمىزدىن كەلمەيدۇ دىدې،
ئەمدى مەن قانداق قىلىشىم كىرەك .مۇشۇ توغرىسىدا ياردەم قىلغان بولساڭلار، سىلەردىن كۆپ مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم،
ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى : 2259225658
2015 يىل2 ئاينىڭ 5 كۈنى ئون بەش مىڭ.... ئاز ئەمەسكەن. شۇ پۇلنى بەرگەن خۇدايىم يەنە بېرەر. ئەمدى قانداق قىلىمەن دىسىڭىز مېنىڭچە يۇقاردىكى تورداشلار دىگەندەك ساقچىنى ئىزدەپ دىلو تۇرغۇزۇشنى تەلەپ قىلىشتىن باشقا يەنە بۇ ئاچچىق ساۋاقنى قوبۇل قىلىشىڭىز كېرەك. ئۈندىداردا بىر پارچىنى كۆرگەن. ئۇنىڭدا سىز يۈز سوم يۈتتۈرۈپ قويسىڭىز ئىككى يۈز سوم خەجلەپكىرا ماشىنسىغا ئولتۇرۇپ قايتۇرۇپ كېلەمسىز؟ياق،شۇڭا ئۆتكەن سەۋەنلىك، ئوڭۇشسىزلىقنى دەپ تېخىمۇ خاتالاشماڭ دەپتىكەن. دىگەنلىرىم ھازىرقى ھالىتىڭىزدە خوشياقماس. شۇنداق بولسىمۇ دەۋەرگۈم كەلدى. پۇل كەتكىنى كىتىپتۇ. جان باركەن ئاللاھقا شۈكرى. ئەركىشى دىگەن زىيانغا چىدىشى كېرەك. ئايال كىشىمۇ شۇ ھې ھې... بۇ خاتالىقىڭىزنى ئېتراپ قىلىڭ. ئاسماندىن چۈشكەن بىكارلىق ئامەتكە ئىشەنمەڭ. خاتالىقىڭىزنى ئېتراپ قىلىڭ دىگىنىم بېشىڭىزنى ساڭگىلىتىڭ دىگەنلىك ئەمەس. كىم خاتالاشمايدۇ شۇنداقمۇ؟ ھە مەن خاتالىشىپتىمەن دەپ يۈزلىنىڭ. تۇرمۇش، خىزمەتلەرگە تەسىر يەتمىسۇن. روھىي ھالىتىڭىزنى ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئوڭشاڭ. ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە ئانچە مۇنچە سۆزلەپ بىرىپ ئۇلارغا بىر ئاگاھلاندۇرۇش بىرىپ قويسىڭىزمۇ ياخشى مېنىڭچە، ئىككىنچى بىرى شۇنداق تېلفوننى قوبۇل قىلىپ قالسا قويۇلۇپ كىتىشتىن ساقلىنىپ قالار. ماڭمۇ ھېلى بىر مىليۇن، ھېلى 500مىڭ مۇكاپات چىقتى دىگەندەك ئۇچۇر ياكى پائاليەت بار دىگەندەك ئۇچۇر كېلدۇلىكىن مەن بۇنۇڭ بىرگىمۇ ئىشىنىپ باقمىدىم ، ھەتتا ماشىنلار ،چەتكە ساياھەتمۇ بار تېخى. ۋاي توۋا ، قېرىندىشىم ، سىز شۇنىڭغىمۇ ئىشىنىپ قالدىڭىزما . 15000 يۇئەن دەڭ ، يا سىزگە 150 يۇئەن سېلىڭ دېمەپتۇ ، قاندالارچە ئىشىنىپ قالغانسىز . ئەگەر ئالدانغان سىزلا بولمىسىڭىز ، ج خ ئۇرۇنلىرى ئېنىقلاپ چىقىدۇ . ساقلاپ تۇرماستىن باشقا ئامال يوق قېرىدىشىم . 110غا تىلفون قىلىپ سوراپ ئاندىن بەرسىڭىز بولماسمىدى بۇ پۇلنى...
نىمىلا ئىششىڭىز بولسا 110، 119، 120 دەپ شۇنچە كۆپ ياردەمچىلەر تۇرسا تاززا ئەخمەقلىق قىپسىز... سىز بۇ جەھەتتىكى ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بۇرۇن كۆرمىگەنمۇ؟
كونىلاردىن مۇنداق بىر نەسىھەت قاپتىكەن: ئۈچ كۈن بولدى، تۈلكە خوجام قىلمىدى ناشتا،
بىرەر بالاسى بولمىسا، قۇيرۇق تۇرامدۇ تاشتا؟!
سىز نەپسىڭىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كېتىپسىز، قېرىندىشىم! مۇقۇملۇق خىزمىتى بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان ساقچىلارنىڭ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى تېپىپ بەرگىلى چولىسى تەگمەسمىكىن. مۇكاپاتلىق پائالىيەت ۋاقتىدا بىزدىن قىزغىنىپ روھلانغا يوللىماي، مانا ئەمدى ئالدىنىپ قالغاندا يوللاپسىزدە :lol
سىز شۇنچە ئەخمەقمۇ دەيمەن، تۇرۇپلا پۇل تاپشۇرمىساق تۇتىمىز، سوتقا يوللايمىز دېسە ھە دەپ پۇل سېلىپ بېرىدىغان.
سىزگە مۇنچىلىك مۇكاپات چىقتى، بىزگە 5000 كوي سالساڭ مۇكاپاتنى ئەۋەتىپ بېرىمىز دېسە ماڭا كەلگەن مۇكاپاتتىن ئاشۇ 5000 كوينى تۇتۇپ قېلىپ قالغىغىنى كارتتامغا ئۇرىۋەت دەپ پوچى ئولتاسىڭىز بولماسمىدى :L
سىزنى قانۇن بۇيىچە سوراققا تارتىلىسىز دېگەنگە قارىغاندا سىز تىزىملاتقان ئاشۇ تور بېكەتتىكى مەزمۇندا ئازراق مەسىلە باردەپ پەرەز قىلدىم، بولمىسا سىزمۇ ئۇنچە قۇرقوپ پۇلمۇ سېلىپ بەرمەس بولغىيدىڭىز؟ بولدى قېرىنداشلار
بۇمۇ پۇلنىڭ خاپىچىلىقدا بىزدىن بىرەر تەسەللى تەلەپ قىلىپ يازغاندۇ...تەسەللى بېرەيلى
ئىنسان بولساڭلار ئۆزىنى كۆرمىگەن، ئۆزىنى تۇنۇمىغان ئادەملەرگە، قىلغان گەپ - سۆزلەرگەئىشەنگەن ئادەمنىڭ ئۆزى ئاخماق.... ساقچىمۇ ئامال قىلالمىسا تەس ئەنسار03 يوللىغان ۋاقتى2015-2-6 00:08
ساقچىمۇ ئامال قىلالمىسا تەس
ئەسلى ساقچىلار دىلو قۇبۇل قىلىپ شۇ بانكا كارتىسى بىجىرگەن ئورۇنغا ۋە تىلفون رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى يوللىشى كېرەك... شۇ يەردىكى ساقچىلار تەكشۈرىدۇ ئاندىن.